0:00 / 0:00
مەشھۇر قوشاقچى ۋە ناخشىچى ئېلاخۇن كۆككۆز باسقۇنچىلارنىڭ خەلقىگە سالغان زۇلۇمغا چىدىيالماي، ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش ئېلىپ باردى. ئۇ، 1955-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، 1970-يىلى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ناھىيىسىگە قاراشلىق ئازاد يېزىسىدا 105 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
ھازىر ئەنە شۇ يېزىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇنىڭ ئوغلى يارئەلى ئېلاخۇنوف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دادىسىنىڭ قازاقىستاندىكى ھاياتى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.