خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇر قەدىمكى ئەسەرلىرىدىكى سەزگۈر سۆزلۈكلەرنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە مەخپىي ھۆججەت چۈشۈرگەن

0:00 / 0:00

قۇربان ۋەلى ئەپەندى 1980‏-يىللىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قەدىمىي ئەسەرلەر رەتلەش، نەشر قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان بىر ئارخېئولوگ. بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز، ھازىرقى ئۇيغۇرلار بىلەن قەدىمقى تارىم خەلقلىرىنىڭ مۇناسىۋېتىنى ئارخېئولوگىيەلىك، ئىنسانشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق نۇقتىلىرىدىن قانداق شەرھىلەش، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلدى.

مۇخبىر: تارىمدىن چىققان قەدىمقى جەسەتلەر ناھايىتى غۇلغۇلا قوزغاپ كەلدى. سىزدىن شۇ نەرسىنى سوراپ باقاي، بۇ جەسەتلەربىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا قانداق بىر باغلىنىش قۇرۇشقا بولىدۇ.

قۇربان ۋەلى: بۇ سوئالىڭىز ناھايىتى ياخشى سۇئال بولدى. بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزمۇ ئۇلارنى تونۇمايتتۇق. بۇ تەتقىقاتنىڭ باشلىنىشى شىۋېتسىيەلىك بىر ئارخېئولوگ 1934-يىلى بىرەر يۈزدەك شۇنداق موميالارنى قېزىپ چىققان. ئۇ ستېيىن ئەمەس، شىۋېتسىيەلىك ئارخېئولوگ دېگىنىم، ۋورلاك بېرگمەن. بېرگمەن بۇ يەردە نۇرغۇن نەرسىلەرنى قېزىپ چىققان. ئۇ شۇنىڭ ئىچىدىن بىر جەسەتكە كرۇرەن گۈزىلى، دەپ نام بەرگەن. بىزگە مەلۇم بولغان بىر سىر مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.

مۇخبىر: بۇ قۇرۇق جەسەتلەرنىڭ كىملىكىگە كەلسەك، ئۇلار ياۋروپا ئىرقىدىكى ياۋروپا خەلقى، دېگەن قاراشنى كۆپرەك ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان باغلىنىشىغا سىز قانداق خۇلاسە چىقىرىسىز؟

قۇربان ۋەلى: 2009‏-يىلى ئۇ مۇميالارنىڭ كىملىكى، ياۋروپا ئىرقىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى ئېنىق ئېلان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ DNA ئالامەتلىرى مۇشۇ جەسەتلەر بىلەن ئوخشايدىغانلىقى، تۈركلەر ۋە ئۆزبەكلەرنىڭمۇ شۇلارغا يېقىن ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى. دېمەك، ئاشۇ مەدېنىيەتلىك خەلق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتى ئىكەنلىكى پەن ئارقىلىق ئىسپاتلاندى.

مۇخبىر: بۇ يەردىكى ئۇ خەلقلەر قايسى تىلنى سۆزلىشەتتى، ئۇلارنىڭ يېزىقى بارمىتى؟ ئۆز ۋاقتىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى كىچىك مىرەن گۈزىلى، كىچىك بوۋاقنىڭ جەسەتلىرىنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىپ بىر قانچە مۇزىيدا كۆرگەزمىگە قويغاندا، پېنسىلىۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خىتايشۇناس ۋىكتور مېييېر، «بۇ جەسەتلەر تۇخرىلار، ئۇلار تۇخرى تىلىنى قوللانغان» دېگەن خۇلاسىنى چىقاردى. سىز قېتىلامسىز بۇ خۇلاسىگە؟

قۇربان ۋەلى: بۇ ناھايىتى ياخشى سوئال بولدى. ئۇ ئادەمنىڭ دېگىنى بىلەن ھازىر ئېنىقلىنىپ بولغان بەزى پاكىتلاردا ئازراق پەرق بار، ئەمما پەرق چوڭ ئەمەس. مەسىلەن، خوتەندىن قەشقەرغىچە بولغان جايلاردا ساك تىلى قوللانغان. ئۇلارنىڭ چىرايىمۇ بەكرەك ياۋروپالىقلارغا ئوخشايدۇ. ئەمدى كۇچاردىن قاراشەھەرگىچە بولغان جايلاردا تۇخرى يېزىقى(تىلى) قوللىنىدۇ. لوپنۇردىن چەرچەن، نىيىگىچە بولغان جايلاردا كارۇشتى يېزىقى ھەم تۇخرى يېزىقى قوللىنىدۇ.

يۇقىرىقى يۇرتلارنىڭ ھەممىسىدە قەدىمقى بۇددىزمنىڭ سانسېكرىت يېزىقىنى قوللانغان. لېكىن ماھمۇت قەشقىرى دەۋرىگە كەلگەندە بۇ جايلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر دېگەن نام ئاستىغا ئۇيۇشۇپ بولغان.

مۇخبىر: دېمەك، تارىم ئويمانلىقىدىكى خەلقلەرنىڭ ئۇيغۇرلىشىشى، بۇ قاراخانىلار خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئەمەس، ئۇ مىڭ يىللارغا سوزۇلغان بىر جەريان دەڭا؟

قۇربان ۋەلى: شۇنداق، شۇنداق. بىزنىڭ بۇنىڭغا ناھايىتى كۆپ ئىسپاتلىرىمىز بار. ئۇ تىللاردا تۈركىي تىللارغا ئوخشايدىغان نۇرغۇن ئاتالغۇلار بار. سانسېكرىت تىلىدا بار، كارۇشتى تىلىدا بار. بۇ، تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر بىلەن ساك، كارۇشتى تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئاللىقاچان مەدەنىيەت ئالماشتۇرغانلىقى، ئۆز-ئارا بىرلىشىشكە قاراپ يول ئالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

مۇخبىر: ھازىرقى بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ DNA سىنى تەكشۈرگەندە قەدىمقىي تارىملىقلارنىڭ تىپى قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ؟

قۇربان ۋەلى: ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ ئوخشىمايدۇ. بەزىلىرىنىڭ 30%, بەزىلىرىنىڭ 40%, بەزىلىرىنىڭ 60% نى ئىگىلەيدۇ. 60% نى كۆپرەك قەشقەر، خوتەن قاتارلىق يۇرتلاردىكىلەر ئىگىلەيدۇ.

مۇخبىر: سىز بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىز قەدىمىي ئەسەرلەر رەتلەش، نەشر قىلىش ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقتىڭىزدا چۈشۈرگەن بىر مەخپىى ھۆججىتىنى ئاشكارىلىدىڭىز. شۇ ۋاقىتتىكى ئۇ ھۆججەتلەردە بىر قانچە خىل كۆرسەتمە باركەن، قەدىمىي ئەسەرلەرنى قانداق رەتلەشكە دائىر. سىز ئۇ كۆرسەتمىلەرنىڭ قايسىنى ئىجرا قىلغانتىڭىز؟

قۇربان ۋەلى: مەن تيانشەن توغرىسىدىكى ماقالىنى يېزىپ، ئۇنىڭ تەڭرىتاغ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇنى قوبۇل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەڭرىتېغىغا ئايلاندى. ئۇنىڭدىن كېيىن مەن مۇزىيدا ساقلىنىۋاتقان تارىم ۋادىسىدىن تېپىلغان يېزىقلارنىڭ تۈرىنى ئېنىقلاپ چىقتىم. مۇشۇنداق 1-2 ئىشنى قىلغاندىن كېيىن ئۇلار مېنى سۆرەپ، ئاپتونوم رايونغا يۆتكەپ ئاپاردى. ئاپىرىپ سەن، مۇشۇ قەدىمقى ئەسەرلەر ئىشىنى قىلىسەن، دەپ شۇ ئىشنى ماڭا تاپشۇردى.

ئەمەل-ئۇنۋانىمنى ئېلان قىلغان شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىر پارچە خەت كەلدى. ئۇ خەتنى مەن ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ كېتىدىغان خەت. كۆچۈرۈۋېلىشقا بولمايدۇ، ئۇ ھۆججەت قىلىپ تارقىتىلمايدۇ، ئۇ بىر قەتئىي مەخپىي، دەيدىغان شۇنداق بىر ھۆججەت. ھازىر ئويلىسام دۆلەت مەخپىيەتلىكى، دېگەن شۇكەن.

مۇخبىر: قانداق مەخپىيەتلىككەن ئۇ؟

ئۇنىڭدا 4 كىشىنىڭ تەستىق ئىمزاسى بار، بىرىدە، ھەرقانداق ئاز سانلىق مىللەتنىڭ قەدىمقى ئەسەرلىرىدىكى خىتاي، تۈركىستان دېگەن سۆزلەرنى جۇڭگو، خەنزۇ، شىنجاڭ، دەپ ئۆزگەرتىش بۇيرۇلغان. يەنە بىرسىدە، قەدىمقى ئەسەرلەر نەشر قىلىنىپ بۆلگۈنچىلەر پايدىلىنىپ كەتسە، جىنايەت بولىدۇ، دېيىلگەن. ئۈچىنچىسىدە بولسا، نامۇۋاپىق ئاتالغۇلارغا ئىزاھات بېرىپ، ئەينەن نەشر قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 4-ئادەمنىڭ يوليورۇقىدا، مەركەزنىڭكىنى ئىجرا قىلىش كېرەك، دېيىلگەن. شۇنىڭ بىلەن مەن مەركەزنىڭكىنى ئىجرا قىلدىم.