خىتاي نېمە ئۈچۈن غۇلجا مەشرىپىنى باستۇردى؟
2014.02.11
ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىليار شەمشىدىن ئەپەندى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا مۇخبىرىمىز بىلەن سۆھبەتتە. 2014-يىلى 5-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
ئۇزۇن تارىخى، مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ئوخشىمىغان يۇرتلاردا، تۈرلۈك شەكىللەردە ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا، ئەمما خىتاينىڭ 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ غۇلجا مەشرىپىنى باستۇرۇشقا باشلىغانلىقى بۇنىڭ ئاخىرى 17 يىل ئاۋۋال يۈز بەرگەن 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىگە سەۋەب بولغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن غۇلجا مەشرىپىنى قاتتىق باستۇرىدۇ؟ ئۇيغۇر ياشلىرىدا بىر دەۋر ئىسلاھات ئېلىپ بارالىغان غۇلجا مەشرىپىنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسى قانداق تىكلەنگەن؟ غۇلجا مەشرىپىنىڭ قانداق پەرقلىق ئالاھىدىلىكى خىتاينىڭ سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشىغا سەۋەب بولدى؟
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، غۇلجا مەشرىپى مۇھىتىدا ئۈسۈپ يېتىلگەن، ھازىر ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىليار شەمشىدىن ئەپەندىنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلىغايسىلەر.









