قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلىدى
2018.11.13
12-نويابىر كۈنى بىشكەك شەھىرىنىڭ «كىچىك ئالامېدىن» بىرىنچى رايونىدىكى مەدەنىيەت ئۆيىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 1933-يىلى، 12-نويابىردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 85 يىللىقى ۋە 1944-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. مۇراسىم قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى بىلەن باشلاندى.
يىغىنغا بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-رايونلاردىن، توقماق ۋە قارابالتا شەھەرلىرىدىن كەلگەن جامائەت ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 250 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. بۇ يىغىنغا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف رىياسەتچىلىك قىلدى.
1944-1945-يىللىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئەسكەرلىرىنىڭ كۈرەش قىلىشى بىلەن ئىلى، ئالتاي ۋە تارباغاتاي ۋىلايەتلىرى ئازاد بولغان، شۇ جەڭلەردە مىڭلىغان جەڭچى-ئوفىتسېرلار قۇربان بولغان ئىدى. يىغىن ئالدىدا ۋەتەننىڭ ئازادلىقى يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلارغا ئاتاپ ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئابدۇرېشىت ھاجىم خەتمە قۇرئان قىلدى.
پائالىيەت داۋامىدا، رىياسەتچى ئارتىق ھاجىيېف «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى نامىدىن جامائەتنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخى ھەققىدە دوكلات ئوقۇدى.
ئىختىيارىي سۆزگە چىققان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە ياشىغان غەيرەت ھاجىم جاھانوف ئەپەندى، كۆزلىرى نەملەنگەن ھالدا ئۆزىنىڭ ئەينى دەۋردىكى ھېسسىياتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
1960-يىللاردا قىرغىزىستاندا 1944-1949-يىللىرىدىكى ئىنقىلابقا قاتناشقان جەڭچى-ئوفىتسېرلاردىن 200 دىن ئارتۇق كىشى بار ئىدى. ئەپسۇسكى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار باقى دۇنياغا كەتتى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن ھايات قالغان ئابلىمىت بەكرىيىف ئەپەندى ۋە ئابدۇرېشىت سالىموف ئەپەندىلەر قاتناشتى. ھايات ياشاۋاتقان يەنە باشقا بەش كىشى سالامەتلىكى ناچار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار يىغىنغا قاتنىشالماي قالدى.
يىغىندا پەلسەپە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ۋە «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف دوكلات ئوقۇپ، «12-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ» دەپ تەكىتلىدى.
«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئوسمانجان تۇردى، ئىختىيارىي سۆزگە چىقىپ، دۇنيا تارىخىدا ھېچ قايسى ئىمپېرىيەنىڭ مەڭگۈ ياشىمىغانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈپ، ئۇلۇغ شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرى بىلەن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنى ئويغىنىشقا چاقىردى.
12-نويابىر كۈنى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جالال -ئاباد شەھىرىدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇلدى. يىغىنغا جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدىكى يېزا-شەھەرلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشتى. رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، مەزكۇر مۇراسىمنىڭ مەسئۇلى ئەلىشىر ناسىراخۇنوف، قىرغىزىستان جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پائالىيىتى ھەققىدە توختالدى.
مەلۇم بولۇشىچە جالال-ئاباد ۋىلايىتىدە تەخمىنەن 700 ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلار بازار قورغان، نوئوكەن، قوچقار-ئاتا قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. بۇلاردىن باشقا يەنە ئوش ۋىلايىتىنىڭ قاراسۇ ناھىيەسى ۋە ئوش شەھىرىدىمۇ خېلى كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشىماقتا.
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى 12-نويابىر جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەكبەرجان باۋۇدونوف ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.