0:00 / 0:00
يېقىندا خىتاي ئارخېئولوگلار ئۇيغۇر رايونىنىڭ كىچىك مىرەن قەدىمىي قەبرىستانلىقىدا قېزىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ئەجدادلىرىغا مەنسۇپ بىر قەبرىدىن ئىككى گىرىم بۇيۇمى بايقىغان. ئارخېئولوگلار گىرىم بۇيۇملىرىنى بۇنىڭدىن 3600 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە تەۋە بىر ئايال قۇرۇق جەسەتنىڭ ساندۇقىدىن تاپقان.
ئۇ ئايال جەسەت قولۋاق شەكىللىك تاۋۇتقا سېلىنىپ، ئەڭلىك، ياغاچ تاغاق قاتارلىق بۇيۇملار بىلەن قوشۇپ دەپنە قىلىنغان بولۇپ، گىرىم بۇيۇمى بىر خۇرۇم سومكىدىن چىققان.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق يىپەك يولى تەتقىقاتچىسى، دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، كىچىك مىرەندىن تېپىلغان ئەڭلىكنى ئىنسانىيەت ئېستېتىك تارىخىي تەتقىقاتىدىكى يېڭى بىر تېما، دەپ كۆرسەتتى.
