غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار (2B)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.03.02
afghanistan-kochmen-uyghur-turkiye-1965.jpg 1965-يىلى ئافغانىستاندىن تۈركىيەگە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ئەنقەرە ئايرۇدرۇمىدا چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى
RFA/Qutlan

ئافغانىستانغا سەپەر (ب)

1961 - يىلى ئافغانىستانغا ھىجرەت قىلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار پارس ۋە پاشتۇ تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان بۇ يات ئەلدە ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن بىرقانچە يىلنى ئۆتكۈزىدۇ.

ھالبۇكى، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئافغانىستانغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا جەمئىيەت قۇرۇشىنى شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقى ئۆز ۋەتىنىدە دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي بېسىملارنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئارزۇسىنى رەت قىلىدۇ.

بۈگۈن قەيسەرىدە ياشاۋاتقان بۇ بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردىن سېيىت رىزۋان تۈمتۈرك ئۆزىنىڭ ئافغانىستاندىكى كەچمىشلىرىدىن بايان بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز 1961 - يىلى ئافغانىستانغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار كۆپ بەدەللەرنى تۆلىدۇق. ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدۇق. ئافغانىستان ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئۈچۈن بىر جەمئىيەت قۇرۇشنى، ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر بېسىملارنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئافغانىستان دائىرىلىرى بۇنىڭغا يول قويمىدى. ئۇلار ‹ئەگەردە ۋەتەن داۋاسى قىلىمەن دېسەڭلار ۋە ياكى ‹ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستان ئىدى› دەپ دەۋا قىلىدىغان بولساڭلار، دۇنيادىكى قايسى دۆلەت سىلەرگە يول قويسا شۇ يەرگە كۆچۈپ كېتىڭلار. بىزنىڭ بىر تەرىپىمىزدە رۇس، بىر تەرىپىمىزدە خىتاي بار. بىز سىلەرنى دەپ دۆلىتىمىزنى ھەرگىزمۇ بېسىم ئاستىغا قويمايمىز،› دېيىشتى.»

بالا چاغلىرىدا ئاتا - ئانىسى بىلەن پامىر تاغلىرىدىن ئۆتۈپ ئافغانىستانغا كەلگەن ۋە بىر ئۆمرىنى ئافغانىستاندا ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر ئانا گۈلى ھەمىدى خانىم مۇنۇلارنى ئەسلەيدۇ: «مەن ئاتا - ئانام بىلەن ئافغانىستانغا كەلگەندە تېخى بالا ئىدىم. دادام رەھمەتلىك پامىر تاغلىرىدىن ئۆتۈۋاتقاندا قازا قىپتۇ. مەن بۇ جەريانلارنى ئېنىق ئەسلىيەلمەيمەن. كابۇلغا كەلگەندىن كېيىن دادام بولمىغاچقا ئېغىر قىيىنچىلىقتا قالدۇق. ئاپام ۋە ئاكىلىرىم ئاش خېمىرىنى كېسىپ سېتىپ جان باقتۇق. كېيىن ئاكىلىرىم ئارقا - ئارقىدىن كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتتى. ئاپاممۇ ئالەمدىن ئۆتتى. مەن ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەندە تۇغقانلىرىم مېنى بىر ئافغانىستان كىشىگە ياتلىق قىلدى. مەن ئافغانىستاندا 50 يىلدىن كۆپرەك ياشىدىم. ھازىر 2 قىزىم ۋە 2 ئوغلۇم بار.»

قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن سەنئەت ئۆمىكى 1968-يىلى ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى» دە ئويۇن قويغاندا چۈشكەن سۈرەت
قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن سەنئەت ئۆمىكى 1968-يىلى ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى» دە ئويۇن قويغاندا چۈشكەن سۈرەت

قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەمرۇللا ئەفەندىگىلمۇ ئۆزىنىڭ ئافغانىستان كەچۈرمىشلىرى ھەققىدىكى ئەسلىمىسىنى تەقدىم قىلدى. ئۇ ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر ئاقساقاللارنىڭ ئەينى چاغدا كابۇلدا يوشۇرۇنچە جەمئىيەت قۇرغانلىقىنى، كېيىنچە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر رەھبەرلىرىدىن مەرھۇم مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەرنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن تۈركىيەگە كۆچۈش قارارىنى ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھايات شاھىتلارنىڭ بايانلىرىدىن قارىغاندا، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئەينى چاغدا چىقىش يولى ئىزدەپ ب د ت، ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە ئورگانلارنىڭ كابۇلدىكى ئەلچىخانىلىرىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ ھەمدە ئۇلارغا كۆچمەن بولۇش تەلىپى قويىدۇ.

