«مۇھەممەدئىمىن بۇغرا تەتقىقاتى» يىغىنىدا نۇرغۇن يېڭى مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

7-ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھەممەدئىمىن بۇغراغا ئائىت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ياپونىيە، ئەزەربەيجان، تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەردىن كەلگەن 22 مۇتەخەسسىس، ئىستانبۇل مەركەز ۋالىسى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 400 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەردىن بىرى بولغان مەشھۇر سىياسىيون ۋە تارىخچى مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 50-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان مەزكۇر «خەلقئارالىق مۇھەممەدئىمىن بۇغرا تەتقىقاتى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، كۆز يېشى تۆككەن ھالدا ئۆزىنىڭ مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ ئالدىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان كىشى ۋە مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەر كۈرەشچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا قارىماي پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنى مىساللار بىلەن بايان قىلدى. ئۇ، بۇندىن كېيىن ئۈچ ئەپەندىلەرنى، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن شېھىت بولغان شېھىتلەرنى خاتىرىلەش يىغىنلىرى چاقىرىش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى مەسئۇلى جېلىل تۇران ئەپەندى 6 ئايلىق جىددىي تەييارلىق نەتىجىسىدە بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، كۆپلىگەن يېڭى قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.