فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيەتلىرى (1)

0:00 / 0:00

فىنلاندىيە شىمالىي ياۋروپاغا جايلاشقان گۈزەل بىر دۆلەت. بۇ ئەلدە ئىلگىرى سودا-تىجارەت ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن كەلگەن ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار بولغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.

ھازىر فىنلاندىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار تەخمىنەن 200 ئەتراپىدا بولۇپ، ياۋروپادىكى باشقا ئەللەرگە، بولۇپمۇ شىمالىي ياۋروپادىكى شىۋېتسىيە ياكى نورۋېگىيەگە سېلىشتۇرغاندا سانى خېلىلا ئاز. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزلىرى قۇرغان تەشكىلاتلار ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ۋە جامائەتلىك ئىشلىرى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشماقتىكەن.

فىنلاندىيە پايتەختى خېلسىنكىدىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئوبۇلقاسىم ھاجى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، فىنلاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھاياتى ۋە جەمئىيەتلەرگە ئۇيۇشۇش ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، فىنلاندىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان ئىكەن. ھازىرقى سانى 200 ئەتراپىدا ئىكەن. فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى 2004-يىلى خېلسىنكىدا فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنى قۇرغان بولۇپ، شۇندىن كېيىن، بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، فىنلاندىيە پارلامېنتى ۋە باشقا ئورۇنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ كەلگەن ئىكەن. كېيىنكى يىللاردا فىنلاندىيەدە يەنە «ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى» ناملىق يەنە بىر جەمئىيەت قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ جەمئىيەت قارمىقىدا ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئانا تىل دەرسى ۋە دىن تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن. ئۇندىن باشقا يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى فىنلاندىيە خەلقىگە تونۇشتۇرۇش ئىشلىرىمۇ ئېلىپ بېرىلماقتىكەن.

فىنلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇھەممەت ئەلى ھاجىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار پايتەخت خېلسىنكىنى ئاساس قىلغان ھالدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. سانىمىز ھازىرچە 200 ئەتراپىدا بولسا كېرەك. فىنلاندىيەدە ئۇيغۇر جامائىتى قۇرغان ئىككى تەشكىلات - فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى بىلەن فىنلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى 2004-يىلىدىن بۇيان سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. بىز كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەخسۇس ئورۇن ئېلىپ، بالىلىرىمىزنى ئانا تىل ۋە باشقا جەھەتلەردىن تەربىيەلەيدىغان ئىشلارنىمۇ ئېلىپ باردۇق. ئەپسۇسكى، سانىمىز ئاز، ھەر جايلارغا تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا كېيىنكى يىللارغا كەلگەندە بۇ پائالىيەتلەرنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا ئىمكانىمىز دېگەندەك يار بەرمەيۋاتىدۇ…»

ئاخىرىدا فىنلاندىيەدە ياشاۋاتقىلى 13 يىل بولغان ئىسمائىل ھاجىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن ۋەتەندىن چىققىلى 13 يىل بولدى. شۇندىن بېرى فىنلاندىيەدە ياشاۋاتىمەن. ھازىر دۆلەت قارمىقىدىكى بىر تاكسى شىركىتىدە ئىشلەۋاتىمەن. خىزمىتىم ياخشى. بالىلىرىمنىڭ چوڭلىرى گىمنازىيۇمنى پۈتتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇشقا كىردى. كىچىكلىرى تېخى باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتىدۇ. بىز تۇرۇۋاتقان شەھەردە ئون نەچچە ئۇيغۇر ئائىلىسى ياشايمىز. ئادەتتە ھېيت-ئايەم ۋە دەم ئېلىشلاردا يىغىلىپ ئۇچرىشىمىز. ئومۇمەن، مىللىي كىملىكىمىز، مەۋجۇتلۇقىمىز ۋە بالىلىرىمىزنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىۋاتىمىز.»