غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار (4B)
2016.05.03
ميۇنخېن شەھىرى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ياۋروپا تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. 2013-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ميۇنخېن.
ئىككىنچى قىسىم: ياۋروپادىكى تۇنجى ئۇيغۇر جامائىتى
ياۋروپادىكى تۇنجى ئۇيغۇر جامائىتى 1950-يىللارنىڭ ئاخىرى غەرب دۇنياسىدىن ياڭرىغان تۇنجى ئۇيغۇر ئاۋازىغا ئەگىشىپ ئاستا-ئاستا شەكىللىنىشكە ۋە زورىيىشقا باشلايدۇ.
ياۋروپادا «سوغۇق ئۇرۇش» نىڭ پەردىسى ئېچىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ميۇنخېندىن 14 خىل تىلدا كوممۇنىزمغا قارشى ئاڭلىتىش بېرىشكە باشلىغان «ئازادلىق» رادىيوسىغا يېڭى بىر ئاۋاز - ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش قوشۇلىدۇ.
1950-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئېتىبارەن «ئازادلىق» رادىيوسى سېپىگە قوشۇلغان غۇلامىدىن پاختا مەزكۇر رادىيوغا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا توختىماستىن ئېلتىماس سۇنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن 1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا پولات قادىرى تۇرفانى بىلەن ساتتار مەخبۇل چوپانىدىن ئىبارەت ئىككى نەپەر تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى تۈركىيەدىن گېرمانىيەگە كېلىپ «ئازادلىق» رادىيوسىغا قوشۇلىدۇ.
غۇلامىدىن پاختا ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئۇيغۇر دەۋاسىنى ياۋروپاغا كېڭەيتىش ۋە ياۋروپادا كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئوغلى ئەركىن ئالىپتېكىننى «ئازادلىق» رادىيوسىدا ئىشلەشكە تەۋسىيە قىلىدۇ.
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەينى يىللاردىكى ھايات كەچمىشلىرىدىن ئەسلىمە تەقدىم قىلىپ، دادىسى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ئۆزىنىڭ «تۈرك ھاۋا يوللىرى» دىكى خىزمىتىنى تاشلاپ، «ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىغا قوشۇلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ «ئازادلىق» رادىيوسىغا كەلگەن يىللىرىدا گېرمانىيەدە بارى-يوق ئاران 5-10 ئۆيلۈك ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسمىنىڭ ميۇنخېندا ئولتۇراقلاشقانلىقىنى، ئىككى ئائىلىلىك ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ ستۇتگارد شەھىرىگە يەرلەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ گەۋدىسى ئاستا-ئاستا زورىيىشقا باشلايدۇ. «ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى ۋە بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ قالىدۇ.
«ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىغا 4-ئۇيغۇر بولۇپ قوشۇلغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەينى يىللاردا گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئۆز ھەسسىسىنى قوشقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن خاسىيەت خانىم بىلەن زەينەپ خانىم «ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىدا ئايال ئاڭلاتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن ئىكەن.
1975-يىلى ميۇنخېندىكى «ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىغا قوشۇلغان ئەنىۋەرجان ئەپەندىمۇ ئۆز كەچۈرمىشلىرىدىن ئەسلىمە تەقدىم قىلىپ، شۇ يىللىرى گېرمانىيەدىن ياڭرىغان ئۇيغۇرچە رادىئو ئاڭلىتىشىنىڭ ھاۋا دولقۇنلىرى ئارقىلىق ئورتا ئاسىياغا ھەتتا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە قەدەر يېتىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
1978-يىلى گېرمانىيەگە ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن ئەسقەرجان ئەپەندىمۇ ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تاكى 1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ناھايىتى ئاستا سۈرئەت بىلەن زورايغانلىقىنى، پەقەتلا 1990-يىللارغا كەلگەندە ئاندىن زور كۆلەمدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنىڭ كېلىشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
گېرمانىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى ئۈچۈن ئادۋوكاتلىق قىلغان ئالبېرت گۆرىڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن 20 نەچچە يىلدىن بۇيان گېرمانىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى تەلەپ قىلغان كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى ئىشلەپ كەلدىم. راستنى دېسەم، ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيتتىم. 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ميۇنخېندا كۆپىيىشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسىنى ئىشلەش جەريانىدا مەن ئۇيغۇرلارنىڭ گېرمانىيەگە كېلىۋاتقان باشقا كۆپلىگەن كۆچمەن گۇرۇپپىلارغا ئوخشىمىغان ھالدا ناھايىتى ئېغىر ھالەتتىكى سىياسىي بېسىم ئىچىدە ياشاۋاتقان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئەلۋەتتە كېيىنكى يىللاردا بۇ يەردە ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي مەسىلىلىرىمۇ گېرمانىيەگە تونۇلۇشقا باشلىدى.»
گېرمانىيەدىكى باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى مارگارېتتا باۋزې خانىممۇ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ: «مەن گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشقىلى 10 يىل بولدى. يەنى 2006-يىلى ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پائالىيىتىگە تۇنجى قېتىم تەكلىپ قىلىندىم. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇلار بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ كېلىۋاتىمەن. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ گېرمانىيەدىكى سانى ئەڭ ئاز كۆچمەن گۇرۇپپىلارنىڭ بىرى بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ گېرمانىيە جەمئىيىتىگە ئىجابىي تەسىرات بەرگەن شۇنداقلا ئەڭ ئاكتىپ ھالدا بۇ يەرنىڭ سىستېمىسىغا ماسلاشقان توپلۇق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمەن.»
ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتى غەرب دۇنياسىدا شەكىللەنگەن تۇنجى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي توپلۇقى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە غەرب دۇنياسىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن جامائەت بولۇپ قالغان.
بۇ ھەقتە ئەسلىمە تەقدىم قىلغان ئەسقەرجان ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ 1990-يىلى غەرب دۇنياسىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتى - «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نى قۇرۇپ چىققانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
(داۋامى بار)









