بېلگىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيەت كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا

ياۋروپانىڭ مەركىزى رايونى بولغان بېلگىيەگە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار ئاساسلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىن شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەنلەردۇر.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى بېلگىيىنىڭ بلانكەنبەرگ شەھىرىدە مەشرەپ ئۆتكۈزدى. RFA/Erkin Tarim

ياۋروپانىڭ مەركىزى رايونى بولغان بېلگىيەگە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار ئاساسلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىن شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەنلەردۇر.

شۇ يەردىكى مەشرەپ يىگىت بېشى ئابدۇللامنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بېلگىيەدە تەخمىنەن 3 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقى مەلۇم. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇرلار بېلگىيەگە 1999-يىلدىن ئېتىبارەن كۆچمەن بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە بولغان 17 يىللىق كۆچمەنلىك تارىخىدا، بېلگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى بىر رايونغا مەركەزلىشىپ ياشاپ، بېلگىيەنىڭ تىلىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆگىنىپ، بېلگىيە جەمئىيىتىدە بىر كىشىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ئىشلەش بىلەن بىرگە، پەرزەنتلىرىنى ياخشى ئوقۇش شارائىتىدا مۇھىم كەسىپلەردە تەربىيىلەپ يېتىشتۈرمەكتە.

بېلگىيەدىكى مەشرەپ يىگىت بېشى ئابدۇللام ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بېلگىيەدىكى ئەھۋالى ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىنكى ئورۇنلىشىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىكىنى تىكلەش جەريانلىرىدا جاپا مۇشەققەتلىك مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بېلگىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئەۋلادلىرىنىمۇ ئۆز كىملىكىنى تونۇيدىغان ۋە ئىگە چىقىدىغان ھالەتتە تەربىيەلەشكە ئاساس سېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان مەشرەپتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماقتا.

بېلگىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەشرەپنىڭ تۈرلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، چوڭلار مەشرىپى، ياشلار مەشرىپى، ئاياللار مەشرىپى، دوستلار مەشرىپى، مەھەللە مەشرىپى قاتارلىق مەشرەپ شەكلىدە ھەر ئايدا ئېلىپ بېرىلماقتا.

بۇ ھەقتە بېلگىيەدىكى چوڭلار مەشرىپىنىڭ يىگىت بېشى ئابدۇللام مەشرەپنىڭ بېلگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتى ھەمدە ئۆز-ئارا بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن زور تۈرتكىلىك رولى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بېلگىيەنىڭ ھەر قايسى تۆت رايونىدىكى ئۇيغۇرلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان «چوڭ مەشرەپ» نى ھەر بىر رايون ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ 4 ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىدىكەن.

مەشرەپلەر قائىدە بويىچە ئېلىپ بېرىلىپ، ھەر خىل سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلىدىكەن ۋە مەشرەپتە چوقۇم ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدىكەن.

سىياسىي خەۋەرلەر، ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار، كېسەللەر ۋە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنى يوقلاش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

بېلگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە مەھەللە مەشرىپىمۇ بار بولۇپ، ئادەم سانى ئازراق بولسىمۇ، بىراق بۇلارمۇ ھەر ئايدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنمەكتە.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەھەللە يىگىت بېشى ئىسكەندەر مەشرەپ ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.

بېلگىيەدىكى ئۇيغۇرلار يەنە يېڭى ئەۋلادلىرىغا ئانا تىل ئۆگىتىش، ئۆز-ئارا ئالاقىلەردە ۋە مەشرەپ پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.

بېلگىيە ئۇيغۇر جامائىتى مەشرەپتىن باشقا يەنە، ئانا تىل ئۆگىنىش كۇرسى، سەنئەت، تەنتەربىيە ۋە باشقا مەدەنىي پائالىيەتلەرنىمۇ ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىكەن.

بېلگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپ ۋە باشقا پائالىيەتلىرىگە ئىزچىل قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ئىبراھىم ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا تەنتەربىيە ۋە باشقا ساھەلەردە بەلگىلىك نەتىجە قازانغانلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بېلگىيە جەمئىيىتىگە ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇپ، قەدەممۇ-قەدەم بۇ دۆلەت جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org