ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «يالغۇز يالپۇز» درامىسى دۆلەت مۇكاپاتىغا تەۋسىيە قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.08.18
yalghuz-yalpuz-1.jpg ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «يالغۇز يالپۇز» درامىسىدىن كۆرۈنۈش.
RFA/Ekrem

قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، تونۇلغان يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «يالغۇز يالپۇز» ناملىق درامىسىنىڭ قازاقىستان دۆلەت مۇكاپاتىغا تەۋسىيە قىلىنىشى قازاقىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ھاياتىدىكى مۇھىم بىر ۋەقە بولماقتا. ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر مۇكاپات قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ 2007-يىل 13-ئاۋغۇستتىكى پەرمانىغا بىنائەن بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇ، قازاقىستان پۇقرالىرىغا مەملىكەت مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئالاھىدە ھەسسە قوشقان دەپ ئېتىراپ قىلىنغان، ئەدەبىيات ھەم سەنئەت ساھەسىدىكى نادىر ئەسەرلىرى ئۈچۈن بېرىلىدۇ. مۇكاپات دۆلەت پرېزىدېنتى تەرىپىدىن مۇستەقىللىق كۈنى ھارپىسىدا ئىككى يىلدا بىر قېتىم تاپشۇرۇلىدۇ.

ئە. ھاشىرىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى يېزىلغان «يالغۇز يالپۇز» ناملىق رومانى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن بۇ درامىنى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ رېژىسسورى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى يالقۇنجان شەمىيېف سەھنىلەشتۈرگەن بولۇپ، دراما تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان ئىدى. قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى چىمكەنت شەھىرىدە قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ 20 يىللىقىغا ئاتاپ ئۇيۇشتۇرۇلغان 3-قېتىملىق جۇمھۇرىيەتلىك مىللىي تىياتىرلار فېستىۋالىدا بۇ ئەسەر ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭ ياش ئارتىسلىرى خالمۇرات مۇناروف ۋە ساھىرەم شەرىپوۋا «ئەڭ ياخشى ئەر» ۋە «ئەڭ ياخشى ئايال» رولى بويىچە غالىب چىققان.

م. ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، ئەدەبىياتشۇناس دوكتور ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ پىكرىچە، ئە. ھاشىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى شۇ ۋاقىتتىكى تۇرغان توختەموف، شايىم شاۋايېف قاتارلىق ئاتاقلىق يازغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇش تىرىكچىلىكىنى شۇ يەردە ياشاۋاتقان قېرىنداش قازاق خەلقى ۋەكىللىرىنىڭ ھاياتى بىلەن بىللە يېڭىچە ئۇسلۇبتا، يېڭىچە رومانتىكىلىق ئاھاڭدا دەسلەپ تەسۋىرلىگەن ئەدىبلەردۇر. ئۇ ئەسەرنىڭ يېزىلىش دەۋرىدىكى ھەم بۈگۈنكى كۈندە ئۇنى قوبۇل قىلىشتىكى ئالاھىدىلىكلەرگە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۆز ۋاقتىدا تەنقىدچىلىرىمىز بۇ رومان ھەققىدە بەكلا ھەر خىل پىكىرلەرنى ئېيتتى. شۇ چاغدا بۇ روماننى بىز چۈشىنىپ كېتەلمىدۇق. 80-يىللار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قازاق ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى رومانچىلىقىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بىر دەۋر ئىدى. شۇ دەۋردە پەرقلىق ئىجادىيەتلەر پەيدا بولدى. بۈگۈنكى كۈن ئوقۇرمەنلىرى بۇ كىتابنى باشقىچە چۈشىنىشكە باشلىدى، چۈنكى بۇ يەردىكى ئۆز ‏-ئارا دوستلۇق، مىللەتلەر ئارا دوستلۇق، تەبىئىيلىك، مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ بىر-بىرىنى قوللاپ كەلگەنلىكى بۈگۈنكى كۈندە ناھايىتى مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى.»

ئا. ھەمرايېفنىڭ تەكىتلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان، ئوقۇرمەنلەر بەدىئىي ئەسەرلەرنىڭ ماھىيىتىنى يېڭىچە كۆز قاراشتا چۈشىنىشكە باشلىغان. ئۇ ھازىرقى كۈندە تەبىئەت ۋە جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەرنىمۇ، قارىمۇ-قارشىلىقلارنىمۇ مۇھىم مەسىلىلەر سۈپىتىدە قارايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئادەملەر خاراكتېرىدە ئۇچرايدىغان ئەخلاقسىزلىق، تەكەببۇرلۇق، كىشىلەر ئارىسىدىكى چۈشەنمەسلىك، بىر-بىرىگە بولغان ئۆچمەنلىك ئوخشاش خۇسۇسىيەتلەرنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشتە «يالغۇز يالپۇز» ئەسىرىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئا. ھەمرايېف قازاقىستان شارائىتىدا زىيا سەمەدى، ساۋۇتجان مەمەتقۇلوف، دولقۇن ياسىن، پاتىگۈل سابىتوۋا ئوخشاش ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ھەر خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «سۆزسىز، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يۇقىرى باھالىنىشى كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە شۇنىڭغا تەۋسىيە قىلىنىۋاتقان ئە. ھاشىرىنىڭ ئەسىرى يۇقىرى مۇكاپاتلارغا لايىق دەپ ھېسابلايمەن، چۈنكى بۇ پەقەت ئە. ھاشىرىغىلا بېرىلىدىغان مۇكاپات بولماي، بەلكى بۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۇقىرى باسقۇچتا تۇرغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇش كېرەك. بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى شۇنداق مۇكاپاتلارغا لايىق.»

دراماتورگ ئەكرەم ئەخمەتوف بولسا، «يالغۇز يالپۇز» ئەسىرىدە ئۇنىڭ ئاپتورى تەرىپىدىن كۆتۈرۈلگەن مەسىلىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «بۇ ئەسەر ئىككى مىللەت ۋەكىلىنىڭ ئوخشاش تەقدىرى ھەققىدە. سەھنىدە ئۇيغۇر بوۋاي ئۇيغۇرچە، قازاق بوۋاي قازاقچە سۆزلەيدۇ. ئۇلارغا تەرجىماننىڭ ھاجىتى يوق. دېمەك تىلى بىر، دىلى بىر، تەقدىرىمۇ ئوخشاش. ئۇلارنىڭ يېزىسىغا ئۆستەڭ قېزىش ئۈچۈن قۇرۇلۇشچىلار كېلىپ، يېزىنى كۆچۈرمەكچى بولىدۇ. ئىككى بوۋاي يېرى، بېغى ئۈچۈن كۈرەشكە ئۆتىدۇ. ئۇيغۇر بىلەن قازاق بېشىغا كۈن چۈشكەندە تېخىمۇ بىر-بىرىگە قېرىنداشلارچە جىپسىلىشىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئاپتور ئىككى مىللەت دوستلۇقى ئارىسىدا شامال كىرمەس دوستلۇق مەۋجۇت، دېگەن ئىدىيەنى ئالغا سۈرىدۇ.»

ئە. ئەخمەتوف بۇ ئىككى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى كۈيلەشنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى مۇھىم ماۋزۇلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ھەم بۇنىڭ مەڭگۈلۈك ماۋزۇ بولۇپ قېلىش لازىملىقىنى تەكىتلەپ، ئەنە شۇ ماۋزۇنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان «يالغۇز يالپۇز» درامىسىنى مەيدانغا ئېلىپ كەلگەن ئاپتورنى، رېژىسسورنى، تىياتىر ئارتىسلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.