«1916 - يىلىدىكى بۈيۈك تۈركىستان قىرغىنچىلىقىنىڭ 100 يىلى» دېگەن يىغىندا ئۇيغۇرلارمۇ تىلغا ئېلىندى
2016.03.19
17 - مارت چارشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا «1916 - يىلىدىكى بۈيۈك تۈركىستان قىرغىنچىلىقىنىڭ 100 - يىلى» دېگەن نامدا بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا 1916 - يىلىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقتا نۇرغۇن ئۆزبېك، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزلارنىڭمۇ قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ قىرغىن قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بۇ يىغىن مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان خەلقئارا تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان مەزلۇم دەر جەمئىيىتى، IHH ئىنسان ھەق ۋە ھۆرىيەتلىرى ياردەملىشىش فوندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، خەلقئارا مۇساپىرلار جەمئىيىتى قاتارلىق كۆپ ساندا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرى شۇنداقلا مۇخبىرلار قاتناشتى.
يىغىندا ئالدى بىلەن خەلقئارا تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بورھان قاۋۇنجى ئەپەندى سۆز قىلىپ 1916 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادا چار رۇسىيەگە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى مەيدانغا كەلگەن قوزغىلاڭلار ۋە بۇ قوزغىلاڭلاردا قىرغىن قىلىنغان ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئېلان قىلدى.
يىغىن زالىغا ئەينى دەۋردە قوزغىلاڭ قىلىپ شېھىت بولغانلارنىڭ چوڭ ھەجىملىك رەسىملىرىنى ئاسقان بولۇپ، بۇلارنىڭ قاتارىغا 1933 - يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ھارپىسىدىكى رەسىملەر ۋە ئوسمان باتۇرنىڭ رەسىملىرى ئېسىلغان.
خەلقئارا تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بورھان قاۋۇنجى ئەپەندى 1916 - يىلىدىكى بۈيۈك تۈركىستان قەتلىئامىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «1916 - يىلىنىڭ باشلىرىدا رۇس مەتبۇئاتلىرىدا، ھازىرغىچە ئەسكەرلىككە ئېلىنمىغان مىللەتلەرنى ئارقا سەپتە ئىستىھكام قۇرۇش ئىشلىرىغا سېلىش ئۈچۈن رۇس ھۆكۈمىتىنىڭ قارار ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن رايوندىكى خەلقنىڭ رۇسلارغا بولغان نارازىلىقى كۈچەيدى. زىيالىيلار ھەر قايسى جايلاردا يىغىن ئۇيۇشتۇردى. خۇسۇسەن تۈركىستان رايونىدا مەھمۇت خوجا بەھبۇبى رەھبەرلىكىدە، سەمەرقەنتتە ۋە بوزقىر ئومۇمىي ۋالىيلىق تەۋەسىدە ئالاش ئوردا ھەرىكىتى ئەسكەرگە ئېلىش ئىجرائىتى يۈرگۈزۈلگەن تەقدىردە نارازىلىق نامايىشى باشلىتىشنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن 1916 - يىلى رۇس ئىمپېراتورلۇقى 2 - نىكولاي ئىمزاسى بىلەن رۇس بولمىغان ئەركەكلەرنى ئەسكەرگە ئېلىش بۇيرۇقى ئېلان قىلىندى. ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقان رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ سېپىغا قېتىلىپ ئۇرۇش قىلىش تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئەھۋال ئىدى. شۇنىڭ بىلەن رۇسلارغا قارشى قوزغىلاڭ باشلاندى. 1916 - يىلىدىكى قوزغىلاڭ ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى قوزغىلاڭلارغا قارىغاندا تۈركىستاندا تەسىرى چوڭ بولدى ۋە كەڭ دائىرىدە يېيىلدى. بۇ قوزغىلاڭغا قازاقلار، قىرغىزلار، ئۆزبېكلەر، تۈركمەنلەر، تاجىكلار، قاراقالپاقلار ۋە ئۇيغۇرلار قاتناشتى. بۇ قوزغىلاڭنىڭ تەسىرى پۈتۈن رۇس ئىمپېراتورلۇقىغا تارالدى.»
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1916 - يىلى 9 - ئىيۇل كۈنى فەرغانەدە باشلانغان قوزغىلاڭ 11 - ئىيۇل كۈنى تاشكەنتكە تۇتاشقان. 10 - ئىيۇل كۈنى مەرغىلاندا باشلانغان قوزغىلاڭ 13 - ئىيۇل كۈنى ئەنجان ۋە قوقەندكە تۇتاشقان.
يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تۈركىستان جۇغراپىيەسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «غەربىي تۈركىستان شەرقىي تۈركىستان بۈيۈك تۈركىستاننىڭ بىر گەۋدىسىدۇر. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش شەرقىي تۈركىستاندىمۇ نۇرغۇن قىرغىنچىلىقلار يۈز بەردى، شۇنىڭ ئۈچۈن قەيەردىن، قاچان زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقىمىزنى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارىتا تەدبىر ئېلىش ئۈچۈن تارىخنى ياخشى ئوقۇپ ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن.»
يىغىندا سۆز قىلغان ئاكىنجىلار ھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەھمەت شاھىن ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ۋە ياكى بۈيۈك تۈركىستان ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئوخشاش ئىپادە بىلدۈرىدۇ. بىز تۈركىيە مۇسۇلمانلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بىر ئىش قىلىش بوينىمىزدىكى بۇرچتۇر. ئۇلار بىزنىڭ قۇتۇلدۇرۇشىمىزنى كۈتۈۋاتقان، ئازادلىققا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزدۇر.»
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ناماز نۇرمۆمىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ناماز نۇرمۆمىن ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى ۋە 1916 - يىلىدىكى قىرغىنچىلىق توغرىسىدا پىكىر - بايان قىلدى.









