بىشكەكتە «مەنزىلىگە يېتەلمىگەن سەپەرلەر» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى
2016.05.04
«مەنزىلىگە يېتەلمىگەن سەپەرلەر» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى مەرھۇم ھۈسەيىن غازى قەمبىرىنىڭ مىللىي ئارمىيە پودپولكوۋنىك فورمىسىدىكى سۈرىتى.
يېقىندا بىشكەك شەھىرىدە 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا، يەنى 1930- يىللار ۋە 1940-يىللاردا پارتلىغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ قاتناشقۇچىسى، 1945-يىلى 8-ئايدا ئاقسۇغا چۈشكەن مىللىي ئارمىيە جەنۇبىي يۆنىلىش شتاب باشلىقى ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا مىللىي ئارمىيە ھەربىي مەكتىپىدە ھەم مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابىدا رەھبىرىي خىزمەتلەرنى ئاتقۇرغان مىللىي ئارمىيە پودپولكوۋنىكى مەرھۇم ھۈسەيىن غازى ئەپەندىنىڭ ھايات ۋاقتىدا يېزىپ قالدۇرغان «مەنزىلگە يېتەلمىگەن سەپەرلەر» ماۋزۇلۇق كىتابى قىرغىزىستاندىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى نازىم قەمبىرىنىڭ تەييارلىشى بىلەن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشقا باشلىدى.
ئەسەردە ئاپتورنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ ئىنقىلاب ھەققىدىكى يەكۈنلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
«مەنزىلىگە يېتەلمىگەن سەپەرلەر» ناملىق تارىخى ئەسلىمىنىڭ ئاپتورى بۇ ئىككى قېتىملىق ئىنقىلابقا قاتنىشىش جەريانىدا ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرى ئاساسىدا، بۇ ئىنقىلابلارنىڭ بارلىققا كېلىش سەۋەبلىرى، يۈز بەرگەن خاتالىقلار، ئىنقىلابنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىتتىپاقسىزلىق، تاشقى كۈچلەرنىڭ تەسىرى ھەمدە ئىنقىلابلارنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بىر قەدەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ھالدا مۇنداق بايان قىلغان:
20-ئەسىرنىڭ 30- ۋە 40-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىككى قېتىم خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى مۇستەقىللىق ئىنقىلابى پارتلىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىنقىلابلار ئەينى چاغدىكى ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ ئومۇمى ۋەزىيەتنى كۆزىتىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكى، مۇستەقىللىققا بولغان چۈشەنچىلەرنىڭ ئايدىڭ بولماسلىقى، ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇكەممەل نەزەرىيىۋى ئاساسنىڭ قېلىپلاشمىغانلىقى ھەمدە ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئىتتىپاقلىقنىڭ بولماسلىقى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن سوۋېت كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئۇيغۇرلارغا ساتقۇنلۇق قىلىشى نەتىجىسىدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ئىدى.
بۇ تارىخى ئەسلىمىنىڭ نەشردىن چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نازىم قەمبىرى ئەپەندى كىتابنى نەشرگە تەييارلاشتىكى ئوي-مەقسەتلىرى ۋە يولۇققان مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى: «بۇ كىتابنى نەشرگە تەييارلاشقا ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كەتتى. بىز شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابى تېمىسىدا يورۇق كۆرگەن بەزىبىر ئەسەرلەردە يۈز بەرگەن ھەر تۈرلۈك سەۋەنلىكلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىپ،ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆتكەن تارىخنى ئەينەن يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشتۇق.»
قىرغىزىستاندا نەشر قىلىنىدىغان «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، پېشقەدەم زىيالىي شەمشىدىن ئابدۇرېھىم بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى: «مەرھۇم ھۈسەيىن غازى ئاكا شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابى دەۋرىدىكى مىللىي ئارمىيەمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ بۇ تارىخى ئەسلىمىسىدە ئەينى دەۋردىكى كۆپلىگەن تارىخى ۋەقەلەر ئەينەن ئىپادىلەنگەن. شۇڭلاشقا بۇ كىتاب ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە بولۇشقا تېگىشلىك تارىخى ھۆججەت دەپ قارايمەن. مۇمكىن بولسا، بۇ كىتابنىڭ كرىل ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نۇسخىسىنى كېچىكتۈرمەي ئىشلەپ چىقىشىمىز لازىم.»
«مەنزىلىگە يېتەلمىگەن سەپەرلەر» ناملىق بۇ تارىخى ئەسلىمە نۆۋەتتە بىشكەك ۋە ئالماتا شەھەرلىرىدە تارقىتىلىشقا باشلىدى.









