ئاتاقلىق كومپوزىتور ئازاد بۇرھانوف ئۇيغۇر كەسپىي سەنئىتىگە زور تۆھپە قوشقان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.03.01
azad-burhanof-qazaqistan-senet.jpg كومپوزىتور ئازاد بۇرھانوف
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى مىللىي كەسپىي سەنئەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشقان پېشقەدەم كومپوزىتور، قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ داڭلىق سازەندىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېنىدىكى خەلقئارا ئاخباراتلاشتۇرۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، خەلقئارا سەنئەت فېستىۋاللىرىنىڭ ساھىبى ئازاد مەشۈر ئوغلى بۇرھانوفتىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان ئىدى. 1940 - يىلى قازاقىستاننىڭ ياركەند شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ئا. بۇرھانوف ئەللىك يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت مابەينىدە ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ باش دىرىژورى، مۇزىكا رەھبىرى، «ناۋا ئانسامبلى» نىڭ بەدىئىي رەھبىرى لاۋازىملىرىنى ئاتقۇردى.

ھازىر ئازادنىڭ يوقلۇقى بېلىنىۋاتىدۇ...

ئا. بۇرھانوف تىياتىرنىڭ رەھبەرلىك خىزمەتلىرىدە ئىشلىسىمۇ، ئۇ، ھەر بىر سازەندە بىلەن ئايرىم ئىشلەشنى بىلىدىغان سەنئەتكار بولغان. بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان ناخشىچى تولۇنئاي ئايساروۋا مۇنداق دەپ ئەسلىدى: «1976 - يىلى "خۇشال چاغدا" دېگەن ناخشا پەيدا بولۇپ، ئۇنى ئۇنتۇلۇپ قالىدىغان بولدۇم، دەپ ئازادنىڭ يېنىغا كىردىم. ئۇ بىر - ئىككى ئاڭلاپلا ناخشىنى نوتىغا ئېلىۋەتتى. مەن ۋەتەندىن چىققانلىقىم ئۈچۈنمېكىن، تىلىم ئۇنىڭغا باشقىچە تۇيۇلغان بولسا كېرەك. ئۇ "تولۇناي، سىز ئۇ ياقتىن چىقتىڭىز، كۆپ ناخشىلارنى بىلىسىز، تىلىڭىز بۇ يەردىكى رۇسچە ئوقۇغانلارنىڭكىدەك ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ناخشىلىرىڭىزنى ماڭا ئېيتىپ بەرسىڭىز، نوتىغا چۈشۈرۈپ، كىتاب چىقارماقچى ئىدىم" دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئون نەچچە ناخشىنى مېنىڭ بىلەن ئولتۇرۇپ ئىشلىدى. كېيىن ئۇ كىتابىنى چىقاردى.»

ئازاد بۇرھانوف ئالماتادا ئۇيغۇر تىياتىرى ئەزالىرى بىلەن بىللە (1980-يىللىرى)
ئازاد بۇرھانوف ئالماتادا ئۇيغۇر تىياتىرى ئەزالىرى بىلەن بىللە (1980-يىللىرى)

تولۇنئاي ئايساروۋا ئا. بۇرھانوفنىڭ كۆپ ئوقۇغانلىقىغا قارىماي، ئۇيغۇر مىللىي ناخشىلىرىنى بىلىدىغانلار بىلەن دائىم مەسلىھەت قىلىپ ئىشلىگەنلىكىنى، ناخشىلارنى نوتىلارغا سېلىشتا ئۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغانلارنى تېپىش تەس بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي خىسلەتلىرى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ چوڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئۆزى شۇنداق بىر كىچىك پېئىل، كۆيۈمچان، مېھرىبان، دائىم چاقچاق بىلەن يۈرىدىغان ئەجايىب "بىر سىرلىق، سەككىز قىرلىق" ئادەملەرنىڭ بىرى ئىدى. مەن ھازىر چىقارغان ناخشىلىرىمنى بالىلارغا ئۈگىتىشىم كېرەك. ئەگەر ئازاد بولغان بولسا، شۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر دەمنىڭ ئىچىدە نوتىغا ئېلىپ، شۇلارنىڭ قويۇپ بېرەتتى. بىزگە ناھايىتى قىيىن چۈشىدۇ. نوتا بىلىدىغان ئادەملىرىمىز بار، بىراق ئازادنىڭ نوتىغا ئېلىشى تامامەن باشقا. ئۇنىڭدا ئەجايىب بىر خىسلەت بار ئىدى. بىزگە ھازىر ئازادنىڭ يوقلۇقى بېلىنىۋاتىدۇ...»

