ئۇيغۇر رايونىدا مۇسۇلمانلارنىڭ چاغان بايرىمى ئۆتكۈزۈشى مەجبۇرىيەتكە ئايلاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.02.04
chen-chuengo-chaghan-uyghur-yoqlash.png ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۇەنگو چاغان ھارپىسىدا مەلۇم ئۇيغۇرنىڭ ئويىنى يوقلاپ كەلگەن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 2-فېۋرال، ئۈرۈمچى.
ts.cn

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا مۇسۇلمانلارنى بۇ يىللىق چاغان بايرىمىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ۋە تېخىمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەپ، ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقتىكى شەھەر، ئوبلاست، ۋىلايەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي رايون ۋە يېزا-كەنتلەردە ھەر خىل ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەن. دائىرىلەر مۇسۇلمانلارنى كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرۇش بىلەن تەڭ، ئائىلىلەردە چاغان ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان.

دائىرىلەر ئاممىۋى پائالىيەتلەردە ئۇيغۇرلارغا خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى بايرام كىيىملىرىنى كىيىپ، ئۇلارنى كوللېكتىپ قىزىل ناخشا ئېيتىشقا، شىر ئويۇنى، دۇمباق ئۇسۇلى، ياڭگېر ئۇسۇل، دېگەندەك ئەنئەنىۋى خىتاي ئۇسۇللىرىنى ئويناشقا تەشكىللىگەن. ئائىلىلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ چاغان كېچىسى تۈگۈرۈك (جۇۋاۋا) تۈگۈپ يېيىشى، دەرۋازا، ئىشىك-دېرىزىلىرىغا مەسنەۋىي چاپلىشى، پانۇس ئېسىشى تەلەپ قىلىنىپ، بۇ، شۇ ئائىلىنىڭ «قالاق ئۆرپ-ئادەتلەرنى تاشلاپ»، «زامانىۋى مەدەنىيەت» نى قوبۇل قىلىش، خىتاي دۆلىتىگە بولغان «سىياسىي ساداقىتى» نى ئىپادىلەشنىڭ ئۆلچىمىگە ئايلانغان. 4‏-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر خىزمەتچى خادىم، چاغان ئۆتكۈزۈشنىڭ بىر مەجبۇرىيەتكە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھازىر ئۇ تۇرۇشلۇق ناھىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا، ئەتلەس كۆڭلەك قاتارلىق مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ پائالىيەت قىلىشىغا بولمايدىكەن.

ئۇيغۇر خىزمەتچى: «باھار بايرىمىدا كەنتلەردە بۈگۈن مەدەنىيەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. پۈتۈن ئائىلىلەر مەسنەۋى ۋە پانۇسلارنى ئېسىپ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. كىيىم-كېچەكلەردە، بىر خىل كىيىم-كېچەك كىيىسىلەر، دەپ ئەرلەر بىر خىل، ئاياللار بىر خىل كىيىم كىيدى. مەنمۇ كىيدىم. جۇۋاۋا تۈگۈپ يېدۇق. ئايال جۇۋاۋىغا تەييارلىق قىلدىم، دەپ شۇنداق دېگەن، ھازىر ئۆيدە جۇۋاۋا تۈگۈۋاتىدۇ. بىر ھەپتىدەك بولدى، ھەر قايسى ئەترەتلەرنىڭ چاغانلىققا تەييارلىق قىلىۋاتقىنىغا. بۈگۈن كەنتىمىزدە دەل شۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزدى. كەچ بولغاندا ھېلىقى ناخشىلارنى ئېيتىپ قويۇپ بەردى. ھېلىقى بىزنىڭ قىزىل ناخشىلار بارغۇ، ‹كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايدۇ› دېگەن، پۈتۈن ئائىلە بويىچە ئاشۇ ناخشىلارنى ئۆگىنىپ بولغان. شۇ ناخشىلارنى ئېيتتى».

