ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ ھاياتى (2)
2017.02.20

ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرى ئەيسا ئەپەندىنىڭ ۋەتەن دەۋاسىغا بولغان بەدىلى سەۋەبلىك غۇربەتچىلىك، موھتاجلىق ۋە سەرسانلىق ئىچىدە ئۆتكەن.
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئۆزى دۇنياغا كەلگەن خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولغان لەنجۇ شەھىرىدە 9 يېشىغىچە ھايات كۆچۈرىدۇ.
باشلانغۇچ تەربىيىنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىنى شۇ يەردە باسىدۇ. دادىسى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ چاغدا ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەشەببۇسى ھەمدە بۇ زىيالىيلارنىڭ شۇ زاماندىكى مىللەتچى خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئەرزلەر سۇنۇشى نەتىجىسىدە، خىتاي پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، پارلامېنتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە مۇجادىلىسىنى داۋام قىلدۇرىدۇ.
بىراق، مىللەتچى خىتاي پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان، مائاشلىق ھۆكۈمەت خادىمى بولغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئائىلىسى، بۇ چاغدا باشقا ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ئوخشاشلا ئېغىر موھتاجلىق ئىچىدە ھايات كۆچۈرۈۋاتاتتى. شۇ زامانغا نىسبەتەن پارلامېنتنىڭ مىللەت ۋەكىلى بولۇش كىچىك ئىمتىياز ئەمەس، مائاشنىمۇ تۆۋەن دېگىلى بولمايتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئالىپتېكىن ئائىلىسى ئاچ-يالىغاچلىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتاتتى. ھەتتا ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ ئانىسى پاتىمە خانىم، بالىلىرىغا گۆشلۈك تائام يىگۈزەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بىر كۈنى ھار ئېلىپ يىغلاپ كېتىدۇ.
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى كۈنلەرنىڭ بىرىدە، دادىسىدىن ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر ئېغىر غۇربەتچىلىك ئىچىدە قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، دادىسى ئۇنىڭغا، تاپقان-تەرگىنىنى ھەر يەردە مۇساپىرچىلىقنىڭ ئەلەملىرىنى تارتىۋاتقان ئىگە-چاقىسىز ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بېشىنى سىيلاش، مەكتەپ ئېچىپ ئۇلارنى ئوقۇتۇش، ئوقۇتقۇچىلارغا مائاش بېرىش، گېزىت-ژۇرنال نەشر قىلىش دېگەندەك ئىشلارغا سەرپ قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.
ئەيسا ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «ئوغلۇم، مەن 1939-يىلى بىر قېتىم دۇنيا ساياھىتىگە چىققان ئىدىم. ئاساسى مەقسىتىم، بىزگە ئوخشاش مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا مۇجادىلە قىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىش، ياردەملىرىگە ئىگە بولۇش ئىدى. مەن بارغانلىكى يەردە يېتىم قالغان، سەرسان-سەرگەردان، ئاۋارە بولۇپ يۈرگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى كۆردۈم. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، بۇ ئۇيغۇر بالىلارغا ئىگە چىقىشنى رىجا قىلغان بولساممۇ، پايدىسى بولمىدى. بەزىلەر بۇ ھەقتە ‹خىتاي ھۆكۈمىتى بىزدىن رەسمىي رەۋىشتە ياردەم تەلەپ قىلسۇن› دېيىشتى. ئەلۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا يېقىن يولىمايتتى. كېيىنچە بۇ ئۇيغۇر بالىلارنى يول كىرالىرىنى كۆتۈرۈپ خىتاي ئىچىگە ئېلىپ كەلدىم. نەنجىڭدە ‹ئازسانلىق مىللەتلەر ئىنستىتۇتى›نى قۇرۇپ، شۇ چاغدا خىتاي ئىچىدە بولغان تاتار مۇئەللىملەرگە مائاش بېرىپ، بۇ بالىلارنى ئوقۇتۇشقا كىرىشتىم. بۇنىڭدىن تاشقىرى گېزىت-ژۇرناللار چىقاردۇق. مېنىڭ پۈتۈم پۇللىرىم مۇشۇ ئىشلارغا سەرپ قىلىنىپ تۈگىگەچ، سىلەرنىڭ ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالالمىدىم...»
مەشھۇر ئۇيغۇر لىدېرى، تارىخچى، ئىنقىلابچى مۇھەممەدئەمىن بۇغرا ھەزرىتىم 1952-يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلدۇرغان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى» ناملىق كىتابىدا مۇنداق يازىدۇ: «1932-يىلىدىن بېرى، خىتاي ئىچىدە بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق مىللەتچىلەردىن ئەيسا ئەپەندىم، شۇ چاغلاردا خىتاي ئىچىدە بولغان بەزىبىر يۇرتداشلارنىڭ ياردىمى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى خىتاي يولباشچىلىرىغا، خىتايدىكى ئىسلام ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتلىرىغا ئاڭلىتىپ، چارە-تەدبىر ئىزدەش ئۈچۈن مۇجادىلە باشلاتقان ئىدى. نەنجىڭدە ‹چىنى تۈركىستان ئاۋازى›، ‹خانتەڭرى›، ‹ئالتاي› دېگەن مەجمۇئەلەرنى چىقىرىپ، نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خىتاي ئىچىدە تونۇلۇشىدا زور رول ئوينىدى.»
ئۇيغۇر تارىخچىسى پولات قادىرى بولسا، 1947-يىلى ئۈرۈمچىدە نەشر قىلدۇرغان «ئۆلكە تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يازىدۇ: «ئەيسا ئەپەندىم خىتاي ئىچىدە بولغان چاغلاردا، ۋەتىنى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ھەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئالغا باستۇرۇشقا تېرىشتى. ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى خىتاي ئىچىدە خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئارقىلىق ھەم خىتايغا، ھەم دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى شىڭ شىسەيگە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دېكتاتورلىرىنىمۇ ناھايىتى بىئارام قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، شىڭ شىسەي خىتايدا نەشر قىلىنىۋاتقان چوڭ گېزىتلەرگە ئېلان بېرىش ئارقىلىق، ئەيسا ئەپەندىمگە قارشى بەزى ۋاقىتلاردا ‹ئامېرىكا جاھانگىرلىرىنىڭ جاسۇسى›، يەنە بەزى ۋاقىتلاردا ‹ياپون مىللىتارىستلىرىنىڭ جاسۇسى› دەپ قارىلاش كامپانىيىسى يۈرگۈزدى.»
دېمەك، ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى دادىسىنىڭ مۇجادىلىسى سەۋەبلىك تۈگىمەس مۈشكۈلاتلارغا بەند قىلىنغان ئىدى. 1946-يىلى ئۇ ئائىلىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە چىققاندىن كېيىنمۇ ھاياتىدا كۆرۈنەرلىك بىر ئۆزگىرىش بولمىغان.
بۇ پروگراممىمىزنىڭ داۋامىنى كېلەر قېتىملىق ئاڭلىتىشلىرىمىزدا ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.