تۈركىيەدە ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ «مەھمۇد قەشقەرى» ناملىق درامىسى مۇكاپاتقا ئېرىشتى
2015.12.02

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى ئەكرەم ئەخمەتوف يازغان «مەھمۇد قەشقەرى» ناملىق دراما «تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100-يىلىدا خالدۇن تانەر تىياتىر ئەسەرلىرى مۇسابىقىسى» دە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى.
ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، تۈركىيە باش مىنىستىرلىق تارمىقىدىكى تۈركىيەنى تونۇتۇش فوندىنىڭ قوللاپ -قۇۋۋەتلىشى، خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى يەنى تۈركسوي ۋە تۈركىيە دۆلەت تىياتىرخانىلىرى باش ئىدارىسىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100-يىلىدا خالدۇن تانەر تىياتىر ئەسەرلىرى مۇسابىقىسى» گە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئونلارچە رايون ۋە دۆلەتلىرىدىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى قاتناشتۇرۇلدى.
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغان ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ مەسئۇلى ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ ۋە گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناس ئابدۇۋەلى ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ بۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ مۇسابىقە بۇ يىل تونۇلغان تىياتىرچى خالدۇن تانەر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. خەلقئارا تۈرك كۈلتۈرى تەشكىلاتى بۇ يىلنى تۈرك دۇنياسى ھالدۇن تانەر يىلى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ياۋرو-ئاسيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھالدۇن تانەر تىياتىر ئەسەرلىرى مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردۇق. بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشنىڭ شەرتى ھەرقانداق بىر تۈركىي تىلىدا تىياتىر ئەسىرى يېزىش ئىدى. بۇ يىل 4-ئايدا ئېلان قىلغان ئىدۇق. ئەمدى ئاخىرلاشتى.
مەركىزى تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ياۋرو-ئاسيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى رەئىسى ياقۇپ ئۆمەروغلۇ ئەپەندى بۇ مۇسابىقىنىڭ نەتىجىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ مۇسابىقە توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹مىڭ نەپەس بىر سېس (ئاۋاز)› ناملىق خەلقئارا تۈركىي تىللاردا تىياتىر ئورۇندايدىغان دۆلەتلەر بايرىمىدا ئېلان قىلغان ئىدۇق. مۇسابىقىدىن خەۋەر تاپقان 18 رايون ۋە دۆلەتتىن 109 يازغۇچى مۇسابىقىگە ئەسەر ئەۋەتتى. ‹تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100-يىلىدا خالدۇن تانەر تىياتىر ئەسەرلىرى مۇسابىقىسى› نىڭ باھالاش ھەيئىتى بۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇپ باھالاش نەتىجىسىدە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى باشقۇردىستان رايونىدىن مەريەم بۇراكايېۋانىڭ ‹سايە› ناملىق ئەسىرى بىرىنچىلىككە، قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ ‹مەھمۇد قەشقەرى› ناملىق ئەسىرى ئىككىنچىلىككە، ئەزەربەيجانلىق ئافاك مەسئۇدنىڭ ‹مەنسۇر ھەللاجى› ناملىق ئەسىرى ئۈچىنچىلىككە، مولداۋىيەنىڭ گاگاۋۇز رايونىدىن كەلگەن تودۇر زانەتنىڭ ‹سىستېما› ناملىق ئەسىرى تۆتىنچىلىككە ۋە تۈركمەنىستانلىق ناباتگۇلى رەجەپوفنىڭ ‹نەسرىدىن ئەپەندى، سەن كىم؟› ناملىق ئەسىرى بەشىنچىلىككە ئېرىشتى.»
ياقۇپ ئۆمەروغلۇ ھالدۇن تانەر تىياتىر يېزىش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن پۈتۈن تۈركىي مىللەت بۇ تىياتىر يېزىش مۇسابىقىسىدە بىرلەشتۇق. مۇسابىقىگە قاتناشقان تىياتىر ئەسەرلىرىنى توپلام شەكلىدە نەشر قىلىپ، تۈركىيەدىكى تىياتىر سەنئەتچىلىرىگە تارقىتىپ بېرىمىز. بۇ ئەسەرلەر باشقا تۈركىي تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلسا پۈتۈن تاماشىبىنلارغىمۇ ئۇلاشقان بولىدۇ. بۇ پائالىيەتلەر تۈركىي مىللەت يازغۇچىلارنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشى، ئۆز-ئارا ئۆگىنىشى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ ئويلايمەن.»
ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناس ئابدۇۋەلى ئەپەندى ئۇيغۇر يازغۇچى يازغان«مەھمۇد قەشقەرى» ناملىق سەھنە ئەسىرىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلغان ئىككى پەردە سەككىز كۆرۈنۈشلۈك مەزكۇر درامىسىدا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قەشقەردىن باشلىنىپ باغدادقىچە سوزۇلغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نى يېزىش سەپىرىنى مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، يازغۇچى ئەسەردە مەھمۇد قەشقەرىيىنىڭ ئىزدىنىش ئۇسۇللىرى، مۇشەققەتلىك ھايات سەزگۈرەشتىلىرى، دۈشمەنلەرنىڭ ھەر خىل سۇيىقەستلىرىنى ناھايىتى جانلىق ۋە قىزىقارلىق شەكىلدە ئىپادىلەپ بەرگەن.
تۈركسوينىڭ 2015-يىلىنى «خالدۇن تانەر يىلى» دەپ ئېلان قىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مۇسابىقە، تۈرك دۇنياسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۇنجى تىياتىر ئەسەرلىرى مۇسابىقىسى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.