ئالماتادا «ئىجادكار» ژۇرنىلى يورۇق كۆردى
2016.12.09
يېقىندا ئالماتا شەھىرىدە «ئىجادكار» ناملىق ئەدەبىي-پۇبلىستىكىلىق، ئىلمىي-ئاممىباپ ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانى يورۇق كۆردى. ژۇرنال ھەجىمى ئون باسما تاۋاق ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭ دەسلەپكى سەھىپىسىدە ئاتاقلىق شائىر نەزەرغوجا ئابدۇسېمەتوفنىڭ «ياش ئۇيغۇرغا» دېگەن شېئىرى ئورۇن ئالغان. ئۈچ ئايدا بىر قېتىم نەشر قىلىنىدىغان مەزكۇر ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى تونۇلغان شائىر ۋە ژۇرنالىست ئەخمەتجان ئىسراپىلوف، ئۇنىڭ بەدىئىي كېڭەش رەئىسى ئاتاقلىق شائىر جەمشىت روزاخۇنوفتۇر.
ژۇرنال باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى، يازغۇچى ۋە شائىر تېلمان نۇراخۇنوفنىڭ پىكرىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ نەشر قىلىنغان «پەرۋاز» ژۇرنىلى ئالدى بىلەن مەجمۇئە، كېيىنىرەك ژۇرنال شەكلىدە چىقىپ، ئۇنى تالانتلىق يازغۇچى تۇرغان توختەموف باشقۇرغان ئىدى. كېيىنىرەك، يەنى 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا «ئارزۇ» ژۇرنىلى چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنى قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى ئەخمەتجان ھاشىرى باشقۇرغان.
ت. نۇراخۇنوف قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئانا تىلىدا چىقىۋاتقان بۇ ژۇرناللىرىنىڭ ئىقتىساد قىسلىقى تۈپەيلى يېپىلىپ كەتكەنلىكىگە قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «شۇنىڭدىن كېيىن، قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىدە ئەدەبىي ژۇرنالغا بولغان بوشلۇق پەيدا بولۇپ قالدى. بۇ ھەققىدە يازغۇچى، شائىرلىرىمىز، رەسساملىرىمىز ۋە باشقىلار ئويلاپ، شۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ تىلەكلىرىنى ئېيتىپ يۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلگە ئاشماي كېلىۋاتاتتى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندا بىر توپ بالىلار باش قوشۇپ، مۇشۇ ژۇرنالنى چىقىرىشنى قولغا ئالدۇق. ھازىر بىرىنچى، يەنى سىناق سانى قولىمىزغا تەگدى. «ئىجادكار» دېگەن نام بۇ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، مەزمۇنى تۈپسىز، ماھىيىتى چەكسىز ئۇقۇم. مەزكۇر نەشرنى «ئىجادكار» دەپ ئاتاش بىلەن بىللە، ھۆددىمىزگە زور جاۋابكارلىق ئېلىۋاتقىنىمىزنىمۇ ئوبدان ھېس قىلىۋاتىمىز.»
ت. نۇراخۇنوف ژۇرنالنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن تاشقىرى يەنە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن بۆشۈكى بولغان ئانا توپراق ئۇيغۇر ئېلى ئەدىبلىرىنىڭمۇ ئەسەرلىرى، شۇنداقلا تىلى ۋە دىنى بىر تۈرك دۇنياسى ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاباي نامىدىكى مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئەدەبىياتشۇناس دوكتور شائىرەم باراتوۋا «ئىژادكار» ژۇرنىلىنىڭ يورۇق كۆرۈشىنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا يۈز بەرگەن چوڭ بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ يەنە كېلىپ قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقى ھارپىسىدا چىقىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۆتمۈشكە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئومۇمەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ھاياتىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ ھەر خىل گېزىت-ژۇرناللار نەشر قىلىنىپ تۇرغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەر قايسىنىڭ ئۆزىگە خاس تارىخى، تەقدىرى مەۋجۇت. موشۇ مۇستەقىللىق يىللىرىنىڭ باشلىرىدىلا بىۋاسىتە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيىتىنى يورۇتۇشقا بېغىشلانغان " پەرۋاز"، "ئارزۇ" ژۇرناللىرىنىڭ نەشر قىلىنىپ، مىڭلىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاقلىغانلىقى ھېلىمۇ يادىمىزدا. ئامما، ئەپسۇسكى، بۇ ژۇرناللار دۆلەت ھېسابىغا ئەمەس، بەلكى ھامىيلار ھەم ئوقۇرمەنلەر ھېسابىغا چىقىرىلغانلىقتىن كېيىنىرەك خىراجەت قىسلىقى سەۋەبىدىن يېپىلىپ كەتتى. ئوچۇقىنى ئېيتىش كېرەككى، بۈگۈنكى كۈندە ھەر قانداق بىر نەشرنى ساقلاپ قېلىش قىيىن ئەھۋال. ئەمدى "ئىجادكار" ژۇرنىلىنىمۇ ئېغىر سىناقلار كۈتۈپ تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە.»
ش. باراتوۋانىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ژۇرنال كەڭ دائىرىدىكى ئىجادكارلارغا، يەنى يازغۇچى، رەسسام، ئالىم، بەستىكار ۋە باشقىلارنىڭ ئىجادىيىتىنى يورۇتۇشقا مۆلچەرلەنگەن بولسىمۇ، ئاساسىي دىققەت ياش ئىجادكارلارنى قوللاپ-قۇۋەتلەشكە بېغىشلانغان. ئۇ ھەر قانداق بىر ژۇرنالنىڭ كېلەچىكى ئەنە شۇ ياشلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقىمۇ ژۇرنالنى ھەر جەھەتتىن قوللاش بۈگۈنكى ياشلارنىڭ مۇقەددەس بۇرچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ژۇرنالنى يورۇق دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن بارلىق قەلەمداشلىرىغا ئاق يول تىلىدى.
ئالماتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى ئازنات تالىپوف بولسا، ژۇرنال ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ژۇرنالنىڭ يورۇق كۆرۈشى بىزنىڭ مەنىۋىيىتىمىزدىكى ھەقىقىي چوڭ يېڭىلىق. بىرىنچىدىن، مەزمۇن ۋە كۆلەم جەھەتتىن باي. بۇ ژۇرنالغا ئىلمىي ماقالىلەر، ھېكايىلەر، روماندىن پارچىلار، شېئىرلار كىرگۈزۈلگەن. ئىجادكارلارنى روھىي جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋەتلەش، ئۇلارنىڭ ئىجاد مەيدانى بولۇپ قالىدىغان مۇشۇنداق ژۇرنالنىڭ ھاجەتلىكى بىر پىشىپ يېتىلگەن مەسىلە ئىدى. بۇ ژۇرنالدا يېڭىدىن قەلەم تەۋرىتىۋاتقان ئىجادكارلارمۇ ئۆز ئەسەرلىرىنى، ئالىملار ئۆز ماقالىلىرىنى ئانا تىلىدا ئېلان قىلىدۇ دېگەن ئۈمىدتەمىز.»
ئىگىلىشىمىزچە، ژۇرنالنىڭ بۇ سانىدا، مەسىلەن، ئابلەھەت كامالوف، ئالىمجان ھەمرايېف ئوخشاش ئالىملارنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى، تېلمان نۇراخۇنوف، ئەخمەتجان ئىسراپىلوف، ئەكرەم ئەخمەتوف، ئىلاخۇن جەلىلوف، شاۋكەت نەزەروف قاتارلىق تونۇلغان يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ئورۇن ئالغان.