گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار تۇنجى قېتىملىق يەرمەنكە پائالىيىتىنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2016.05.23
gollandiye-yermenke-305.jpg گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق يەرمەنكىسىنىڭ ئۈستىدىن كۆرۈنۈشى. 2016-يىلى ماي.
RFA/Pida’iy

2016‏-يىلى 22- ۋە 23‏-ماي كۈنلىرى گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىگە جايلاشقان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى»نىڭ مەركىزىدە، تۇنجى قېتىملىق يېمەك-ئىچمەك ۋە مەدەنىي بۇيۇملار يەرمەنكىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى.

پائالىيەتنى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» تەشكىللىدى. پائالىيەتكە شۇ ئەتراپتىكى يەرلىك ۋە كۆچمەن ئامما بىلەن گوللاندىيەنىڭ ھەر تەرەپلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلدى. گېرمانىيە ۋە بىلگىيەلەردىن كەلگەنلەرمۇ بولدى.
جەمئىيەت مەسئۇللىرىدىن ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر تائاملىرى، كىيىم-كېچەكلىرى، كىتاب-ژۇرناللىرىنى سېتىش ئارقىلىق مەزكۇر جەمئىيەتكە ئىقتىسادىي كىرىم قىلىش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت ۋەتەنداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن. يىراق-يېقىندىن كەلگەن ۋەتەنداشلار ئۆز-ئارا دىدارلىشىش، بىر-بىرلىرىنى مېھمان قىلىش ۋە ھال-مۇڭ بولۇپ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق دوستلۇقنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولغان، بۇ پائالىيەتنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ بولۇپ تۇرۇشىنى بىلدۈرگەن.

پائالىيەتتە سېتىلغان تائاملارنى مەزكۇر جەمئىيەتنى ئاكتىپ قوللىغۇچى ئەپەندى-خانىملار ئۆزلىرى تەييارلىغان. پولۇ، كاۋاپ، سامسا، لەڭمەن، پېچىنە-پىرەنىك قاتارلىق يېمەك-ئىچمەكتىن باشقا، كانىۋاي كۆڭلەك، ھەرخىل دوپپا، خانىم-قىزلارنىڭ شارپا، ياغلىق، لېچەكلىرى، ئاچچىق-چۈچۈك، تاتلىق تۈرۈملەر قاتارىدا، ئۇيغۇرچە كىتابلارمۇ خىلى كۆپ سېتىلغان. غەمسىز يۈرگەن بالىلار ۋە ئىتتىپاقلىق روھىدا قۇچاقلاشقان، جامائەتنىڭ خۇشال كەيپى بەزى ئىشتىراكچىلارنى بايرام تۇيغۇسىغا چۆمدۈرگەن.

يەرمەنكە پائالىيىتى جامائەت ۋە توپلۇملارنىڭ ئۆز ئىقتىدارى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۈرلۈك بۇيۇملارنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىشتىن ھاسىل قىلغان كىرىمنى يەنە شۇ توپلۇم ياكى جامائەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئۈچۈن سەرپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر خىل پائالىيەت بولۇپ، تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرى بىلەن تەشكىللىگۈچى جامائەت ۋە ئورگانلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ كەلمەكتە. گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىلگىرى باشقىلارنىڭ تەشكىللىشىدىكى يەرمەنكە پائالىيەتلىرىگە مىللەت ۋە جەمئىيەت نامىدىن ئىشتىراك قىلىپ كەلگەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىم «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ مەركىزىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يەرمەنكە پائالىيىتى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆز ئالدىغا ئۇيۇشتۇرۇلغان تۇنجى قېتىملىق پائالىيىتى بولۇپ قالدى.

پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان بىر تۈرك «خۇش كەپسىز. نېمىلەرنى كۆردىڭىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋابەن: «بىر قەدىرلىك دوستىمىزنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇ يەرگە كېلىشىم. بۇ يەردە كۆرگىنىم، ئىنسانلىق، گۈزەللىك، مېھىر-مۇھەببەت، قىزغىنلىق. دۇنيادا خارلىق ئاستىدا ئىڭراۋاتقانلار ئاز ئەمەس، ئىنشا ئاللاھ بۇ يەردىكى خۇشاللىق ۋە گۈزەللىك كەيپىياتى پۈتۈن دۇنيادا جىلۋىلەنگەي» دېدى.

«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» 2013‏-يىلى 1‏-يانۋار مەزكۇر ئورۇننى ھازىرلاپ، گوللاندىيەدىكى ۋەتەنداشلارنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن مىللىي ۋە دىنىي تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى، ئايلىق سۆھبەت ئۇچرىشىشلىرى، ھېيت-بايراملىق يېغىلىشلىرى ۋە باشقا مەخسۇس لېكسىيەلەر ئۇيۇشتۇرۇشتەك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، گوللاندىيەدىكى ۋەتەنداشلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامداپ كەلمەكتە. ھازىرغا قەدەر ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان مەزكۇر ئورۇننى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بار ئىمكانلىرى بىلەن تېرىشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.