مەشھۇر يازغۇچى چىڭغىز ئايتماتوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى خاتىرىلەندى
2018.12.13

چىڭغىز ئايتماتوف بۈگۈنكى زامان قىرغىز ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن بۈيۈك بىر سىما. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى قىرغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتى شۇنىڭدەك سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى رۇس تىللىق خەلقلەر ئەدەبىياتىدىمۇ بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغان.
چىڭغىز ئايتماتوف 1928-يىلى قىرغىزىستاندا تۇغۇلغان. 1950-يىللاردىن كېيىن ئۇ پۈتكۈل سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدەبىياتىدا بىر مىللىي يازغۇچى سۈپىتىدە تونۇلۇشقا باشلىغان. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، زور تەسىر قوزغىغان. چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ كۆپ قىسىم ئەسەرلىرى 1980-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان شۇنداقلا ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئايلانغان. «ئايتماتوف ئەسەرلىرىدىن تاللانما»، «ئاق پاراخوت»، «ئەسىردىن ئۇزاق بىر كۈن»، «قىيامەت»، «ئالا ئىت قىياسى» قاتارلىق كۆپ قىسىم ئەسەرلىرى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىپ، قىزغىن قارشى ئېلىنغان.
يېقىندا قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى سورونباي جېينبەكوف 2018-يىلىنى «چىڭغىز ئايتماتوف يىلى» دەپ ئېلان قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىرغىزىستان بويىچە مەرھۇم يازغۇچى چىڭغىز ئايتماتوف تەۋەللۇتىنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلان نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىمۇ بۇ قاتاردا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، توقماق، ئوش ۋە قارابالتا قاتارلىق شەھەرلەردە چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان سەنئەت كېچىلىكلىرىنى ئۆتكۈزدى. گەرچە بۇ پائالىيەتلەر يازغۇچى چىڭگىز ئايتماتوف تەۋەللۇتىنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر جامائىتى مەزكۇر مۇراسىملار ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىلىمپەرۋەرلىكىنى نامايان قىلدى.
قارابالتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە موسكوۋسكىي، پانفىلوۋسكىي ۋە سوكۇلۇكسكىي ناھىيەلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار قاتناشتى. پائالىيەتكە قارابالتا شەھەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى، «ئىتتىپاق ئۆيى» نىڭ ئەزالىرى ۋە گېزىت مۇخبىرلىرى دەۋەت قىلىندى. مۇراسىم قىرغىزىستان خەلق ئەرتىسى سۇلتان كەرىموفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف، چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنى پەخىرلەندۈرگەن ئاتاقلىق يازغۇچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
مۇراسىم داۋامىدا «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋە پەلسەپە پەنلەرنىڭ كاندىدات نامزاتى ئە. باۋۇدۇنوف چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ ئىجادىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىدە ۋەتەن، مىللىي روھ ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك تېمىلىرىنىڭ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
«يۇلتۇز» ئانسامبىلىنىڭ ئۇسسۇلچىسى گۈلناز مەخسۇتوۋا چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ ئۆمۈر-ھاياتى توغرىسىدا دوكلات بەردى. قارابالتا شەھىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىدىن پارچىلارنى ئوقۇپ بېرىشتى.
قىرغىزىستاندا تونۇلغان يازغۇچى مەمەتجان ياسىن بوغدا ئەپەندى ئۆز نۇتقىدا چىڭغىز ئايتماتوفنى ئۇستازى قاتارىدا تونۇيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
قارابالتا شەھەرلىك ئاياللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى گۈلبوستان مۆمىنوۋا ئەدىب مەمەتجان ياسىن ئەپەندىنىڭ يازغۇچى ئايتماتوفقا بېغىشلىغان شېئىرىنى ئوقۇپ بەردى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كارابالتا شەھەرلىك ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى گۈلنىسا تېمىروۋا مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەت قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئابرۇيىنى كۆتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىشتا بىر كۆزنەك بولىدۇ.»
قارابالتا شەھىرىدە 2000 غا يېقىن ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ. ئۇلار ئاساسەن 1960-يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈپ كەلگەنلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ يىللىق «ئانا تىل» كۈنىگە بېغىشلانغان پائالىيەتلەردە چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ «يۈزمۇ-يۈز» ئەسىرىنىڭ بىر پارچىسىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇدى، خەلق ئەرتىستى سۇلتان كەرىموۋا «ئايتماتوف» ناملىق ناخشىسىنى ئورۇنلىدى. ئۇندىن باشقا قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيىتىگە ئەمگەك سىندۈرگەن رەسسام سابىتجان باباجانوف يازغۇچى ئايتماتوفنىڭ ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى.