شىۋېتسىيەدىكى مەخمۇت قەشقىرى مەكتىپى دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرماقتا

0:00 / 0:00

شىۋېتسىيەدە قۇرۇلغان مەخمۇت قەشقىرى مەكتىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرىنى ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەتىياز پەسلى كېلىش بىلەن تەڭ دالا پائالىيىتىگە تەشكىللىدى ۋە ھەر خىل مۇزېيلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى.

بۇ مەكتەپ 2007-يىلى شىۋېتسىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ ئانا تىلى ۋە ئىسلام دىنىي بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلىنىشىگە، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇمىغان ھالدا مۇھاجىرەت ھاياتىنى داۋام قىلىشىغا ئاساس سالماقتا.

بۇ مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، نوقۇل ھالدا دەرسخانا بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ھەر خىل شەكلىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شىۋېتسىيە مائارىپ تۈزۈمى بويىچە ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئېلىپ بارماقتا.

بۇ مەكتەپ 18-ئاپرېل كۈنى ئېلىپ بارغان دالا كاۋاپ پائالىيىتىدە، ئوقۇۋاتقان ۋە 9-ئايدا مەكتەپكە كىرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىمۇ بىرلىكتە يىغىپ ئۇلارنى مەخمۇت قەشقىرى مەكتىپىنى يېقىندىن تونۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ھەمدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن تونۇشۇپ دوستلۇق ھاسىل قىلىش مەقسىتىگە يەتكەن.

مەخمۇت قەشقىرى مەكتىپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 25-ئاپرېل كۈنى ئوقۇغۇچىلار سىتوكھولمدىكى ساقچى مۇزېيىنى زىيارەت قىلغان.

زىيارەت جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار شىۋېتسىيە ساقچىلىرىنىڭ ئېلىپ يۈرىدىغان قوراللىرى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان.

يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا قىزىل چىراغدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتكەن 17 ياشلىق ئۇيغۇر بالىسىنى ئېتىپ تاشلىغاندەك ئەمەلىي ۋەقەلىكنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارغا شىۋېتسىيە ساقچىلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ پەرقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن سۆزلەپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىلمىشلىرىنى ئاڭلاتقان.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەخمۇت قەشقىرى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىش مەسئۇلى تاھىر ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

تاھىر ئەپەندى ئوقۇغۇچىلارنى ساقچى مۇزېيىدا زىيارەت قىلدۇرۇشتىكى مەقسەت، نىشانلىرىنى ئاڭلاتتى. مەخمۇت قەشقىرى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بىلال ئابدۇلئەھەت ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلدى.