ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخىسلەردىن بىرى، خوتەن ئىنقىلابىنىڭ قوماندانلىرىدىن تارىخچى، ئۆلىما، يازغۇچى ۋە شائىر مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ۋاپاتىنىڭ 50-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا خەلقئارا مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.
بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ياپونىيە، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيەدىن بولۇپ 22 مۇتەخەسسىس ئۆزلىرىنىڭ مۇھەممەتئىمىن بۇغرا توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەزەربەيجان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور جاۋىت قاسىموف بەرگەن «ئەزەربەيجاندا مۇھەممەتئىمىن بۇغرا توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار» تېمىسىدىكى دوكلات يىغىن ئەھلىنىڭ زور دىققىتىنى تارتتى. ئۇ سۆزىنى مۇنداق باشلىدى:
-ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر، يىغىن ئەھلى، ئالدى بىلەن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىگە، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا تەشەككۈرۈمنى ئىپادىلەيمەن. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن شېھىت بولغان ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن يۇرتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنى ھۆرمەت بىلەن خاتىرىلەيمەن. مەن بۈگۈنكى ئىلمىي دوكلاتىمدا مۇھەممەتئىمىن بۇغرا توغرىسىدا ئەزەربەيجاندا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار توغرىسىدا توختىلىمەن.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئەزەربەيجاندىكى تۈركولوگىيە تەتقىقاتى سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىكى تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ۋە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى تۈركولوگىيە تەتقىقاتى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىكى تەتقىقاتلار كۆپرەك ئىدېئولوگىيىلىك تەتقىقاتلار بولغاچقا، دېگەندەك نەتىجە قازىنالمىغان ئىدى. 1991-يىلى ئەزەربەيجان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئەزەربەيجانلىقلار «بىز كىم؟» دېگەن تېمىلاردا تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.
ئۇ، 1992-يىلىدىن تارتىپ سابىق دۆلەت رەئىسى ئەبۇلفەيىز ئەلچىبەينىڭ يوليورۇقى بىلەن تۈركولوگىيە ساھەسىدا تەتقىقاتلار ئېلىپ بېقىلىشقا باشلانغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-1992-يىلى ئەزەربەيجاندا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ئەبۇلفەيىز ئەلچىبەينىڭ تۈرك مىللەتچىسى رەھبەر بولۇشى ۋە ئۇنىڭ يوليورۇقى بىلەن بۇ ساھەدە قىممەتلىك تەتقىقاتلار ئېلىپ بېقىلىشقا باشلىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئەلچىبەينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا بەرگەن بىر باياناتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلغان ئىدى. ئۇ ۋاقىتتىن كېيىنلا ئەزەربەيجاندا بەزى ماقالىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلاندى.
دوكتور جاۋىت قاسىموف ئەزەربەيجاندا شەرقىي تۈركىستان ۋە مۇھەممەتئىمىن بۇغرا توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنى تۆتكە ئايرىغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئەزەربەيجاندا شەرقىي تۈركىستان ۋە مۇھەممەتئىمىن بۇغرا توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنى تۆتكە ئايرىغىلى بولىدۇ. بىرىنچىسى، گېزىتتا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر. مەن بۇ ماقالىلەر توغرىسىدا ئىزدىنىپ كۆردۈم. مەسىلەن، ئەزەربەيجاندىكى «گېزىت 525» ناملىق گېزىتتە شەرقىي تۈركىستان ۋە مۇھەممەتئىمىن بۇغرا توغرىسىدا 30 ماقالە، ئازادلىق گېزىتىدە 25 ماقالە، تۈركىستان گېزىتىدە 30 ماقالە ئېلان قىلىنغان. ئەزەربەيجانلىق ئىلچىن مەمەدوف ناملىق بىر يازغۇچى «1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە مۇھەممەتئىمىن بۇغرا» ناملىق بىر ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىسقىچە تارىخى، شېھىتلار ۋە مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان. ماقالە ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخى ۋە مۇھەممەتئىمىن بۇغرا توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىسى بولۇشى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. كېيىن خەلق جەپھەسى گېزىتىدە «ياشىسۇن شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. 2000-يىلىدىن كېيىن ئەزەربەيجاندا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ماقالىلەرنىڭ كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى تۈپەيلىدىندۇر. ئارقىدىن «تاغلار ئارىسىدىكى دىيار» ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان تارىخى بايان قىلىنغاندىن سىرت، مۇھەممەتئىمىن بۇغرا توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەن. گېزىتلەردە «ئاسارەتتىكى تۈرك ئىسلام يۇرتى شەرقىي تۈركىستان»، «ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان» دېگەنگە ئوخشاش كۆپ ساندا ماقالە ئېلان قىلىندى.
ئۇ، ئەزەربەيجاندا مۇھەممەتئىمىن بۇغرا توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان كىتابلارنىڭ بۆلۈملىرى بارلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئىككىنچىسى، كىتابلاردا بۆلۈملەر ئېلان قىلىندى. شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا مەخسۇس كىتاب نەشر قىلىنمىغان بولسىمۇ، بەزى كىتابلاردا بۆلۈملەر يېزىلدى. مەسىلەن، ئايدىنلى قاسىموغلۇ مەدەتوف تەرىپىدىن يېزىلغان «تۈركچۈلەر» ناملىق كىتابتا مۇھەممەدئىمىنبۇغرا توغرىسىدا بىر بۆلۈم ئېلان قىلىنغان. ئارقىدىن يەنە بۇ كىشى يازغان «دۇنيادىكى تازە تۈركلەر» ناملىق كىتابىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەر مەدەنىيىتىگە يەر بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئەسەردىمۇ مۇھەممەتئىمىن بۇغرا توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن. پروفېسسور ئالىي شامىل يازغان «تۈرك تىلى قۇربانلىرى» ناملىق ئەسەردىمۇ ئۇيغۇرلارغا مەخسۇس ئورۇن بېرىلگەن.
ئۇ، ئىلمىي دوكلاتىنى خۇلاسىلەپ مۇنۇلارنى دېدى:
-خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئەزەربەيجاندا شەرقىي تۈركىستان، بولۇپمۇ مۇھەممەتئىمىن بۇغرا توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ دېگەندەك ئىلمىي سەۋىيەدە ئەمەسلىكىنى، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇجاھىتلار شۇنداقلا مۇھەممەتئىمىن بۇغرا توغرىسىدا گېزىتتا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ كۆپلۈكىنى، كىتابلاردا بۆلۈملەر يېزىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقاردۇق. بۇ تەتقىقاتىم ئارقىلىق شۇنى چۈشىنىپ يەتتىمكى، ئەزەربەيجاندا شەرقىي تۈركىستان ۋە مۇھەممەتئىمىن بۇغرا توغرىسىدا تەتقىقاتلارنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقاردىم.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى ئورتاقلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 7-ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى كۈلتۈر يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ياپونىيە، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيەدە مۇھەممەتئىمىن بۇغرا توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان يېڭى تەتقىقاتلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
0:00 / 0:00