ئازاد ئاكا ھەر قانداق پەيتتە ياردىمىنى ئايىمايتتى

ئا. بۇرھانوف بولۇپمۇ «ناۋا مىللىي ئانسامبىلى» نىڭ ماۋزۇ ۋە مەزمۇن جەھەتتىن بېيىشىدا، ئارتىسلارنىڭ كەسپىي دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىدە، ياش سازەندىلەرنى تەربىيىلەشتە ئالاھىدە كۆزگە چۈشتى. ئۇ شۇنداقلا يېزىلاردا، بىلىم ئورۇنلىرىدا ۋە باشقىمۇ جايلاردا سەنئەت ئۆمەكلىرىنى ئېچىش ئىشلىرىغىمۇ پائال ئارىلاشقان ئىدى. ئۇيغۇر تىياتىرى «ناۋا ئانسامبىلى»نىڭ مۇزىكا رەھبىرى نىيازجان تۇرسۇنوف بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئازاد ئاكا ھەر قانداق پەيتتە، مەيلى ئۇ كونسېرت سەپەرلىرىدە بولسۇن، مەيلى تۇرمۇشتىكى ئېغىر ئەھۋاللاردا بولسۇن، ياردىمىنى ئايىماتتى. مەن ئازاد ئاكىنىڭ شاگىرتى بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن 40 يىل مابەينىدە بىللە ئىشلىگىنىم ئۈچۈن ئۆزەمنى بەخىتلىك ھېس قىلىمەن. چۈنكى مەن ئۇستازىمدىن سەنئەتنىڭ نۇرغۇنلىغان قىر - سىرلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ھاياتنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىغا بەرداشلىق بېرىشنى، چوڭ - كىچىكنى ھۆرمەتلەشنى، ئىشقا بولغان جاۋابكارلىقنى ئۆگەندىم. ئازاد ئاكا ھەقىقىي مەناسىدا ئۆز كەسپىنىڭ ماھىرى ئىدى. شۇڭلاشقا "ناۋا ئانسامبىلى" نىڭ كەسپىي دەرىجىگە كۆتىرىلىپ، ئۇتۇقلارغا يېتىشىدە ئازاد ئاكىنىڭ قوشقان ئەمگىگى بىباھا. بولۇپمۇ، ماۋزۇدىكى ناخشىلارنى نوتىغا ئېلىشتا، سازەندىلەرنى نوتا بىلەن چېلىشقا ئۆگىتىشتە ئازاد ئاكىنى تىياتىرىمىزنىڭ ئۇستازى دېسەك خاتالاشمايمىز. ئازاد ئاكا ناخشىلارنى نوتىغا، خۇددى خەت يازغاندەكلا ئىلدام ئالاتتى. ئەگەر ساز ئەسۋابى يوق پەيتتە، كوچىدا ياكى سەپەرلەردە نوتىغا ئېلىش لازىم بولۇپ قالسا، ئۈشقېتىپلا نوتىغا ئېلىپ بېرەتتى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا سەپەرگە بارغىنىمىزدا، ناخشىنى مەشىق قىلىپ ئېيتىۋاتقاندا، ئازاد ئاكىنىڭ نوتىغا ئېلىپ ئۈلگەرگىنىنى كۆرۈپ، ئۇ ياقتىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئۇنىڭ تالانتىغا قايىل بولغان ئېدى. "مۇقاملار سىرى" نى تەييارلاش جەريانىدا ئازاد ئاكا مۇقاملارنىڭ داستان، تەزە، سەلىقە، جولا، سەنەم، داستان، مەرغۇل، مەشرەپلىرىنى نوتىغا ئېلىپ، مەزكۈر پروگراممىنىڭ سەھنىگە چىقىشىدا ئىنتايىن كۆپ ئەمگەك قىلغان ئىدى. ئەپسۇس، ئازاد ئاكىغا "مۇقاملار سىرى» نى كۆرۈش بۇيرىماي، پروگرامما ئۇستازىمىزنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلاندى.»
ئازاد بۇرھانوف ئالماتادا دوستى شائىر ماخمۇت ئابدۇراخمانوف بىلەن بىللە
ئازاد بۇرھانوف ئالماتادا دوستى شائىر ماخمۇت ئابدۇراخمانوف بىلەن بىللە