دەل مۇشۇ مەزگىللەردە تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەرنىڭ بىر پارچە مەكتۇبى ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈپ بېرىش قارارىنى تېزلەشتۈرىدۇ.

شاھىتلاردىن سېيىت رىزۋان تۈمتۈركنىڭ بايانلىرىمۇ بۇ نۇقتىنى تەستىقلايدۇ: «بىز پاكىستاندىكى ۋەتەنداشلار ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈپ مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەرنىڭ تۈركىيەدىكى ئادرېسىنى تاپتۇق ۋە ئۇلارغا خەت يازدۇق. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلاردىن جاۋاب مەكتۇپ كەلدى. بۇ مەكتۇپتا: ‹ئەگەر بىز بىلەن بىرلىكتە ۋەتەن دەۋاسى قىلىمەن دېسەڭلار تۈركىيەگە كېلىڭلار. بۇ يەردە جەمئىيەت قۇرۇپ، بىرلىكتە ياشايمىز ۋە كۈرەش قىلىمىز. ياق، بىز تىنچ - خاتىرجەم ياشاش ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلىپ چىقتۇق دېسەڭلار، ئۆزۈڭلار خالىغان ئەللەرگە كېتىڭلار!...› دېيىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك تۈركىيەگە كېتىشنى قارار قىلدۇق.»

ئەمرۇللا ئەفەندىگىلنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەسلىمىلىرىمۇ يۇقىرىقى بايانلارنى تەستىقلايدۇ. ئۇ ئافغانىستاندا جاپالىق ئەمگەكلىرى بىلەن بىرقانچە يىللارنى ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ 1965 - يىلى يازدا مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئەنقەرەگە ئايرودرومىغا يېتىپ بارغانلىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ھۆرمىتىگە 21 پاي توپ ئېتىپ كۈتۈۋالغانلىقىنى ئەسلەيدۇ.

قەيسەرىدىكى پېشقەدەملەردىن مۇھەممەتخان ئەرگىنەقۇن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئەسلىمە تەقدىم قىلىپ، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ئۆز دەۋرىدە تۈركىيەگە كۆچۈشىنىڭ توغرا بىر تاللاش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ: «بىز ۋەتەندىن ئايرىلىدىغان چاغدا، يۇرتداشلىرىمىز قۇلاقلىرىمىزغا پىچىرلاپ ناھايىتى زور ئۈمىدلەر بىلەن مۇنداق دېگەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمىزدە: ‹سىلەر ئەركىن دۇنياغا كېتىۋاتىسىلەر، بىزنىڭ ھازىرقى قىيىن ھالىتىمىزنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىڭلار. دۇنيا بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى سىلەر ئارقىلىق بىلسۇن، چوقۇم شۇنداق قىلىڭلار. ئەگەر بۇنى ئورۇنلىمىساڭلار، تاڭلا قىيامەتتە تىرناقلىرىمىز ياقاڭلاردا بولىدۇ!...› بىز ئافغانىستاندا چىقىش يولى ئىزدەپ ئامېرىكا، كانادا ۋە باشقا ئەللەرنىڭ ئەلچىخانىلىرى بىلەنمۇ سۆزلەشتۇق، ئەمما ئاخىرىدا تۈركىيەگە بېرىشنى قارار قىلدۇق. بۇ قارارىمىز ھەقىقەتەنمۇ توغرا بولغان ئىكەن.»

يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئافغانىستاندا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن ئىبراھىم ئۇيغۇر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«1965 - ۋە 1967 - يىلى ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئىككى تۈركۈمدە تۈركىيەگە كۆچكەندە بىزنىڭ ئاتا - ئانىمىز كابۇلدا قېلىپ قالدى. بىز بىلەن ئافغانىستاندا قېلىپ قالغان ئۇيغۇرلار جەمئىي 150 ئائىلىدىن ئاشاتتى. شۇ يىللىرى بىزنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئارىسىدا بىر قىسىم كىشىلەر تەشۋىقات ئېلىپ باردى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشىنى توسۇش ئۈچۈن ‹تۈركىيەگە بارساڭلار سىلەرگە ياخشى كۈن يوق. ئۇ يەردە بۇغداي ئۇنى يېيەلمەيسىلەر، گۈرۈچ تائاملار يېيەلمەيسىلەر، تۈركىيەنىڭ ئۆيلىرىدە سۇ يوق› دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى قىلدى. بىزنىڭ ئاتا - ئانىمىز بۇ گەپلەرگە ئىشىنىپ ئافغانىستاندا تۇرۇپ قاپتىكەن. كېيىن بىلىشىمچە، بۇ خىل يوشۇرۇن تەشۋىقات ئېلىپ بارغانلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستاندىكى مەخپىي خادىملىرى بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى سوۋېت تەرەپكە كۆچۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق ئويۇنلارنى ئوينىغان ئىكەن.»

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.