«چاقچاقچى ھىسام قۇربان» ناملىق كىتاب گىرافىكېر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئەنقەرەدە نەشر قىلىندى. بۇ كىتاب تۈرك تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، كىتابنى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل، تارىخ، جۇغراپىيە فاكۇلتېتى، ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت يېزىپ نەشرگە تەييارلىغان.
ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن زامانىمىزنىڭ «ھايات» نەسىردىن ئەپەندىسى، خەلق سەنئەتكارى، خەلق چاقچاقچىسى دەپ تونۇلغان كۈلكە چاقچاق ئىجادىيەتچىسى ۋە ئىجراچىسى مەرھۇم ھىسام قۇربان ۋە ئۇنىڭ كۈلكە چاقچاقلىرى توغرىسىدا يېزىلغان «چاقچاقچى ھىسام قۇربان» ناملىق كىتاب تۈرك تىلىدا نەشر قىلىندى.
بۇ كىتاب ئۈچ بۆلۈمگە ئايرىلغان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمىدە ھىسام قۇربان ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتى ۋە ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا، ئىككىنچى بۆلۈمى بولسا لەتىپە ۋە ھىسام قۇرباننىڭ چاقچاق لەتىپىلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلق لەتىپىلىرى توغرىسىدا 3-بۆلۈمى، ھىسام قۇرباننىڭ كۈلكە-چاقچاق لەتىپىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
بۇ كىتابتا ھىسام قۇرباننىڭ ئىجادىيەت ھاياتى، دەسلەپكى دەۋردىكى لەتىپىلىرى، ئاتالمىش مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋردىكى لەتىپىلىرى، 1980-يىللاردىن كېيىنكى لەتىپىلىرى دېگەنگە ئوخشاش تۈرلەرگە ئايرىلغان. كىتابتا يەنە ھىسام قۇربان لەتىپىلىرى بىر قانچە تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ، ھەجۋىي لەتىپىلەر، قىزىق يۇمۇرلۇق لەتىپىلەر، كۈلكە-چاقچاق لەتىپىلەر دېگەنگە ئوخشاش لەتىپىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
لەتىپە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، بۇ كىتابتا ھىسام قۇرباننىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىغا قوشقان تۆھپىسى، ھىسام قۇرباننىڭ ھەقىقەتنى ياقىلاپ، ناھەقچىلىكنى قامچىلاپ ئېيتقان لەتىپىلىرى، ھىسام قۇرباننىڭ لەتىپىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا كەڭ توختالغان.
كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇئەللىپ مۇنداق يازغان: شەرقىي تۈركىستاندا يېتىشكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇر ۋە كۈلكە-چاقچاق لەتىپە ئۇستازى ھىسام قۇربان ھازىرقى زاماننىڭ نەسىردىن ئەپەندىسى دېگەن نام بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا مەشھۇر بولغان كۈلكە-چاقچاق ئۇستازىدۇر. ئۇنىڭ لەتىپىلىرى تىلدىن-تىلغا يۆتكىلىپ كەڭ تارقالماقتا. 1930-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان ھىسام قۇربان 1970-يىللاردىن باشلاپ قىزىقارلىق لەتىپىلىرى بىلەن مەشھۇر بولۇشقا باشلىغان ۋە شەرقىي تۈركىستاندا خەلق تەرىپىدىن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. ھىسام قۇربان توغرىسىدا فىلىم ئىشلەندى، كىتاب، ماقالىلەر يېزىلدى. ئۇنىڭ لەتىپىلىرى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى. دەسلەپتە غۇلجىدا، كېيىن ئىلىدا كېيىن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتايدا كەڭ تارقالغان ھىسامنىڭ لەتىپىلىرىدە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت، سىياسەت ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسەتتى. مەنمۇ ئۇ ۋەتەننىڭ بىر ئوغلانى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۈركىيەلىك تۈركلەرگە ئۇزاق بىر جۇغراپىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چاقچاقچىلىرى بولغان ئەۋلادلىرى ھىسام قۇربانغا قانداق قارايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا قانداق بىر مەسئۇلىيەتنى ئارتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىدىكى ئورنىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ كىتابنى يېزىشنى ئۇيغۇن كۆردۈم.
بۇ كىتابقا ھىسام قۇرباننىڭ 448 لەتىپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بەزى سىياسىي سەۋەب تۈپەيلىدىن ۋەتەن ئىچىدە ئاڭلىتىلمىغان، ھاكىمىيەتنىڭ ناھەقچىلىكلىرىنى پاش قىلىدىغان لەتىپىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.
