ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ چار رۇسىيەگە قارشى قوزغىلىڭىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان

0:00 / 0:00

بۇ يىل 6-ئايدا، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى، بولۇپمۇ قازاق، قىرغىز ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ چار رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى 1916-يىلىدىكى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلىڭىغا 100 يىل توشىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھازىر قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان مەتبۇئاتلىرىدا 1916-يىلىدىكى بۇ ۋەقەلەرنى ئەسلەشكە ئائىت تۈرلۈك ماقالىلەر ئېلان قىلىنماقتا ۋە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە.

«ئازادلىق رادىئوسى» نىڭ خەۋەر مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى 2016-يىلى، 1916-يىلىدىكى قىرغىزلارنىڭ قوزغىلىڭىنى مەملىكەت بويىچە خاتىرىلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان.

تارىخى مەمبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 1916-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا يۈز بەرگەن بۇ قوزغىلاڭغا يەتتىسۇدىكى ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «لاشمان ۋەقەسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

مەلۇمكى، 1914-يىلى بىرىنچى جاھان ئۇرۇشى باشلىنىپ، ئۇ ئاددىي خەلققە كۆپ جاپالارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ ئۇرۇشقا تەييارلىقسىز كىرىشكەن چار رۇسىيەسى دەسلەپتىلا مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچراشقا باشلىدى. رۇس ئارمىيىسىنى كىيىم-كېچەك، ئوزۇق-تۈلۈك، يېقىلغۇ ۋە باشقىمۇ كېرەكلىك نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىدە پادىشاھ ھۆكۈمىتى 1916-يىلى 25-ئىيۇندا مەخسۇس پەرمان چىقاردى. بۇ پەرمان بويىچە 19 ياشتىن 43 ياشقىچە بولغان قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، ئۇيغۇر ئوخشاش مۇسۇلمان ياشلارنى فرونتنىڭ ئارقا سېپىدىكى قارا ئىشلارغا مەجبۇرىي رەۋىشتە سەپەرۋەر قىلىش كۆزدە تۇتۇلدى. ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا بۇ «لاشمان ۋەقەسى» دېگەن نام ئالدى.

بۇ پەرمان ئېلان قىلىنىپ، كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا جاي-جايلاردا قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ھازىرقى پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق ۋە تالغىر ناھىيىلىرىدىمۇ نارازىلىق كۈچەيدى.

بۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى، مەزكۇر مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزدەنگەن تەتقىقاتچى ئۆكتەبىر جامالدىنوف مۇنداق دېدى:
«يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنى بەرمەي، گادايلارنىڭ بالىلىرىنى تىزىمغا يېزىپ بېرىدۇ. يەرلىك خەلق ۋەكىللىرى بۇنىڭغا قارشى چىقىدۇ. خەلق ئاقسۇ-چارىن بولۇسلىقىدىكى بولۇسنىڭ ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. شۇ ھۇجۇم جەريانىدا تىزىمغا ئېلىنغان كەمبەغەل بالىلىرىنىڭ تىزىمىنى بولۇستىن تارتىۋالىدۇ. بولۇسلار قىرغىزسايدىكى پادىشاھ ھۆكۈمىتى ئەسكەرلىرىگە خەۋەر قىلىپ، ئۇ يەردىن كەلگەن ۋەكىللەر تىزىمنى تارتىۋالغان 11 ئادەمنى قاماققا ئالىدۇ.»

ئو. جامالدىنوفنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ قارشىلىق ھەرىكەتكە توخنىياز، جەرۇللا، مۇسا، كېرىم قاتارلىق كىشىلەر ئاكتىپ قاتناشقان. پادىشاھ ئەسكەرلىرى قاماققا ئېلىنغانلارنى قايقا دېگەن يەردە ئېتىپ تاشلىغاندا شۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى تىرىك قېلىپ، بۇ ۋەقەنى خەلققە يەتكۈزگەن.

ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ 1916-يىلى مەجبۇرىي تۈردە ئۇرۇش ئارقا سېپىگە ئېغىر خىزمەتكە ئەۋەتىشكە قارشى چىقىشى نەتىجىسىدە دۇچ كەلگەن جازالاشلار، تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ھەققىدە تۈرلۈك ناخشا-قوشاقلارنى ئىجاد قىلغان بولسا، قازاقىستان ئۇيغۇر ئالىملىرى، ئەدىبلىرىمۇ بۇ ۋەقە ھەققىدە ھەر خىل ئەدەبىي ئەسەرلەر، تەتقىقات ئەسەرلىرى، داستانلارنى يازغان، بۇ ئەھۋال ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا. بۇ ھەقتە كوپ ئىزدەنگەن تەتقىقاتچى، ئۆكتەبىر جامالىدىنوف مۇنداق دېدى:

«بىرىنچى قېتىم بۇ ۋەقەنى ‹1916-يىل قوشاقلىرى› دەپ 1963-يىلى ھېزىم ئىسكەندەروف بىلەن جالال مۇسايېف ‹ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى› توپلىمىدا ئېلان قىلىدۇ. مەن ئېكسپېدىتسىيە جەريانىدا 1916-يىلقى ۋەقەگە باغلىق قوشاقلارنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇم. مەن يالغۇز ئولاتا قوشاقچى ئەمەس، ئامان باقى، باقى موللا، ئەخۋەر، ئەسۋەر دېگەن قوشاقچىلارنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم ۋە ئۇلارنى يېزىۋالدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ 1975-يىلقى ‹ئۇيغۇر قوشاقچىلىرى› دېگەن قوشاقلار توپلىمىمدا بۇ ھەقتە مەلۇماتلارنى بەردىم.»

ئو. جامالدىنوف مەزكۇر قوشاقچىلار ھەققىدە مەلۇماتلارنى خەلقتىن يىغىپ، ئۆز ئەمگىكىدە ئېلان قىلدى.

ئۇ شۇنداقلا ھ. ئىسكەندەروف بىلەن تاتار ئالىم سابىرجان شاكىرجانوفنىڭ ئۇيغۇرلار ماكانلاشقان يېزا-كەنتلەرنى ئارىلاپ، بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن قوشاقلارنى توپلىغانلىقىنى، بۇ مەلۇماتلارنىڭ ھازىر ئارخىپلاردا ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، لاشمان ۋەقەسىنى مۇشۇ كۈنگىچە خەلقنىڭ ئۇنتۇماي كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يازغۇچى ئىسمايىلجان ئىمىنوف بولسا، يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن مۇنداق ۋەقەلەرنىڭ كۆپ بولۇپ، بۇنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشنىڭ بولۇپمۇ يازغۇچىلارنىڭ، ئالىملارنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نۆۋەتتە، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا 1916-يىلىدىكى لاشمان ۋەقەسى، يەنى قازاق -قىرغىزلارنىڭ قوزغىلاڭلىرى ھەققىدە كۆپ ماقالىلەر ۋە ئارخىپ ئاساسىدا ئىزدىنىشلەر مەيدانغا چىقماقتا. بۇ ھەرىكەت مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكىدىن بەزى پەرقلىق باھالار بېرىلمەكتە. تارىخچى ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋەقەلەرگە، جۈملىدىن قازاقىستاننىڭ چار رۇسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىش تارىخىغا قايتا باھا بېرىش ۋە ئىزدىنىش ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈچۈن ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا.

بۇ ۋەقەدە نۇرغۇن قازاق ۋە قىرغىزلارنىڭ چار رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ قىرغىن بولغانلىقى، زور ساندىكى ئاھالىنىڭ قوشنا ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ قەشقەر، ئاقسۇ، ئىلى ۋە باشقا جايلارغا قېچىپ بېرىپ پاناھلىنىش قا مەجبۇر بولغانلىقى يېزىلماقتا.