يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى: «رومانلىرىمنىڭ چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىشى ئۇيغۇر تارىخىنىڭ بىلىنىشى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە»
يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى ئەپەندى ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
-
مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016-03-25 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
23 - مارتتىكى «ئىدىقۇت» رومانىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى ئەپەندى، ھازىرغىچە ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ۋە كىملىكىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
قازاقىستانلىق تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ ئىككىنچى رومانى «ئىدىقۇت» تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ تۈرك ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 23 - مارت قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىدا تەبرىكلەش ۋە تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
بۇ مۇراسىمغا خەلقئارالىق تۈركىي مىللەتلەر كۈلتۈر تەشكىلاتى مەسئۇللىرى، ياۋرو - ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى مەسئۇللىرى، كىتابنى تۈركچە نەشر قىلغان «مەڭگۈ» نەشرىياتىنىڭ مەسئۇللىرى، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى كافېدراسىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قىزىقىدىغان ھەۋەسكارلارمۇ ئىشتىراك قىلدى. مۇراسىم تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ت ر ت ئاۋاز قانىلى ۋە قازاقىستان دۆلەت تېلېۋىزىيەسى تەرىپىدىنمۇ تارقىتىلدى.
بىز مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بىزنىڭ ئۇيغۇر رومانلىرىنىڭ چەتئەل تىلىدا بولۇپمۇ تۈركىيەدە نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى، قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە سوئاللار سورىدۇق.
تونۇلغان يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى ئەپەندى، ھازىرغىچە ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى بۇندىن كېيىنمۇ قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، ھازىر تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان «ئىدىقۇت» رومانىنى يېزىش ئۈچۈن 20 يىل سەرپ قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالتۇن دەۋرى ھېسابلىنىدىغان «ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى» مەزگىلىدىكى ۋەقەلەرنى ئەدەبىي ئۇسلۇبلار بىلەن بايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
قازاقىستانلىق تونۇلغان يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى ئەپەندى قازاقىستاندا ياخشى ئەسەر يازسا دۆلەتنىڭ ئىگە چىقىپ نەشر قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى، قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، قازاقىستاندىكى داڭلىق ژۇرناللاردا ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ھېكايىلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا نەشر قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەخمەتجان ھاشىرى 1938 - يىلىدا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. 1962 - يىلىدىن 1965 - يىلىغىچە ئالتىنسارىن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالگاي ناھىيەسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ 1965 - يىلىدا «ياشىغىنىم ياشىغان»، 1969 - يىلىدا «كەچمەس كۆڭلۈم»، 1977 - يىلىدا «سولماس گۈل» قاتارلىق ھېكايە ۋە ھېكايىلەر توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. 1988 - يىلىدا تۇنجى رومانى بولغان «يالغۇز يالپۇز» ناملىق رومانى نەشر قىلىنغان. 1969 - يىلىدىن بېرى قازاقىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە مەسئۇل خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن.
مەزكۇر يازغۇچىنىڭ «ئىدىقۇت» ناملىق رومانى 2003 - يىلى قازاقىستان دۆلىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ھەمدە 2010 - يىلى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇلاردىن باشقا يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ نۇرغۇن ھېكايىلىرى قازاق، ئۆزبېك، ياقۇت ۋە قىرغىز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن سىرت، رۇس، خىتاي، ۋېنگىرىيە ۋە ئۇكرائىنا تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان. 2013 - يىلى ئىدىقۇت رومانىنىڭ داۋامى «باۋۇرچۇق ئارت تېكىن» ناملىق رومانى قازاقىستاندا نەشر قىلىندى.
ئەخمەتجان ھاشىرى قازاقىستاننىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇكاپاتلىرىدىن «ئەڭ چوڭ ئىلھام» ۋە «ئالاش» مۇكاپاتلىرىغا لايىق كۆرۈلگەن.