ئا. بۇرھانوف 1963 - يىلى ئالماتادىكى چايكوۋسكىي نامىدىكى مۇزىكا تېخنىكومىنى تاماملاپ، پائالىيىتىنى «ناۋا ئانسامبىلى» نىڭ سازەندىسى سۈپىتىدە باشلىغان. ئۇ 1967 - يىلى ئۇيغۇر تىياتىرى يېنىدا تەشكىل قىلىنغان سىمفونىيەلىك ئوركېسترغا دىرىژورلۇق قىلدى. تالانتلىق سەنئەتكار ۋە كومپوزىتور ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى نوتىغا سېلىش، خەلق ناخشىلىرىنى رەتلەش ئىشلىرىغىمۇ يېقىندىن ئارىلاشتى. نەتىجىدە 1985 - يىلى ئۇنىڭ «ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى»، 2007 - يىلى «ئۇيغۇر خەلق مۇزىكا دۇردانىلىرى» ناملىق كىتابلىرى يورۇق كۆردى.

ئۇ مۇقاملارنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تىرىشتى

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شائىر ۋە ژۇرنالىست ئىلاخۇن جەلىلوف ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇق ئون ئىككى مۇقامىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشۇلغان زور تۆھپە ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭ تۈزۈلۈپ، رەتلىنىپ كەلگەنلىكىنى ھەم بۇنىڭدا ئا. بۇرھانوف ئوخشاش سەنئەتكارلارنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مۇقاملار مۇشۇ كەمگىچە ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈش ئارقىلىقلا ساقلىنىپ كەلدى. ئۇنى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا قالدۇرۇش مەسىلىسى مۇشەققەتلىك ئەمگەكنى، ۋاقىتنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن سازاندە ۋە ناخشىچىلارنى تاللاۋېلىپ، بىر يەرگە يىغىش كېرەك. ئاتاقلىق سەنئەتكار ئا. بۇرھانوفنىڭ مەقسىتى ئون ئىككى مۇقامنى نوتىغا چۈشۈرۈش بولغان. ئۇ مۇقاملارنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تىرىشتى. ئازاد كۆپ يىللىق تىنىمسىز ئەمگىكى نەتىجىسىدە ئون ئىككى مۇقامنى نوتىغا چۈشۈرۈپ، تېكىستلىرى بىلەن قوشۇپ، «ئۇيغۇر خەلق مۇزىكسىنىڭ دۇردانىلىرى» نامى بىلەن ئايرىم كىتاب قىلىپ يورۇققا چىقاردى. ئۇنىڭغا خەلق ناخشىلىرىمۇ كىرگۈزۈلدى. ئازاد بۇ ئەمگىكى ئارقىلىق مىللىي سەنئىتىمىزگە ئۈلۈش قوشۇش بىلەن بىللە، ئۆزىگىمۇ ئۆلمەس ھەيكەل ئورنىتىپ كەتتى، دەپ ھېسابلايمەن.»

ئا. بۇرھانوفنىڭ ئۇيغۇر كەسپىي سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا قوشقان تۆھپىسى مۇناسىپ باھالىنىپ، «ھۆرمەت» ئوردېنى ۋە باشقىمۇ مۇكاپاتلار بىلەن تەقدىرلەندى شۇنداقلا ئۇ، ئالماتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ «پەخرىي پۇقراسى» نامىغا مۇيەسسەر بولغان ئىدى.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.