مۇخبىر: چاغانلىقتا ئەتە نېمە پائالىيىتىڭلار بار يېزاڭلاردا؟

خىزمەتچى خادىم: «ئەتە پۈتۈن كەنتىمىز بويىچە بايراق چىقىرىدىغان پائالىيىتىمىز بار. شۇنىڭغا قاتنىشىۋېتىپ، ئاندىن ئائىلە بويىچە تەييارلىق قىلغان ئۇسسۇل-ناخشىلار بار، ئەتە بىر كۈن شۇ يەردە پائالىيەت قىلماقچى. ئاياللار مەخسۇس قىزىل كۆڭلەك كىيىگلىك، ئەرلەر بىر خىل كىيىم كىيىپ كەنتتە پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ. بۇرۇنقى دوپپا، ئەتلەس كۆڭلەك دېگەنلەر نەرسىلەرنى كىيمەيدۇ ھازىر. پۈتۈن قېرى-ياش ھەممىسى پۈتۈنلەي خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىدۇ. چاغانلىق پائالىيەتكە تەييارلىق قىلىۋاتقىنىمىزغا 10-15 كۈندىن ئېشىپ كەتتى. يىلدا بۇرۇن پانۇس، مەسنەۋىلەرنى ئانچە ئاسمايتتى. پەقەت ئىدارە-جەمئىيەتلەرنىڭ ئالدىغا ئۇنچە-مۇنچە ئاساتتى. ھازىر پۈتۈن كەنت، مەھەللىلەرگە، ھەر 50 مېتىر ئارىلىققا پانۇس ئېسىۋېتىگلىك».

مۇخبىر: پۈتۈن ئائىلىلەرگىمۇ ئېسىلدىما؟

خىزمەتچى خادىم: «پۈتۈن ئائىلىلەر ئىشىكنىڭ بېشىغا 2 دىن پانۇس، مەسنەۋىنى دەرۋازىنىڭ كىرىشىگە، ئىككى تامغا، ‹بەخت›دېگەن سۆزنى دەرۋازىنىڭ ئوتتۇرىغا ئاشۇنداق چاپلىدى. ‹پۈتۈن ئائىلىلەر پانۇس ئاسىسىلەر› دەپ تەشۋىق قىلغان. لېكىن، پانۇس ئالالمىغۇدەك نامراتلار بار بىزنىڭ كەنتىمىزدە. پانۇس ئېلىشقا قۇربى يەتمىگەنلەرگە پۇلى بارلار ياردەم قىلدى. مەن پانۇسنىڭ دانىسىنى 18 سومدىن ئېلىپ 2070 كويلۇق پانۇس ئېلىپ دادۈيگە ‹ماۋۇ مېنىڭ ياردىمىم بولۇپ قالسۇن، نامرات ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بېرىڭلار› دەپ 50 جۈپ پانۇسنى ئۆز قولۇم بىلەن تاپشۇرۇپ بەردىم. بىزنىڭ بۇ يەر بەك نامرات، ئاجىز-ئۇرۇقلار كۆپ. شۇڭا، ناھىيەگە كىرىپ 50 جۈپ پانۇس ئالغاچ چىقتىم. ئۆزۈم ئىككىنى تاقىدىم. ئادىمىزگە توغرا كەلمەيدۇ، دەپ تاقىمىغانلار يوق».

چەتئەلدىكى بەزى خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى چاغان ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاشتەك بۇ خىل قىلمىشى «نوقۇل دىنىي زىيانكەشلىكلا ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەت تازىلىشى» ئىكەن. ئامېرىكا نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زىيارەتچى تەتقىقاتچىسى تېڭ بياۋ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ نوقۇل دىنىي جەھەتتىكى بۇزغۇنچىلىق بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە بىر خىل مەدەنىيەت تازىلىشىدۇر. ئۇ بۇ خىل مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاتالمىش بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەلىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىشنى مەقسەت قىلماقتا. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەيلى شىنجاڭ، مەيلى تىبەتنى بولسۇن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، دەپ تارىخنى بۇرمىلاپ كەلدى. ئۇنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە دېگىنىمۇ پۈتۈنلەي بىر شەكىلۋازلىقتۇر».

تېڭ بىياۋنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت جىددىي تەدبىر ئالمىسا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. تېڭ بىياۋ مۇنداق دەيدۇ: «مەيلى شىنجاڭ مەيلى شىزاڭ بولسۇن ئۇلارنىڭ بۇ خىل تۈزۈمنى ۋە خىتاي بىرلىكىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، بۇ ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىشى تەبىئىي ئەھۋال. لېكىن كومپارتىيە بۇ نارازىلىقنى باستۇرۇشتا ئىككى خىل ۋاستىغا تايىنىپ كەلدى. بىرى، زوراۋانلىق، يەنە بىرى مېڭە يۇيۇشتۇر. ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا ئۈنۈملۈك بېسىم ئىشلەتمىسە، بۇ ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملىشىپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ۋە مېڭە يۇيۇش سىياسىتى مەلۇم ئۈنۈمگە ئېرىشىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ئىشنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.