تارىخچى داۋۇت ئىسىيېف قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى
2016.07.23

بۇ يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىدىن يېتىشىپ چىققان ئاتاقلىق تارىخچى داۋۇت ئىسىيېف ھايات بولغان بولسا، ئۆزىنىڭ 80 - باھارىنى قارشى ئالغان بولاتتى. د. ئىسىيېف ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بولۇپمۇ 60 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ قازاقىستاندا كەڭ دائىرىدە راۋاجلىنىشقا باشلىغان ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىنىڭ ئىلغار ۋەكىللىرىدىن بىرىدۇر. 1949 - يىلدىن پائالىيەت ئېلىپ بارغان قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى، ئاندىن 1986 - يىلى ئۇنىڭ ئاساسىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى كۆپلىگەن تارىخچىلارنى توپلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە چوڭ تەتقىقات ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى. بۇ دەۋردە ئۇلار سېپىدە ئەرشىدىن ھىدايەتوف، مالىك كەبىروف، گېگىل ئىسقاقوف، داۋۇت ئىسىيېف، رۇقىيەم خوجايېۋا قاتارلىق تەجرىبىلىك مۇتەخەسسىسلەر يېتىلىپ چىقىپ، ئۇلار كۆپلىگەن ياش كادىرلارنى تەييارلىدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كان ئىنژېنېرى، پروفېسسور ئابدۇللام سامساقوف د. ئىسىيېفنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخىنى ئۆگىنىشتىكى تۆھپىسىنى مۇنداق دەپ باھالىدى: «داۋۇت ئاكا يەتتىشەر دۆلىتى توغرىلىق مونوگرافىيىسىنى يېزىپ چىقتى. د. ئىسىيېف بۇ ئەمگەكنى پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ يازغان. مۇنداق ئەمگەك بۈگۈنكىچە ھېچ يەردە يوق دېسەم خاتالاشمايمەن. ئۇ كىتاب كۆپ يەرلەردە قالمىدى. ئەگەر مۇمكىن بولسا، سەكسەن يىللىق تەۋەللۇتىغا شۇنى چىقىرىپ، ئەلگە تارقىلىشىنى خالىغان بولاتتىم.»
ئىگىلىشىمىزچە، د. ئىسىيېف ئىلمىي تەتقىقاتتىن تاشقىرى، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنممۇ شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا بىر قاتار ھېكايىلەرنى يورۇققا چىقارغان. ئۇ شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا ئالاھىدە كۆزگە چۈشۈپ، كۆپلىگەن جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ بېشىدا تۇرغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغان دەسلەپكى يىللاردىلا د. ئىسىيېفنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىنى تىكلەش، مىللىي مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش ۋە باشقىمۇ ئىشلارغا قىزغىن كىرىشكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن ئەسكەردە خىزمەت قىلىۋاتقان پەيتتە تونۇشقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «داۋۇت ئاكا ئالدىن كۆرۈش قابىلىيىتىگە ئېگە ئاكادېمىك غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ رەھبەرلىكىدە 1991 - يىلى 25 - ئۆكتەبىردە قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئالماتادا ئۆتكۈزۈلگەن پەۋقۇلئاددە ئەنجۇمەنىدە ‹جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ ئورتاق تەشكىلاتى› نى قۇرۇش بويىچە تەييارلىق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە ھۆججەتلەرنىڭ لايىھىلىرىنى تۈزۈشتە ياردەملەشتى ۋە مەسلىھەتلەرنى بەردى. ئۇ 1992 - يىلى يانۋاردا بەش مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتراكىدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتايدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەتلەر ئارا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ئورگانىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلاندى. بۇ ئورگاننىڭ تەشكىلىي يىغىنىدا ئۇ بىر ئېغىزدىن مەدەنىيەت ۋە مائارىپ كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولۇپ تەستىقلەندى. داۋۇت ئاكا 1992 - يىلى نويابىردە تەشكىلاتىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئىستېداتلىق شائىر دولقۇن ياسىن بىلەن بىرلىكتە ئالماتادا، ئاندىن ئۇيغۇر ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، ماھىر تەشكىلاتچى شاماخۇن نۇرۇموفنىڭ ساھىبخانىلىقىدا چوڭ ئاقسۇدا يالقۇنلۇق شائىر، مىللىي ئازادلىق كۈرەشچىسى لۇتپۇللا مۇتەللىپنى خاتىرىلەش كېچىلىرىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزگەن ئىدى.»
داۋۇت ئىسىيېف 1936 - يىلى پانفىلوف ناھىيىسىنىڭ قاش يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كەچلىك مەكتەپنى، ئاندىن 1965 - يىلى تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىنى تاماملايدۇ، ئالماتادىكى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى رېداكسىيىسىدە، 1968 - يىلدىن باشلاپ قوشۇمچە يەنە ئۆزبېكىستان رادىئوسى ۋە تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ قازاقىستاندىكى مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىدى. د. ئىسىيېفنىڭ ئىلمىي پائالىيىتى 1969 - يىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە باشلاندى.
