شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە باي مەزمۇنلار بىلەن خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00

11-نويابىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 85 يىللىقى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 74 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىدىكى ئىستىقلال مارشى ئوقۇش مۇسابىقىسىدە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئۆسمۈرلەرگە مۇكاپات تارقىتىلدى. مۇراسىمغا ميۇنخېن شەھىرىگە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» گە قاتنىشىش ئۈچۈن 23 دۆلەتتىن كەلگەن 250 ئۇيغۇر ۋەكىل ۋە ميۇنخېنلىق ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

مەزكۇر مۇراسىملارغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزاسى ئابلىمىت تۇرسۇن رىياسەتچىلىك قىلدى.

مۇراسىم «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى» ئوقۇش بىلەن باشلاندى. مۇراسىم جەريانىدا ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىستىقلال مارشى ئوقۇش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، باھالاش كومىتېتى ئەزاسى نەبىجان ئەلا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئۇ، ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ «ئىستىقلال مارشى» نى يادقا ئوقۇش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىدىكى مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ، «بۇنىڭ مەقسىتى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە ياشنىتىشتىن ئىبارەت» دېدى؛

نەبىجان ئەلا ئەپەندى «ئىستىقلال مارشى» نى كوللېكتىپ ئورۇنداش بويىچە ئىستانبۇلدىن قاتناشقان «تاڭنۇرى تەلىم تەربىيە مەركىزى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى.

كوللېكتىپ تۈر بويىچە ئىستانبۇل ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى ئىككىنچى دەرىجىگە، «يېڭى ئەۋلاد گۇرۇپپىسى» ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن.

نەبىجان ئەلا ئەپەندى گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ئىچىدە يەنە شەخسلەر بويىچە دەرىجىگە ئېرىشكەنلەرنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر تۈر بويىچە تۈركىيە ئىستانبۇلدىن كەلگەن ئۆسمۈرلەردىن سۇمەييە ئۆمەر بىرىنچىلىككە، ئايشە ئابىدىن ئىككىنچىلىككە، ئادىل مۇھەممەت ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.

بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن سۈمەييە ئۆمەر ئىستىقلال مارشىنى دېكلاماتسىيە قىلغىنىدا پۈتۈن زالنى ئالقىش ساداسى قاپلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش كۈنىگە ئاتاپ ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر «ئىستىقلال مارشى» ئوقۇش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەنلەرگە 1500 ياۋرو، ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەنلەرگە مىڭ ياۋرو، ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەنلەرگە 500 ياۋرو مۇكاپات بېرىلدى.

بىز مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كۆزقاراشلىرىنى بىلىش ئۈچۈن بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن سۇمەييە ئۆمەر بىلەن سۆزلەشتۇق. ئۇ، ھەر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئىستىقلال مارشىنى يادقا بىلىشىنىڭ بۇرچ ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى يەنە گېرمانىيەدىكى «مېھرىبان ئانىلار گۇرۇپپىسى» يېتىشتۈرۈۋاتقان بالىلارنىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئورۇندىشى بىلەن داۋاملاشتى. رىياسەتچى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇلارنى سەھنىگە تەكلىپ قىلدى.

كېيىن پېشقەدەم سىياسەتچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى ئالدى بىلەن 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئارقىدىن ئۇ 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

بىز ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ يىقىلىش سەۋەبلىرى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

11-نويابىردا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 85 يىللىقى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 74 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە «ئىستىقلال مارشى» ئوقۇش مۇسابىقىسىدە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئۆسمۈرلەرگە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ ئاخىرىدا ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن تونۇلغان سەنئەتچى شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى، ئەنگلىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە سەنئەتكار رەھىمە مەخمۇت خانىم، گوللاندىيەدىن كەلگەن پەرھات ئەپەندى ۋە قازاقىستانلىق ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسەتتى.

ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى 20 يىلدىن بېرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىزچىل ھالدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنمەكتە، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ مەزمۇنى يىلدىن يىلغا بېيىماقتا.