ئالماتادا 1997-يىلىدىكى «غۇلجا ۋەقەسى» قۇربانلىرى ياد ئېتىلدى
2016.02.04
1997-يىلىدىكى «غۇلجا ۋەقەسى» قۇربانلىرى ياد ئېتىلىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 4-فېۋرال، ئالماتادا.
4-فېۋرالدا ئالماتا شەھىرىنىڭ زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدە ئورۇنلاشقان بىر كافېخانىدا 1997-يىلى 5-فېۋرالدا غۇلجىدا يۈز بەرگەن ياشلار نامايىشىنىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئالدى بىلەن شېھىتلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلغاندىن كېيىن، دوكلات بىلەن سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى دەسلەپتە مۇشۇنداق خاتىرىلەش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى ھەم ۋەزىپىلىرىنى ئاھالى ئارىسىدا تەشۋىق قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە توختالدى.
ق. غوجامبەردى مۇشۇ يىلنىڭ مارت ئېيىدا ئۆتىدىغان قازاقىستان پارلامېنتى ۋە كېڭەش سايلاملىرى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلاردىكى ئورنى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دوكلاتچى ئاڭ-سېزىمى ئۆسكەن، غۇلجا ياشلىرىنىڭ 1997-يىلى 5-فېۋرالدا ئۆز ئەركىنلىكلىرىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن تىنچ نامايىشقا چىققانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، بۇ ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈردى.
ق. غوجامبەردى ئۆز دوكلاتىدا بولۇپمۇ خىتايدا بۈگۈنكى كۈندە شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە، كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت ئىچىدىكى ئەھۋاللارغا تەپسىلىي توختالدى.
خاتىرىلەش پائالىيىتىدە شۇنداقلا سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكى رەئىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئورۇنباسارى ئاسىيەم تۇردىيېۋا، ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ گۈلدالا يېزىسى تۇرغۇنى شاۋكەت قاھھاروف، ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسى تۇرغۇنى ئازتېكىن ئىبراھىموف دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشلىرى، مىللىي روھ، مىللەتلەر ئارا دوستلۇق ۋە رازىمەنلىك، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دىنىي زات مۇھەممەتجان ھاجىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكى رەئىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئورۇنباسارىنىڭ ياردەمچىسى شەھەربانۇم سەيدۇللائېۋا بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.









