گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزدى
28-مارت گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ميۇنخېن شەھىرىدە جەم بولۇپ، مۇبارەك نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلىدى.
-
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016-03-29 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
28-مارت گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ميۇنخېن شەھىرىدە جەم بولۇپ، مۇبارەك نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلىدى.
ميۇنخېن شەھىرىدە 28-مارت ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتىگە ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن سىرت، گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. پائالىيەتنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى تەشكىللىگەن بولۇپ، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى سورۇنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
چۈشتىن كېيىن سائەت 14 دە باشلانغان نورۇز پائالىيىتىدە نورۇز ئېشى ئورنىدا مېھمانلارغا قورداق تارتىلدى. تائامدىن كېيىن دۇئالار قىلىندى.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ناخشا-مۇزىكا، نورۇز قوشاقلىرى ۋە ئۇيغۇر ئۇسۇللىرى بىلەن جانلانغان بۇ قېتىمقى نورۇز پائالىيىتىدىن كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالايىتەن گېرمانىيەنىڭ ۋۈرسبۇرگ شەھىرىدىن كېلىپ بۇ نورۇز پائالىيىتىنى قۇتلىغان ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىمۇ، پائالىيەتكە بولغان خۇرسەنلىكىنى ئىپادە قىلدى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھىمۇ ئۆز تەسىراتىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. قۇرۇلتاي مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجانمۇ بۈگۈنكى بۇ نورۇز پائالىيىتىنىڭ مول مەزمۇنلۇق ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالدا داۋام قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
سورۇن خاتىمىسىدە ئۇيغۇر جامائىتى زوق-شوخ بىلەن ئۇيغۇرچە ئۇسۇللارغا چۈشۈپ كېتىشتى.
پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.