د ئۇ ق ۋەكىللىرى تورونتودا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى
2013.11.18

كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە 5 كۈنلۈك زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن 14-نويابىر كۈنى تورونتو شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر تورونتودا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى تورونتودىكى زىيارىتى جەريانىدا، ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئائىلىسىنى يوقلىدى.
17-نويابىر كۈنى كەچتە، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋېلىش بىرلەشمە پائالىيىتى تورونتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە ئالدى بىلەن شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت مارشى ئورۇنلانغاندىن كېيىن شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلارنىڭ نامىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان قىلىندى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، كانادادا ئۇيغۇر داۋاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشتە جامائەتچىلىكنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.