ئۇيغۇرلار گېرمانىيەنىڭ دورتمۇند شەھىرىدە نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
19-مارت گېرمانىيەنىڭ نوردخايىن-ۋېستفالەن ئۆلكىسىدىكى دورتمۇند شەھىرىگە جەم بولغان يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر جامائىتى 19-مارت كۈنى نورۇز بايرىمىنى ھەرخىل سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزگەن.
-
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016-03-22 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
19-مارت گېرمانىيەنىڭ نوردخايىن-ۋېستفالەن ئۆلكىسىدىكى دورتمۇند شەھىرىگە جەم بولغان يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر جامائىتى 19-مارت كۈنى نورۇز بايرىمىنى ھەرخىل سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزگەن. سائەت 12 بىلەن باشلانغان بۇ پائالىيەت سائەت 18گە قەدەر داۋاملاشقان.
مەزكۇر ئۆلكىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ سورۇنىغا يەنە باۋارىيە ئۆلكىسى ۋە باشقا يۇرتلاردىن كەلگەن گېرمانىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ مېھمان سۈپىتىدە قاتناشقان.
پائالىيەت سورۇنىدا تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى، نوردخايىن-ۋېستفالەن ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭ بىلەن 3-قېتىم نورۇز بايرىمى پائالىيىتى ئۈچۈن بىر سورۇنغا جەم بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئۇچرىشىشىنىڭ، بولۇپمۇ يات ئەللەردىكى پەرزەنتلەرنىڭ مىللىي كىملىكى بىلەن يېتىلىشىگە نىسبەتەن ئەھمىيىتىنىڭ زورلۇقىنى تەكىتلىدى.
بۇ بايرامغا 90 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ، مۇنىستېر شەھىرىدىن كېلىپ قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى رەيھانگۈل خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى نورۇز پائالىيىتىگە بولغان تەسىراتلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى نەبى غۇلام ئەپەندىمۇ پائالىيەتنىڭ كۆڭۈللۈك داۋام قىلغانلىقىنى ۋە يىراق-يېقىندىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە، نوردخايىن-ۋېستفالەن ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئىلتىجاچىلار مەسىلىسى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بۇ يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئىلتىجاچىلار مەسىلىسىنىڭ بۇ ئۆلكىدە ئىجابىي يۈزلىنىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان يەنە بىر ئۇيغۇر قىزىمۇ تەسىراتىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يىلدا بىر-ئىككى قېتىم بولسىمۇ ئۆز-ئارا ئۇچرىشىشلىرىدىن كۆپ زوق ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ قىز، سورۇندىكى نورۇز ئەھلىگە تەقدىم قىلغان «ۋەتەن ئىشقى» ناملىق شېئىرنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە سۇنۇشنى لايىق كۆردى.
د ئۇ ق باش شتابىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، نوردخايىن-ۋېستفالەن ئۆلكىسىدە تەخمىنەن 150 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن يۇرتىنى تەرك ئەتكەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئىكەن.