ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى: تەرجىمىچىلىك قازاق ۋە ئۇيغۇر خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكتۇر

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، قازاقىستاندا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن بۇيان راۋاجلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەسلەپتە سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى خەلقلەرنىڭ ئەدەبىياتلىرى بىلەن زىچ باغلىنىشتا راۋاجلىنىپ كەلگەن ئىدى.

ئەنە شۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ باشقا خەلقلەرگە تونۇلۇشىدا بولۇپمۇ تەرجىمىچىلىك ئىجادىيىتى مۇھىم رول ئوينىدى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، سوۋېت دەۋرىدە ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ خەلقلەر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ئاساسىي جەھەتتىن رۇس تىلىغا، ئەمدى رۇس تىللىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك ۋە باشقىمۇ تىللارغا تەرجىمە قىلىندى.

1991-يىلدىن، يەنى قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيىتى كۆپرەك قازاق تىلىدا تونۇشتۇرۇلۇشقا باشلىدى. ئۇيغۇر ۋە قازاق ئەدەبىياتلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىلەر بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن كېيىن زىچ مۇناسىۋەتتە راۋاجلىنىشقا باشلىدى.

قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ ئېيتىشىچە، قازاق ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىي دوستلۇقىنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىدە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بولۇپ، ئۇلار بىرىنچىلەردىن بولۇپ قازاق يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا ئاكتىپ كىرىشتى. دەسلەپتە ھەر ئىككى خەلقنىڭ ئەڭ تونۇلغان يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىندى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى قارمىقىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان ھاشىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، سەبىت مۇقانوفنىڭ ‹ئىپارخان› ئەسىرىنى ئىلىيا بەختىيا، ‹قەشقەر قىزى› درامىسىنى قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى زىيا سەمەدى تەرجىمە قىلدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ھېزمەت ئابدۇللىننىڭ ‹يۇرتداشلار› رومانىنى سافۇئان شەيمەردانوف، جامالىدىن بوساقوفنىڭ ‹قاينام› رومانىنى دۆلەت مۇكاپاتىنى ساھىبى قابدېش جۇمادىلوف، مارفۇغا ئايتخوجا بولسا بىزنىڭ كلاسسىك شائىرىمىز بىلال نازىمنىڭ شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئاباي، تۇمانباي مولداغالىيېف، قادىر مىرزالىيېف ئەسەرلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى.»

مەلۇم بولۇشىچە، قازاق ۋە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئەدەبىي دوستلۇق ئەنە شۇ تەرجىمىچىلىك ئىجادىيىتى بىلەن باشلانغان بولۇپ، بۇنىڭغا بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقلىرىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىلىرى زىيا سەمەدى ۋە سەبىت مۇقانوفلار سەۋەب بولغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاق ئەدەبىياتىنىڭ ئۆرنەكلىك ۋەكىللىرى سەبىت مۇقانوف 1955-يىلى، غەبىت مۈسرېپوف بولسا، 1956-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە سەپەردە بولغان. ئەنە شۇ مەزگىلدە ئۇلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت ئەزاسى، يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى زىيا سەمەدى كۈتۈۋالغان ئىدى. زىيا سەمەدى ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلىرى، خەلقنىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى بىلەن يېقىندىن تونۇشتۇردى. بۇ سەپەردىن يېنىپ كەلگەن س. مۇقانوف «قەشقەر قىزى» ناملىق سەھنە ئەسىرىنى يازدى.

زىيا سەمەدى 1961-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي تەقىبلەشلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققاندا ئۇنى س. مۇقانوف، غ. مۈسرەپوف قاتارلىق قازاق يازغۇچىلىرى كەڭ قۇچاق يېيىپ قارشى ئالدى. قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى رەئىسى غ. مۈسرېپوف زىيا سەمەدىنى ئىتتىپاق يېنىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بۆلۈمىگە مەسلىھەتچى قىلىپ ئالغان ئىدى.

ئەخمەتجان ھاشىرى تەرجىمىچىلىكنىڭ ئۇزۇندىن بېرى بىر مىللەت بىلەن ئىككىنچى بىر مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالتۇن كۆۋرۈك خىزمىتىنى ئاتقۇزغانلىقىنى، ھازىرقى كۈندە تەرجىمىچىلىكنىڭ ئىككى خەلقنىڭ، يەنى بولۇپمۇ قازاق ۋە ئۇيغۇر خەلقلىرىنى يېقىنلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي ئامىلى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارلىق مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە بېسىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قازاقىستاندا بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيىتىنى قازاقىستان مەملىكىتىنى قۇرغۇچى ئاساسىي خەلق ھېسابلانغان قازاق خەلقىگە تونۇشتۇرۇش مۇھىم دەپ تېپىلماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن قازاق يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرىنى قازاق تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا كۆپ دىققەت بۆلۈنۈۋاتىدۇ. قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان بۇ مەسىلىدە ئالاھىدە كۆزگە چۈشكەن شۇنداق تەرجىمىچىلەرنىڭ بىرى قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان شائىر دەئۇلېتبېك بايتۇرسىنوفتۇر.

1964-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا تەۋەسىگە قاراشلىق موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن قازاق شائىرى، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئەزاسى دائۇلېتبېك بايتۇرسىنوف مۇستەقىل قازاقىستان دەۋرىدە قازاق ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئەنە شۇنداق كۆۋرۈك خىزمىتىنى ئاتقۇرۇۋاتقان ئەدىبلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان ئىشتىياقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھايات بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشىمىزگە مۇمكىنچىلىك بەردى. شىنجاڭدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئەتراپىدىكى ئىزدىنىشلەر، دۇنيا ئەدەبىياتىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش تەرەققىي قىلغان ئىدى.»

ئۇ قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى شايىم شاۋايېف، ئەخمەتجان ھاشىرى، مەسۈمجان زۇلپىقاروف ئوخشاش ئاتاقلىق يازغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭ تەرجىمىچىلىك ئىجادىيىتىگە كۈچلۈك تەسىر قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ۋە ماقالىلىرىنى تەرجىمە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ قازاق ئوقۇرمەنلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپتى. ئىككى ئارىدا ئالاقىلەر، تەرجىمىلەر بولماي، ھەر كىم ئۆزى بىلەن ئۆزى بولىدىغان زامان ئىدى. مۇشۇ ئارىلىقتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش مېنىڭ ۋەزىپەم بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىشىم پايدىلىق بولدى.»

بۈگۈنكى كۈندە قازاق خەلقىنىڭ ئاباي، شەكەرىم، جامبۇل، مۇختەر ئەۋېزوف، سەبىت مۇقانوف، ئولجاس سۈلېيمېنوف قاتارلىق مەشھۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئىجادىيىتى ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەردىمۇ مەخسۇس ئوقۇتۇلۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسەرلىرى قازاق تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئىككى قېرىنداش خەلق ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ئالاقىلىرىنى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم رول ئوينىماقتا.