قەشقەر: ئىسلام دۇنياسىغا تونۇلغان مەشھۇر بىر شېئىردىكى غايىۋى شەھەر

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.08.28
1920-yillardik-Qeshqer-kochiliri.jpg 1920-يىللاردىكى قەشقەر كوچىلىرىدىن بىر كۆرۈنۈش (مەنبە: شىۋېتسىيە دۆلەتلىك ئارخىپى)
RFA/Qutlan

ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ مول مەزمۇنلۇق ئەسەرلىرى ئىچىدە مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى ۋە قېرىنداشلىقى تەكىتلەنگەن بىر شېئىرى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا مەشھۇردۇر. بۇ شېئىردا «قەشقەر» نامى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، نىل دەريا ساھىلىدىن تاكى قەشقەرىيە تۇپراقلىرىغىچە بولغان تېررىتورىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى مەزمۇن قىلىنغان.

مۇقەددەس كەئەبىگە مەھكەم چىگىلسۇن مۇسۇلمانلار رىشتىسى.
نىل دەريا ساھىللىرىدىن تاكى كاشغەر تۇپراقلىرىغىچە!...

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن ئازادجان بۇغرانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرلىكى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قېرىنداشلىقى تىلغا ئېلىنغاندا پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى قۇرۇقلۇقىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تەبىئىي رەۋىشتە ئۇرىدۇ تىلىدا يېزىلغان مەزكۇر شېئىر نەقىل ئورنىدا ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ شېئىردا پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىرلىك ۋە قېرىنداشلىق روھىنى پەقەتلا ئىسلام ئەقىدىسى ئارقىلىق بەرپا قىلغىلى بولىدىغانلىقى، ئىسلامنىڭ قانداقتۇر ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىشنى تەرغىب قىلىدىغان دىن بولۇپ قالماستىن، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئىرقىي ۋە مىللىي نۇقتىئىنەزەرلەردىن ئۈستۈن ئادىمىيلىك ۋىجدان ئېڭىنى بەرپا قىلالايدىغان بىر تەدرىجىي ئىنقىلابنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىمۇ نىشان قىلغانلىقى مەزمۇن قىلىنغان. يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن يېزىلغان بۇ شېئىر ئۆز دەۋرىدە شەرقتىكى نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان، ھەتتا مۇھەممەد ئىقبالنىڭ غەربتە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرى ئىچىدىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدىغان شېئىرلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە قارالغان.

«قەشقەر» نامى تىلغا ئېلىنغان بۇ شېئىر مۇھەممەد ئىقبالنىڭ ئەڭ ئۈلگىلىك ۋە نادىر شېئىرلىرىدىن بولۇپ، باشلانغۇچ ۋە ئورتا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن. ھازىرمۇ پاكىستان، بېنگال ۋە ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىسلام ئۈممەتلىرىنىڭ بىرلىكى ھەققىدە سۆز ئېچىلسا بۇ شېئىر ئوقۇلماي قالمايدۇ. «بىر بولسۇن مۇسۇلمانلار ھەرەمنى قوغداش ئۈچۈن، نىل ساھىلىدىن تارتىپ تاكى قەشقەر تۇپراقلىرىغىچە» دېگەن مىسرالار بىلەن يۇقىرى بەدىئىي پەللىگە يەتكەن بۇ شېئىر ھەر يىلى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى نەچچە ئونلىغان يىغىلىشلار ۋە پائالىيەتلەرنىڭ باش تېمىسى سۈپىتىدە لەۋھەلەردىن ئورۇن ئالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى قۇرۇقلۇقىدىكى ئەللەردە، بولۇپمۇ پاكىستان ۋە ھىندىستاندا تونۇلۇشىمۇ مۇھەممەد ئىقبالنىڭ «قەشقەر» نامى تىلغا ئېلىنغان مەشھۇر شېئىرىنىڭ زىلزىلىسىدىن بولغان دېيىشكە بولىدۇ. پاكىستان ۋە ھىندىستاندا ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر»، «شەرقىي تۈركىستان» دېسە ئۇقمايدىغان ھىندىلار بىلەن پاكىستانلىقلار «قەشقەر» دېسە دەرھال ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنى بىلىدىكەن ھەمدە ئىقبالنىڭ مەزكۇر شېئىرىنى دەرھال ئېسىگە ئالىدىكەن.

بىز بۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن مۇھەممەد ئىقبالنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن ئازادجان بۇغرا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.