ق. غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىتتىپاقنىڭ نۆۋەتتىكى يىغىنىدا د. ئىسىيېفنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى پرېزىدىئۇمى ئۇنىڭغا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخىنىڭ دەرسلىكىنى يېزىشنى تاپشۇرغان ئىدى. ئالىم كىتابنى تېز يېزىپ چىقىپ، ئۇنىڭ بارلىق رەسمىيەتلىرىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلغان ھەمدە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە بۇ تارىخنى ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇشقا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە تىرىشقان.
ق. غوجامبەردى 1994 - يىلى د. ئىسىيېفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئالماتادا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتراكىدا «مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى» ماۋزۇسىدا خەلقئارا ئىلمىي ماھكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، بىر توپ مائارىپ جانكۆيەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاق نامىدىن قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە، ئالماتا ۋە ئالماتا ۋىلايىتى، جامبۇل، چىمكەنت ۋىلايەتلىك ھاكىملارغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋە مائارىپىغا ئائىت مەخسۇس مۇراجىئەتلەر تاپشۇرۇپ بۇ يۆنىلىشتە بىر قاتار نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇ، مۇھىم ئىلمىي ۋە جەمئىيەتلىك ئىشلىرىنىڭ مۇرەككەپ ۋە كۆپلۈكىگە قارىماي، دائىمىي ئۇيغۇرىستان (شەرقىي تۈركىستان) مەسىلىسى، شۇ جۈملىدىن 1992 - يىلى دېكابىردا ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى پائالىيەتلىرى ئۈستىدە مەنپىئەتدار قىزىقاتتى، ئۇنى قەتئىي قوللاشنى تەكلىپ قىلاتتى ۋە ئىزچىل شۇ مەۋقەدە تۇردى. ئومۇمەن، داۋۇت ئەپەندى ناھايىتى مىللەتپەرۋەر ئىنسان ئىدى. ئۇ ئىمكان بولسىلا، مېنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ، مەزكۇر ماۋزۇدا سۆھبەتلىشەتتى ۋە ئۆزىنىڭ كەسكىن كۆز قاراشلىرى بىلەن ئورتاقلىشاتتى. ئومۇمەن، شۇ دەۋردىكى زىيالىيلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۇيغۇرىستان مەسىلىسىگە قىزىقاتتى ۋە مەۋجۇت مەۋقەلىرىنى ئېنىق، بەزىدە كەسكىن ئىزھار قىلاتتى. شۇڭا تەشكىلاتىمىزنىڭ تەشەببۇسى ۋە تەشكىلىي ئۇيۇشتۇرۇشى، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ساھىبخانىلىقى ۋە كۆپلىگەن ئالىملارنىڭ ھەم ۋەتەن داۋاسىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان تەشكىلاتلار رەھبەرلىرىنىڭ ئىشتراكىدا 1994 - يىلى 11 - نويابىردە ئالماتادا تۇنجى قېتىم ‹شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى› ناملىق خەلقئارا ئىلمىي، ئەمەلىي ئەنجۇمەن داۋۇت ئىسىيېفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ئەنجۇمەننىڭ ماتېرىياللىرىنى يەنە داۋۇت ئەپەندى بىر تۈركۈم ياش ئالىملار بىلەن توپلاپ، رەتلەپ نەشر قىلدى ۋە تارقاتتى.»
ق. غوجامبەردى شۇنداقلا 1995 - يىلى ئالماتادا قۇرۇلغان قازاقىستان خەلقلىرى ئاسسامبلېيىسى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «ئاساسىي قانۇن ۋە مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەت» ماۋزۇسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يۇمىلاق ئۈستەلدە د. ئىسىيېفنىڭ ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى نامىدىن دوكلات قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلمىي ۋە سىستېمىلىق ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
داۋۇت ئىسىيېف 1972 - يىلى ئۇ «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى (1864 - ۋە 1878 - يىللار)، «يەتتىشەھەر دۆلىتى ۋە ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتى» ماۋزۇسىدا نامزاتلىق ئىلمىي ماقالىسىنى ئۇتۇقلۇق يېزىپ چىقتى. 1980 - يىلدىن باشلاپ د. ئىسىيېف ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، 1988 - يىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مەنبەشۇناسلىق بۆلۈمىگە ئىشقا ئورۇنلاشتى ھەم 1992 - يىلدىن تارتىپ تارىخ بۆلۈمىنى باشقۇردى. د. ئىسىيېف 1996 - يىلى 60 ياشقا كىرىش ئالدىدا ئالەمدىن ئۆتتى.