كىتابتا يېزىلىشىچە 1966-يىللاردا يۈز بەرگەن ئاتالمىش مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي دەۋردە ھىسام قۇربانمۇ بۇ ئىنقىلابنىڭ زىيانكەشلىكىدىن خالى قالمىغان، ئۇ ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغان. قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان، ئۇ شۇنداق شارائىتتىمۇ ئۆزىنىڭ قىزىقارلىق ۋە كۈلكۈلۈك لەتىپىلىرى بىلەن خەلقنى كۈلدۈرگەن. ئۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابىيدا ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلىرىنىمۇ كېيىنكى لەتىپىگە ئايلاندۇرغان. ھىسام قۇربان 1966-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا يۇرتىغا قايتقان ئۇرىدۇ مەھەللىسىدىكى خەلق ئۇنىڭ قايتىپ كەلگىنىگە ناھايىتى خۇشال بولغان، ئەمما دۆلەت ئۇنىڭ ئۆيىنى تارتىۋالغان بولۇپ، ئۇ ئۆيسىز قېلىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ئۆيىدە قالغان. 1968-يىلى ھىسام قۇربان دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن كىچىك بىر ئۆيگە ئىگە بولغان ۋە ھۆكۈمەتكە ئائىت بىر سەتراچخانىدا ئىشقا كىرگەن. بۇ جەريانىدا ھىسام قۇربان، ئۈزۈمزارلىقلاردا، دەريا بويلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپ ۋە ئولتۇرۇشلارغا تەكلىپ قىلىنىپ لەتىپە ئېيتقان. مەدەنىيەت زۇر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن قايغۇغا چۆمگەن غۇلجا خەلقىنىڭ كۈلكە-چاقچاقلىرى، ھىسام قۇرباننىڭ لەتىپىلىرى بىلەن قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىغان. خۇسۇسەن 1970-يىلىدىن باشلاپ ھىسامنىڭ قىزىقارلىق لەتىپىلىرى پۈتۈن غۇلجىغا تارقىلىپ «ھىسام چاقچاق» دېگەن لەقەم بىلەن مەشھۇر بولغان.
ھىسام قۇربان لەتىپىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى
چاقچاقچى ھىسام قۇربان دېگەن كىتابتا ھىسام قۇرباننىڭ لەتىپىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان: خەلقىمىز تەرىپىدىن «زامانىمىزدىكى ھايات نەسىردىن ئەپەندى»، «ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ پېشۋاسى» دېگەندەك پەخىرلىك ناملار بىلەن تەرىپلىنىدىغان داڭلىق چاقچاقچى ھىسام قۇربان كىچىكىدىن تارتىپلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ بىر تۈرى بولغان چاقچاققا كۈچلۈك مۇھەببەت باغلىغان. ئۇ تونۇلغان چاقچاقچىغا ئايلانغاندىن كېيىن تۈرلۈك مەشرەپ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە چوڭ-كىچىك سەنئەت كېچىلىكلىرىدە ئۆزىنىڭ چاقچاقلىرى بىلەن خەلقىمىزگە زور مەنىۋى ئوزۇق بېرىپ كەلگەن.
ھېسامنىڭ لەتىپىلىرى ئىچكى جەھەتتىن چوڭقۇر مەنىلىك بولۇپ، ئۇنىڭ لەتىپىلىرىدە ھاياتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بولۇپ، پەقەت زىت مەسىلىلەرنى ياكى قارشى سۈركۈلۈشنى ئەمەس بەلكى ناچار ئىللەتلەر، قەبىھ ھەرىكەتلەرنى سۆكۈش شۇنداقلا كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كىتابتا يېزىلىشىچە، ھېسامنىڭ لەتىپىلىرى، ئىجتىمائىي ھاياتتىكى كۈندە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ھادىسىلەرگە بەك مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ لەتىپىلىرىدە كۈلكىلىك ۋەزىيەت ھەر زامان پەرقلىق بولۇپ، ئىنسانلار ئۇنىڭ لەتىپىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ، كۈلىدۇ، خۇش بولىدۇ ۋە ھاياتقا ئۈمىد بىلەن قارايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ھېسامنىڭ لەتىپىلىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا بەك مۇھىم رول ئوينىغان، مەشرەپ ۋە توي-توكۈن سۇرۇنلىرى كىشىلەرنىڭ سەنئەت ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. چوڭلار پەرزەنتلىرىگە ئۆرۈپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرىنى، قائىدە-ئەخلاق پرىنسىپلىرىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن مەشرەپ ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش سورۇنلارغا بىرگە ئېلىپ بارىدۇ. ھىسام قۇربانمۇ دادىسى بىلەن بۇ خىل سورۇنلارغا كۆپ قاتناشقان. كۈلكە چاقچاقچى بولغان ھېسامنىڭ دادىسى قۇربان ئەپەندى، ئۇنىڭ سەنئەت قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇ خىل سورۇنلارغا كۆپ قاتناشتۇرغان.
لەتىپە يۇمۇر ئېيتىش ئۇيغۇرلارغا خاس بىر ئادەتتۇر شۇنىڭ ئۈچۈن لەتىپە ئۇيغۇرلاردا سەنئەتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىلى خەلقى ئۈچۈن لەتىپە ۋە چاقچاق تېخىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە. لەتىپە ۋە يۇمۇر ئېيتىش ئىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن زاماندىن بۇيان ئادىتىگە ئايلانغان بىر سەنئەتتۇر. ئۇ يەرلەردە ئېيتىلغان يۇمۇر ۋە لەتىپىلەر ئېغىزدىن-ئېغىزغا يۆتكىلىپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مىراسىغا ئايلاندى. ھىسام قۇرباننىڭ لەتىپىلىرىمۇ نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئېغىزدا ئېيتىلىپ كەلگەن خەلق ئەدەبىياتى مىراسىنىڭ بىر تۈرى.
