دالاي لاماغا ئۇيغۇر دوپپىسى سوۋغا قىلىندى

ئىختىيارى مۇخبىرمىز پىدائىي
2014.05.16
Dalay-Lama-Uyghur-Doppa.JPG دالاي لاما سوغا قىلىنغان ئۇيغۇر دوپپىسى كىيمەكتە. 2014-يىلى 11-ماي، گوللاندىيە.
RFA/Pidaiy

گوللاندىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، لېكسىيە سۆزلىگەن تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاماغا ئۇيغۇر دوپپىسى سوۋغا قىلىندى. دالاي لامانىڭ ئۇچىسىدىكى قېزىل رەڭلىك راھىب نىمچىسى ۋە بېشىدىكى ئۇيغۇر دوپپىسى نەچچە مىڭ ئادەم بىلەن تولغان زالدىكى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى چەكتى.

دالاي لاماغا دوپپا سوۋغا قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، دالاي لاما لېكسىيە باشلىنىپ تاكى زالدىن ئايرىلغۇچە ئۇيغۇر دوپپىسىنى بېشىدىن ئالمىغان.

11‏-ماي يەكشەنبە تىبەتلەرنىڭ مەنىۋى داھىيسى دالاي لاما گوللاندىيەدىكى ئاھوي تەنتەربىيە سارىيىدا، تىبەتلەرنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە جۇڭگونىڭ دېموكراتىك تۈزۈمدىكى بىر دۆلەتكە ئايلىنىشىنى مەقسەت قىلغان بىر لېكسىيە بەردى.

ئۇ سەھنىدە، ئۆزىگە سوۋغا قىلىنغان ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ تۇرۇپ سۆز قىلدى. دوپپىنى گوللاندىيەدە پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئاكتىپلاردىن، بەختىيار ناسىر ۋە غەيرەتجان روزى ئەپەندىلەر تەقدىم قىلغان ئىدى.

ئۇنىڭ شۇ قىياپەتتىكى ھەرخىل رەسىملىرى تور بەتلىرىدە كەڭ كۆلەمدە يەر ئالدى. ئۇ زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار قاتارىدا تەقدىرداش بولۇۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل خەلقىگە سەۋر ۋە ئاسايىشلىق تىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، دالاي لاما بۇ قېتىملىق ياۋروپا زىيارىتىدە بىر نەچچە دۆلەتنى ئايلىنىپ گوللاندىيەگە كەلگەن بولۇپ، 10‏-مايدىن 12‏-مايغىچە گوللاندىيەدىكى سىياسىي ئەربابلار بىلەن، تەشكىلاتلار بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈشلەردىمۇ بولغان.

بىز ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بولغان تەرەپلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا تەقدىم قىلىش ئۈچۈن، شۇ پائالىيەتكە بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلغان ۋە دالاي لاماغا ئۇيغۇر دوپپىسىنى ھەدىيە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى تونۇلۇشىغا ھەسسە قوشقان غەيرەتجان روزى ۋە بەختىيار ناسىر ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.

غەيرەتجان روزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە: دالاي لامانىڭ گوللاندىيەگە زىيارەتكە كېلىدىغانلىقىدىن خىلى بۇرۇنلا خەۋەر تاپقان بولۇپ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان ۋە مەزكۇر پائالىيەتتىكى مۇۋاپىق بىر پۇرسەتنى قازىنىپ، دالاي لاماغا ئۇيغۇر دوپپىسىنى تەقدىم قىلغان.

دالاي لامامۇ ھەدىيەنى قوبۇل قىلىپلا قالماي، بەلكى بېشىغا كىيىپ تۇرۇپ 2 سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان لېكسىيىسىدە، بىر ئىككى قېتىم بېشىدىن ئېلىپ تەرلىرىنى سۈرتكەندىن كېيىن، تەكرار كىيىۋېلىپ سەھنىدىن شۇ قىياپىتى بىلەن ئايرىلغان.

بەختىيار ناسىرنىڭ ئېيتىشىچە، پائالىيەتكە ئىنتايىن كۆپ ئادەم كەلگەن بولۇپ، شۇنداق بىر پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرەلىگەنلىكىدىن خۇشال بولغان ۋە ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش يولىدا، چەتئەللىكلەرگىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي خەلقىگىمۇ تونۇتۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلغان ۋە بۇ يولدا خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشىنىڭ لازىملىقىنى تونۇپ يەتكەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىزلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.