گېرمانىيەدە ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىزنىڭ رەسىملىرى يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.06.17
merwayit-hapiz-resim-germaniye-2016.jpg مەرۋايىت ھاپىز خانىم «ئۆزگىچە دۇنياغا ساياھەت» تېمىسىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسى
RFA


ياۋروپا كەسپى ھوقۇقىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ تاللىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 27 - ئاپرېل كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئېچىلغان «ئۆزگىچە دۇنياغا ساياھەت» تېمىسىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسى 17 - ئىيۇن جۈمە كۈنى ئاخىرلاشتى. مەزكۇر كۆرگەزمىگە گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدە تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم قاتارلىق 3 نەپەر رەسسامنىڭ ئەسەرلىرى تاللانغان. رەسسام مەرۋايىت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە نەتىجىلىك ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇزۇندىن بۇيان مەرۋايىت خانىمنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم رەسىملىرىنى سېتىۋالغان گېرمانىيەلىك لىلو خانىم ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ، ياۋروپادا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت خانىمنىڭ يۇقىرى بەدىئىي ماھارەتتە سىزىلغان رەسىملىرىنىڭ كىشىلەرگە گۈزەل ئېستېتىك زوق بېرىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىگە ئوخشاش كۆرگەزمە ئەھلىنى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تونۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە بىر يېرىم ئاي داۋام قىلغان «ئۆزگىچە دۇنياغا ساياھەت» تېمىسىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسىگە ياۋروپادا تونۇلغان رەسساملاردىن بېلگىيەلىك ئايال رەسسام ئۇتە مىددەل خانىم، ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم قاتارلىق رەسساملارنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، مەرۋايىت خانىمنىڭ «ۋەتەن» تېمىسىغا بېغىشلانغان 46 پارچە رەسىمى تاللانغان.

گېرمانىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم، 20 يىلدىن بۇيان رەسىم ئىجادىيىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىغا بېغىشلانغان رەسىملىرى بىلەن ياۋروپادا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ بىرى.

6 ھەپتىلىك رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئاياغلاشتۇرغان مەرۋايىت خانىم بۈگۈن تولىمۇ ھاياجانلىق كەيپىياتتا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقىنى ۋە پەخىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەرۋايىت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە ھەر كۈنى دېگۈدەك زىيارەتچىلەر كېلىپ تۇرغان بولۇپ، مەرۋايىت خانىم ھەر كۈنى يېرىم كۈن، بەزى كۈنلىرى ھەتتا بىر كۈن ۋاقتىنى ئاجرىتىپ، زىيارەتچىلەرنىڭ ئۇنىڭ رەسىملىرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

مەرۋايىت خانىم زىيارەتچىلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ۋاقىتتىكى كەيپىياتىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلار ھاياتى تېما قىلىنغان رەسىملىرىنىڭ كۆرگەزمە ئەھلىنى بۇ قەدەر قىزىقتۇرغانلىقىنى كۆرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ رەسىملىرىگە بەرگەن باھالىرىنى ئاڭلىغان چېغىدا تولىمۇ بەختىيارلىق تۇيغۇسىدا بولغانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ رەسىملىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش پۇرسىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەرۋايىت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى دوكتور ھاررمان شىففەرېر ئەپەندى مەرۋايىت خانىمنىڭ رەسىم ئىجادىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەرۋايىت ھاپىزنىڭ رەسىملىرىدىن يۈكسەك بەدىئىي زوق ئالغانلىقىنى ئېيتقان.

ھالبۇكى، بىز ھاررمان شىففەرېر ئەپەندى بىلەن بىلەن ئالاقىلىشىشكە كۆپ تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ۋاقىت پەرقى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىش ئىمكانىيىتى بولمىدى.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەرۋايىت خانىمنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ۋە ئۇنىڭ رەسىملىرىنى سېتىۋېلىپ ساقلاۋاتقان گېرمانىيەلىك دوستلاردىن لىلو خانىم بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدىمۇ مەرۋايىت خانىمنىڭ يەنە بىر پارچە رەسىمىنى سېتىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

لىلو خانىم رەسسام مەرۋايىت ھاپىز ۋە ئۇنىڭ رەسىملىرىنىڭ جەلپكارلىقى ھەققىدە توختىلىپ، «مەن مەرۋايىت ھاپىز بىلەن 10 نەچچە يىل ئىلگىرى تونۇشتۇم. ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كارۋان تەسۋىرلەنگەن رەسىملىرىدىن بىرقانچىسىنى سېتىۋېلىپ ساقلاۋاتىمەن. ئۇنىڭ رەسىملىرىنى تولىمۇ سۆيىمەن! مەرۋايىتنى مەن ئۇنىڭ سىزغان رەسىملىرىدىن تونۇدۇم دېسەممۇ بولىدۇ. مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگىنى ئۇنىڭ ئۆز كەسپىگە بولغان چەكسىز سۆيگۈسى، جاپاغا چىداملىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق روھى. ئۇ 20 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتى ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىگە بېغىشلانغان رەسىملىرىدىن مەن ئۇيغۇرلارنى تونۇدۇم دېسەممۇ بولىدۇ» دېدى.

بۇ قېتىمقى ۋە ئالدىنقى قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغان مەرۋايىت خانىم، بىر رەسسام ئۈچۈن ئۆز ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە رەسىملىرىگە تايىنىپ ياشاش ئىمكانىيىتىنىڭ بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن رەسساملارغا مەنسۇپ بولمىغانلىقىنى، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۆزىنىڭ، گېرمانىيەدەك بىر دۆلەتتە 20 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا رەسىم ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، تەر تۆكۈپ ئەجىر سىڭدۈرۈشىدىن باشقا، لىلو خانىمغا ئوخشاش گېرمانىيەلىك دوستلارنىڭ قوللىشى ۋە مەدەت بېرىشى تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.