غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار (5B)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-05-31
Share

ئىككىنچى قىسىم: ياۋروپادا ئىگىلىك تىكلەش

ياۋروپا ئەللىرىگە كېلىپ يەرلەشكەن ۋە ئاستا-ئاستا كۆلىمى زورايغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار توپى باشقا ھەرقانداق بىر كۆچمەن توپلۇققا ئوخشاش ئىككى چوڭ ئىجتىمائىي مەسىلىگە دۇچ كەلگەنلىكى مەلۇم. ساھىبخان ئەلنىڭ مەۋجۇت سىستېمىسى بىلەن ئاساسىي مەدەنىيەت ئېقىمىغا قانداق قىلىپ ماسلىشىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى قانداق قىلىپ داۋاملاشتۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى قىيىن تاللاشتا ئۇلار ئۇزاققىچە تېڭىرقىغان.

ميۇنخېندىكى «تەكلىماكان» رېستورانىنىڭ خوجايىنى رەخىم تۇرسۇن ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكى باشقا ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرغا ئوخشاشلا ئۆزىنىڭمۇ ئىككى خىل قىيىن تاللاشنىڭ دوقمۇشىدا تېڭىرقىغان ۋاقىتلىرىنىڭ بولغانلىقىنى ئەسلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ گېرمانىيەدىكى 18 يىللىق مۇھاجىرەت ھاياتىغا نەزەر تاشلىغىنىدا، ئۇيغۇر تائاملىرىنى گېرمان جەمئىيىتىگە ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن ئاز كەم ئون نەچچە يىل بەدەل تۆلىگەنلىكىنى، ئەمما بۈگۈن بۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدە «ئۈرۈمچى» ئۇيغۇر رېستورانىنى ئېچىپ تىجارەت باشلىغان زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى يات بىر ئەلدە ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئاساس قىلغان بىر رېستورانغا مەبلەغ سېلىشنىڭ چوڭ بىر تەۋەككۈلچىلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ھالبۇكى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا تەۋەككۈل قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بىر تىجارەت مەيدانىلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ياۋروپاغا تونۇشتۇرىدىغان سەھنە بولالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گۈلنار خانىم ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكەن بىرقانچە يىلدا ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسى بىلەن تىجارەت يولى ئوتتۇرىسىدا ئۇزاققىچە تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمىدى. ئۇ بۈگۈن ميۇنخېندا قەد كۆتۈرگەن «تەڭرىتاغ» ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى گېرمان دۇنياسىغا بىلدۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم كۆزنەك بولۇۋاتقانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن»، دېدى.

گېرمانىيەدىكى باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى مارگارېتتا باۋزې خانىم ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەققىدە بىرقەدەر چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە سىياسىيونلارنىڭ بىرى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ گېرمانىيەدە سانى ئاز بولغان بىر كۆچمەن توپلۇق بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ گېرمان جەمئىيىتىگە ماسلىشىش ۋە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ساقلاش جەھەتتە كۆرنەكلىك رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ: «گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىنتېگراتسىيون، يەنى گېرمان سىستېمىسىغا ماسلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاش جەھەتتە كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. گەرچە ئۇلارنىڭ سانى گېرمانىيەدىكى باشقا كۆچمەن گۇرۇپپىلارغا قارىغاندا ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىر ئىجتىمائىي توپلۇق سۈپىتىدە جەمئىيەت بولۇپ ئۇيۇشۇشى، ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلىشى ئالاھىدە گەۋدىلىك دەپ قارايمەن.»

مارگارېتتا باۋزې خانىم يەنە مۇنۇلارنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ: «ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رېستوران تىجارىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇيغۇر تائاملىرىنى گېرمانىيەگە تونۇتۇشقا باشلىدى. ھازىر ئۇيغۇر رېستورانلىرى ميۇنخېننىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىدا قەد كۆتۈردى. بۇ يەردىكى كىشىلەر مۇشۇ رېستورانلار ئارقىلىق ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باۋارىيە شتاتلىق ھۆكۈمەت، پارلامېنت ۋە بۇ يەردىكى ئاممىۋى ئورگانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇق. بۇ ھال ئۇلارنىڭ گېرمان جەمئىيىتىگە ماسلىشىش بىلەن ئۆز كىملىكىنى ساقلاش ئۇرۇنۇشلىرىغا پايدىلىق بىر ۋەزىيەت يارىتىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى پىكىر بايان قىلىپ، ميۇنخېندا يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق تارىخنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلار توپلۇقىنى «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ چەتئەلدىكى كىچىكلىتىلگەن بىر كۆرۈنۈشى» دەپ كۆرسەتتى.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت