خىتاينىڭ «ئىپارخان» ناملىق كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىمى تالاش - تارتىش قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.08.27
apaq-xoja-mazar-maziri-305.png ئاپاق خوجا مازىرى
RFA/Qutluq


«ئىپار مەلىكە» سەرلەۋھىلىك كارتون فىلىمىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتىنى قاتتىق باستۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر - خىتاي دوستلۇقى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئۆز - ئارا نىكاھلىنىشىنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئىشلىنىشى، مەزكۇر كارتون فىلىم ھەققىدىكى تالاش - تارتىشقا تېخىمۇ چوڭ سورۇن ھازىرلاپ بەردى.

كارتون فىلىمى قوزغىغان تالاش - تارتىشنىڭ نىگىزلىك نۇقتىسى فىلىمدىكى «ئىپارخان» ئوبرازىدۇر. كارتون فىلىمنى ئىشلەۋاتقان شىنجىن چيەنشياڭ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى، مەزكۇر فىلىمدىكى «ئىپارخان» ئوبرازى ئۇيغۇر - خىتاي ئىككى مىللەتنىڭ ئاداۋىتىنى پەسەيتىپ، ئىتتىپاقلىقنى ئالغا سۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق فىلىمدىكى «ئىپارخان» ئوبرازى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدىكى تارىخىي شەخس - «ئىپارخان» ئوتتۇرىسىدا زور پەرق مەۋجۈت.

چيەنشياڭ شىركىتىنىڭ 104 قىسىملىق كارتون فىلىمىدىكى «ئىپارخان» 18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدىكى مانجۇ - خىتاي ئىمپىراتورى چيەنلۇڭغا ئاشق بولۇپ، ئۇنىڭغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ئۇيغۇر مەلىكىسى قىلىپ تەرۋىرلەنگەن. فىلىمدە، چيەنلۇڭ - ئىپارخان ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت چوڭقۇرلىشىپ شۇ دەرىجىگە بارغانكى، بۇ مۇناسىۋەت ئوردا ئەھكاملىرىنىڭ ۋە ھەتتا خانئانىسىنىڭ كۆندەشلىكىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ ئىپارخانغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا يول ئاچىدۇ.

بىراق، ئۇيغۇر ئەدەبىيات ۋە تارىخچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تارىختىكى ئىپارخان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدىكى ئىپارخان ئوبرازى بۇ ئەمەس. قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىروف، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپارخاننى ئۇيغۇرنىڭ ئىمان نۇرى، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تارىخنى بۇرمىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئىپارخان، ئۇ، ھاياتتا ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى، ئۇلۇغ مۇھەببىتىنى قانداق سادىقلىق بىلەن تۇتۇش كېرەك، شۇنى دەلىللىگەن قىز. بېرىپلا، مەن ساڭا كۆيدۇم - ئۆچتۈم، دەپ كەتكەن ئۇنداق ئىش يوق، مەن بىلگەن تارىختا. ئەمدى، ئۇلار قانداق تارىخچىلاركىنتاڭ، تارىخنى بۇرىسا قانداق بولىدۇ. مەسىلەن، بېيجىڭدا مەن بىلگەن ئىپارخان ھەققىدە ناھايىتى چوڭ ئىستىراھەت باغلىرى بار. ئۇ پەقەتلا تارىختا قولغا چۈشۈپ قالىدۇ. دېمەك، ئۇ سەن ماڭا كۆيىسەن، دېدى. ئۇ ياق، سەن مېنىڭ چىن مۇھەببىتىم ئەمەس، مېنىڭ مۇھەببىتىم مېنىڭ خەلقىم، دېدى. ئاڭلاشقا ئۆزىنىڭ دېگىنىنى قىلغۇزدى. ئۇنداق بولمىسا، ئۇ دەۋرلەردە ئۆزىنىڭ دېگىنىنى قىلىپ بېرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئاپىرىپ ئۆزى دېگەن يەرگە دەپن قىلدۇرۇشىنى قانداق بۇرمىلايدۇ. تارىخ ھازىر كۆپ بۇرمىلىنىۋاتىدۇ، ھەر كىم ئۆزىگە تارتىۋاتىدۇ. بىراق ھازىرقى دەۋر ئۆتۈپ كېتىدۇ، 20 - 30 يىلدىن كېيىن باشقا تارىخچىلار، باشقا ئوقۇرمەنلەر چىقىدۇ. بەرىبىر ئۇ تارىخ يەنە تارىخ بولۇپ قالىدۇ. ئىپارخاننى مۇنداقلا، دەپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇ خەلقىنىڭ ئىمان نۇرى. شۇنىڭ ئۈچۈن تارىخنى ھەر تۈرلۈك بۇراپ كېتىشكە بولمايدۇ.

تارىخىي مەنبەئەلەردە، ئىپارخاننىڭ ھەقىقى ئىسمى توغرىلىق ھەر خىل قەيتلەر بار. بەزى مەنبەلەردە ئۇنىڭ ئىسمى دىلشات خاتۇن، دەپ كۆرسىتىلسە، يەنە بەزى مەنبەلەردە نۇر ئەلانۇر، دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھازىرقى ئىپارخان دېگەن ئىسمى بولسا، چيەنلۇڭ خان دەۋرىدىكى مەنچىڭ ئوردىسىنىڭ ئارخىپلىرىدىكى شياڭفېي دېگەن ئىسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھالبۇكى، ئىپارخاننىڭ بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىلىپ، چيەنلۇڭ خانغا توقاللىققا مەجبۇرلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان زور تارىخىي ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك. لېكىن خىتاي كارتون شىركىتىنىڭ فىلىمىدە بۇ تارىخىي رېئاللىققا ئورۇن بېرىلمىگەن.

تارىخىي مەنبەئەلەردە، ئىپارخان ھىدايتۇللا ئاپپاق غوجىنىڭ نەۋرىسى ئەھمەت خان غوجىنىڭ نەۋرە كېلىنى، دەپ بايان قىلىنىدۇ. ئەھمەت خان غوجىنىڭ نەۋرىسى چوڭ - كىچىك غوجىلارنى جۇڭغارلار غۇلجىدا گۆرۈگە تۇتۇپ تۇرغان. ئىپارخان كىچىك خوجا - خوجا جاھاننىڭ ئايالى، دەپ قەيت قىلىنىدۇ. غوجا جاھان 1759 - يىلى مانجۇلارغا بەيئەت قىلىشنى رەت قىلىپ، قەشقەرىيەدە مۇستەقىللىق جاكارلىغان چوڭ غوجا - بۇرھانىددىن بىلەن مانجۇ ئىشغالىيىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. ئۇ بەدەخشاندا ئەسىرگە چۈشۈپ، بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىلغان ۋە بېيجىڭدا قەتلىئام قىلىنغان.

غوجا جاھان بىلەن بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىلغان ئىپارخان چيەنلۇڭغا توقاللىققا مەجبۇرلانغان بولسىمۇ، بىراق توقاللىقنى رەت قىلغان. بەزى مەنبەئەلەردە، ئىپارخاننىڭ زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغانلىقىنى ياكى خان ئانىسىنىڭ زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئەخمەتجان ھاشىروفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر مانجۇ ئىمپېراتورى بىلەن ئىپارخان ئوتتۇرىسىدا رومانتىك بىر مۇناسىۋەتنىڭ بولغانلىقى راست بولسا، بۇنىڭ تارىخىي دەلىللىرىنى كۆرسىتىشى كېرەك. بولمىسا تارىخىي ۋەقەلەرنى بۇرمىلاپ، ئۇنى مەلۇم سىياسىي پروگراممىغا كۆتۈرۈش ئورۇنسىز.

ئۇ مۇنداق دېدى: دۇنياغا كەلگەن بىر ئادەمنىڭ شەخسى يۈرىكى بولسا، بىر ئادەمنى سۆيۈشكە، بىر ئادەمنى قەدىرلەشكە، مۇڭداش، سىرداش بولۇشقا تەييار، ئۇ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى. ئەمما بۇنى بۇرمىلاپلا سىلەرنىڭ ئۇلۇغ نەرسەڭلار مانا مۇشۇنداق بولدى، دېسە، بۇنى دەلىللەش كېرەك. تارىخ دېگەن دەلىل تەلەپ قىلىدۇ. ئەمدى، ئۇياق - بۇياقنى ئېيتىۋەرسە، بەزىدە بىر تەسىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مىڭلىغان ئادەم ئويلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. خەلقنىڭ ھەممىسى مەنبەلەرنى ئوقۇمىغانغۇ. ئالىم ۋە تارىخچى بولمىسا ئاۋام خەلق ئۇنىڭ زىر - زەۋىرىگىچە ئىپارخاننىڭ تارىخىنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭغا قاراپ ھوي، دەپ قېلىشى مۇمكىن ياكى ھە - مۇنداقكەن، دەپ قېلىشى مۇمكىن. بىراق چوقۇم بىر پىكىرگە كەلمەيدۇ. ئاڭ سەۋىيەلىك ئادەملەر ھەر كىم ئۆزىنىڭ پىكىرى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى چوڭ بىر سىياسەتكە ئاپىرىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر تارىخىي پاكىت بولسا، ئۇنى پالانچى يەردە مۇنداق ئېيتىلغان، دەپ كۆرسىتىش كېرەك. مېنىڭ قەتئىي دەيدىغىنىم شۇ، قەيەردە، قايسى مەنبەدە شۇنداق يېزىلغان، ئەڭ مۇھىمى شۇ مەنبەلەرنى كۆرۈش كېرەك. ھېچقانداق مەنبەدە يوق بولسا ئولتۇرۇپ، بۇ شۇنداقكەن، دەپ خەلقنىڭ ئالدىغا چوڭ پروگرامما بىلەن چىقىش ئورۇنسىز بولىدۇ.

بىراق، يەنە بەزى زىيالىيلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل كارتون فىلىملەرنى ئىشلەپ بازارغا سېلىشىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك نىشانى ئۇيغۇر - خىتاي ئارىسىدىكى پەرقنى يوقىتىپ، ھەم خىتاي، ھەم شەرقىي تۈركىستانلىق يېڭى بىر خىل تىپلارنى يارىتىشتۇر. ئۇيغۇر گۇڭگا شېىرىيىتىنىڭ ئاساسچىسى، شائىر ئەخمەتجان ئوسمان بۇ قاراشتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكى مەسىلە، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش مەسىلىسى ئەمەس. بۇ يەردىكى مەسىلە، ئۇيغۇر تارىخىي شەخسلىرىنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ۋە ھاياتىنى بۇرمىلاش ئارقىلىق ئۆزلىرى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتنىڭ توغرىلىقىنى تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت. بولمىسا، ئۇيغۇرلارنىڭ قوبۇل قىلىش - قىلماسلىقى، بۇنىڭ توغرا - خاتالىقى ئۇلار ئۈچۈن ئانچە مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتى ۋە بۇ تەشۋىقاتىنىڭ بۇرمىلانغان ئاساسى. ئەلۋەتتە، ئىپارخاننىڭ تارىخىي ھەقىقىتى، ئىپارخاننىڭ ھازىر خىتايلار يارىتىۋاتقان تارىخىي ئوبرازىنىڭ ئەكسى ئىكەنلىكى ئېنىق. ئۇيغۇرلارمۇ شۇنداق بىلىدۇ، شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن خىتايلار ئىپارخاننىڭ ئوبرازىنى بۇرمىلاپ ھازىرقى بۇ شەكىلدە تەشۋىق قىلسا، يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلاردىن، خىتايلاردىن بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر - خىتايلارنى يىتىلدۈرۈۋالسا، بۇ ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق، دەپ قارايدۇ. چۈنكى، بۇ ئەۋلاد ئۆزلىرىنى ھەم جۇڭگولۇق ھەم شەرقىي تۈركىستانلىق، دەپ قارايدۇ. ئۆزلىرىنى ھەم ئۇيغۇر، ھەم خىتاي دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، مۇستەملىكە قىلغۇچى ۋە مۇستەملىكە قىلىنغۇچى دېگەن بۇ چەك - چېگرا تۈگەيدۇ.

كارتون فىلىمىنى ئىشلىگۈچى شىركەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كارتون فىلىمى قەشقەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تەۋسىيە ۋە ھەمكارلىقىدا ئىشلەنمەكتە ئىكەن. قەشقەر دائىرىلىرى «شىنجاڭدىكى مىللىي ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى كارتون فىلىمى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرمەكچى بولغان»، «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بولسا «شىنجاڭنىڭ كارتون فىلىمى ئارقىلىق ئىدېئولوگىيە ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.