بالېت ئۇسسۇلچىلىقىنى رەت قىلغان ئۇيغۇر قىزى: تازىلىق ئىشچىسىمەن، ھاياتىمدىن رازىمەن

0:00 / 0:00

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنى كەسىپ ۋە ئىش تاللاش جەھەتتە قارار بېرىش قېيىن بولغان بىر ئاچا يول دوقمۇشىدا تەمتىرەتمەكتە. بۇ دوقمۇشنىڭ بىر تەرىپىدە راھەت-پاراغەت كۆرۈنۈپ تۇرغان، ئەمما، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكتىن ئۇزاقلىشىش خەۋپى بولغان داغدام بىر يول، يەنە بىر تەرەپتە ئاقىۋىتىنى تەخمىن قىلىش قېيىن، ئەمما مىللىي كىملىككە خەۋپ-خەتىرى بولمىغان تار ۋە جاپالىق بىر يول. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا، ئەنە شۇ دوقمۇشتا داغدام يولدىن ۋاز كەچكەن بىر قىزنىڭ قىسسىسىنى ئاڭلايسىلەر. ئارزۇ نۇرمەمەت، 22 ياش، ئۇ 12 ياش ۋاقتىدا بەش يىللىق بالېت ئۇسسۇلچىلىقى ئوقۇشىغا، 14 ياش ۋاقتىدا ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە تاللانغان. ئۇ ئاپىسىنىڭ تەلىمى ۋە ئۆزىنىڭ خالىشى بىلەن ئاقسۇ كۇچادا ئۆزىگە قۇچاق ئاچقان بۇ ھەر ئىككى پۇرسەتنى رەت قىلغان. نۆۋەتتە ئۇ ئىستانبۇلدا تازىلىق ئىشچىسى؛ ئەمما ئارزۇمۇ، ئاپىسىمۇ ئەينى چاغدىكى قارارىغا پۇشايمان ئەمەس.

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەنئەتكە قارشى ئەمەسلىكىنى، ئىلىم ئۆگىنىشكە دۇنيانىڭ نەرىدە بولسا رازى ئىكەنلىكىنى؛ ئەمما يۇقىرىقى ئىككى پۇرسەت، ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى تەھدىت دەپ قاراۋاتقان بىر ھاكىمىيەت تەرىپىدىن سۇنۇلغانلىقى ئۈچۈنلا، كېلەچىكىدىن خاتىرجەم بولالمىغانلىقىنى ۋە مۇشۇ سەۋەبتىن رەت قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.