14-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى مىيۇنخېندا ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

13-نويابىر د ئۇ ق تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 14-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى ميۇنخېن شەھىرىدە باشلاندى. پائالىيەتكە ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن بىر قىسىم قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ۋە بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا ۋەزىپىگە سايلانغان قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى قاتناشتى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ قېتىمقى كۇرسنى تەشكىللەشتىكى مەقسەت ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى تەربىيىلىنىشكە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

2 كۈن داۋاملاشقان بۇ كۇرستا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكىتىنى خەلقئارا قانۇنلار ۋە دېموكراتىيە پرىنسىپلىرى ئاساسىدا ب د ت دا، ياۋروپا پارلامېنتىدا ۋە دۆلەتلەر پارلامېنتلىرىدا جانلاندۇرۇشنىڭ تۈرلۈك تاكتىكىلىرى ئۆگىتىلىش بىلەن بىرگە، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەھلىللەر ئېلىپ باردى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ كۇرستا ئەھمىيەتلىك تېمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى 14-نويابىر ئاخىرلاشتى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى 40 تىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشقان بۇ كۇرسقا ئىجابىي باھا بەردى. در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ ۋەكىللەرنىڭ بۇ كۇرستىن كۆپ مەنپەئەت ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى.