گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خالىسانە ئېلىم-سېتىم پائالىيىتى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى
2016.10.12
گوللاندىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئىقتىسادىي كىرىم ۋە مەنىۋى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش مەقسىتىدە 10-ئاينىڭ 8-9-كۈنلىرى كەرمىس، يەنى خالىسانە ئېلىم-سېتىم يەرمەنكىسى پائالىيىتى تەشكىللىگەن ئىدى. پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
شەنبە، يەكشەنبىلىك ئارام ئېلىش كۈنلىرىنى مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلغان گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى قوللاش يۈزىسىدىن، يىراق-يېقىنلاردىن ئالايىتەن كېلىپ، 2-قېتىملىق كەرمىس (خالىسانە ئېلىم-سېتىم يەرمەنكىسى) پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغانىدى.
بۇ گوللاندىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بېرى ئېلىپ بارغان 2-قېتىملىق كەرمىس پائالىيىتى بولۇپ، بىرىنچى قېتىملىق كەرمىس پائالىيىتى 5-ئايلاردا غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۇ پائالىيەت ئۇ چاغدىمۇ گوللاندىيەدىكى ۋەتەنداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە بۇ پائالىيەتنى تەكرار تەشكىللەشكە نىيەت باغلانغان ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە؛ بۇ جەمئىيەت بىر قانچە كۈنلۈك جاپالىق خىزمەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە بەلگىلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىپلا قالماي، ئىشتىراكچى ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىشتەك قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز ئەپەندى، ھۈسەييىن تەجەللىي ئەپەندى ۋە ئابدۇراخمان قارى ھاجىملار بۇ پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى ۋە بۇ يىلغا تەۋە ئېلىپ بېرىلىدىغان يېڭى خىزمەتلىرى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردى.