«جۇڭخۇا چۈشى» سايىسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تارىخى (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-12-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەتراپى سىم تىكەن بىلەن چېگرىلانغان يەسلىدە، قارانچۇقسىز قانغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تۈسىنى ئالغان كىيىملەر كىيدۈرۈلگەن.
ئەتراپى سىم تىكەن بىلەن چېگرىلانغان يەسلىدە، قارانچۇقسىز قانغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تۈسىنى ئالغان كىيىملەر كىيدۈرۈلگەن.
Social Media

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئېغىرلاپ مېڭىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ خەلقئارادىكى چوڭ خەۋەرلەردىن بولۇشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» ھەققىدىكى بىر يۈرۈش نەزەرىيەلىرى قاتارىدا تارىخ مەسىلىلىرى ھەققىدىكى كونا مۇقاملارنى قايتىدىن بازارغا سېلىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

ئۆتكەن بىرنەچچە ھەپتە جەريانىدا ئۇيغۇر تارىخى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم خىتاي ئالىملىرىدىن باشقا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن ش ئۇ ئا ر پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى لى پېڭشىن، ش ئۇ ئا ر ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنياز، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى تيەن ۋېن قاتارلىقلار ئارقىمۇ-ئارقىدىن ماقالە ئېلان قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخىنى ھازىرقى يېڭى ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. بولۇپمۇ ئىلىم ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان «نامدار» خىتاي زىيالىيلىرىدىن تيەن ۋېيجياڭنىڭ 5-سېنتەبىردە «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى» دەيدىغان بۇ كونا نەزەرىيەنى ئالايىتەن خىتايدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بولغان «نۇر گېزىتى» دە ئېلان قىلىشىنىڭ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى لى پېڭشىننىڭ نامىدا 5-نويابىر كۈنى «تەڭرىتاغ» تورىدا ئېلان قىلىنغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ماقالىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ.

ئىلى پېڭشىننىڭ بۇ ماقالىسىدە «شىنجاڭدىكى بارچە خىزمەتلەر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە يىراقنى كۆزلىگەن ئەمىنلىكنى چۆرىدىگەن ھالدا داۋام قىلىشى لازىم. شىنجاڭ تارىخى، مىللەت، مەدەنىيەت ۋە دىن مەسىلىلىرى شىنجاڭدىكى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ مەركىزىي ھالقىسى» دەپ كۆرسىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «شىنجاڭ تارىخىدىكى مەسىلىلەرنى توغرا تونۇشتا بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسەت سۆزلەشنى بىرىنچى تەلەپ قىلىشىمىز لازىم» دەپ كۆرسىتىلىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىنى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاش ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى تۈرك دەپ ئاتىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. ئۇنىڭ ۋە مۇئاۋىن رەئىس ئەركىن تۇنىيازنىڭ ماقالىلىرىدە «تارىخ» ھەققىدىكى مۇشۇ قۇرلارنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈشىنىڭ ئۆزى كومپارتىيەنىڭ سىياسىي خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان «رەھبىرىي كادىرلىرى» نىڭ «تارىخ» ۋە «دىن» نى بۈگۈنگە خىزمەت قىلدۇرۇشىدىكى مۇددىئانىڭ نېمىلىكىنى روشەن ئىشارە قىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئۇيغۇرلار تۈرك ئەمەس» دېگەندەك بۇ خىل تارىخ تەشۋىقاتىنىڭ ھېچقانداق يېڭى نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ كېلىپ، بۇنىڭغا قويۇق بولغان سىياسىي مۇددىئانىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەت خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بارغانسېرى ئېغىر جامائەت پىكرى بولۇپ قېلىۋاتقاندا بۇ خىلدىكى سىياسىي «تارىخشۇناسلىق» ماقالىلىرىنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىش ھەققىدە ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس گاردنېر بوۋىڭدونمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان قاراشتا. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقاچان مۇشۇ خىلدىكى باياناتلارنى ئېلان قىلىشى ئۇلارنىڭ ئۇلغىيىۋاتقان جامائەت پىكرىنى بېسىش ئارزۇسىنىڭ ئىنكاسى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى تەدبىرلىرى «يېڭىلىق» مۇ ئەمەس. ئۇلار ھەرقاچان بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا كىشىلەرنى زۇۋان سۈرەلمەس قىلىۋېتىش ئارقىلىق «مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ». 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قېلىپلىشىپ قالغان ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى زورلۇق ۋاسىتىسى ئارقىلىق يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئېغزىنى يەملىۋېتىش. بۇنىڭ بىرى تەشۋىقات ماقالىلىرى ئارقىلىق، يەنە بىرى ساقچىلار ئارقىلىق بولىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«قاچانلا بولسۇن خىتاي ھۆكۈمىتى بىرەر ئۇلغىيىۋاتقان پائالىيەت ياكى نارازىلىق پىكىرلىرىدىن، شۇنداقلا تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇشى ياكى نامايىشنىڭ تەشكىللىنىشىدىن ئەندىشىگە چۈشكەندە بولسۇن دەرھاللا بەكمۇ ھەددىدىن ئاشقان ساقچىلار ئارقىلىق جىمىقتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى، 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى، 1997-يىلى، 2009-يىلى قاتارلىق مەزگىللەردە پۈتۈنلەي شۇنداق بولدى. ھۆكۈمەت بۇ ۋەقەلەرنى تولۇق كونترول قىلىپ بولالماي، بۇ جايلاردىكى كىشىلەردىن ئەندىشىگە چۈشكەن بولغاچقا دەرھاللا بۇ ۋەقەلەرنى زورلۇق كۈچى ئىشلىتىپ تېزلا تىنچىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تورنى ئۈزۈپ تاشلاش، تېلېفون ئالاقىسىنى كېسىپ تاشلاش دېگەن چارىلار ئارقىلىق بۇ ماكاننى تاشقى دۇنيادىن ئايرىپ تاشلىماقچى بولدى. مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ چارىلار ۋە تەجرىبىلەر خاپا ئىكەنلىكى بەكمۇ ئاشكارا بولغان ھەمدە شۇ خاپا ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش كويىدا بولۇۋاتقان بىر خەلققە قوللىنىدىغان ئەڭ ياخشى چارىلاردىن ئەمەس ئىدى. ئەپسۇسكى ھۆكۈمەت بۇ كىشىلەرگە قارىتا ئۇلارنىڭ ئېغزىنى يەملىۋېتىش، ئېغزىنى ئاچتۇرماسلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ.»

خىتاي «مۇتەخەسسىسلەر» نىڭ ماقالىلىرىدە ھەرقاچان ئۇيغۇر تارىخى بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن ھادىسىلەرنىڭ يەنە بىر ئىسلام دىنى بولۇپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىدىيىۋى جەھەتتە كېسەللىككە گىرىپتار بولۇشى» نى ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرگەن. ئەمما ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ھەرقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن بولغان باغلىنىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور گاردنېر بوۋىڭدون خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدىن سىقىپ چىقىرىش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنى نۆۋەتتىكى لاگېرلار مەسىلىسىدىن ئەڭ روشەن كۆرۈۋېلىش مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

«2009-يىلىدىن كېيىن ھۆكۈمەت ئىسلام دىنى ۋە باشقا ئېتىقادلارنىڭ ئاتا-ئانىلاردىن پەرزەنتلەرگە ئۆتۈشىنى رەسمىي توختاتتى. بۇنىڭدا ئىسلام دىنىغا ئاشكارا يوسۇندا ئېتىقاد قىلغانلارغىلا ئەمەس، ئائىلىلەردىكى ئىسلام دىنىغا، ئادەتتىكى تەقۋادارلىققا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا دىنىي تەربىيە بېرىشىدىكى بارچە ئىمكانلارغا ھۇجۇم باشلانغان ئىدى. ئەمما ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان لاگېرلار مەسىلىسى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىدە زادىلا توختاپ قالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ھازىر راستىنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوي-پىكرىنى باشقۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنى خۇددى باشقىلارنىڭ قانداق خىيال قىلىشىنى ئۆزگەرتىشكە ھەمدە ئادەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆزى ئىشەنگەن ئىدېئولوگىيىلىك تەھدىتنى تۈگىتىشكە ئىنتىلگۈچى بىر زاۋۇتقا ئوخشىتىش مۇمكىن.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى باياناتلارنى ئارىلاپ-ئارىلاپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن دوكتور قاھار بارات ھازىرقىدەك ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەت پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىگە چۈشكەن بىر پەيتتە بۇنىڭ يەنە بىر قېتىم بازارغا سېلىنىشىنى خەلقئارالىق چوڭ مۇھىت بىلەن باغلاپ چۈشىنىش لازىملىقىنى ئالغا سۈرىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلارنىڭ ماقالىسىدە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن «بىز ھەرقاچان ‹مەن جۇڭگولۇق›، ‹دۆلىتىم جۇڭگو›، ‹مىللىتىم جۇڭخۇا› دېگەنلەرنى مەھكەم ئەستە ساقلىشىمىز لازىم» دېگەن قۇرلارنى بىر قىسىم ئانالىزچىلار 1940-يىللاردا ئۇيغۇر مىللەتچىلىرىدىن مەسئۇت سابىرى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئېمىن بۇغرا ئوتتۇرىغا قويغان «مىللىتىمىز تۈرك، دىنىمىز ئىسلام، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تارىخىي شوئارنى ئۇنتۇلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئۇرۇنۇشى، دەپ قارىماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت