شاھىتلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ۋەزىيىتىنى ئەسلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.05.13
sherqiy-turkistan-jumhuriyiti-milliy-armiye-chong-ofitserliri-ghulja.jpg شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ چوڭ ئوفىتسىرلىرى، غۇلجا، ۋاقتى ئېنىق ئەمەس
RFA/Oyghan

1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋېلىشى بىلەن بىرىنچى نۆۋەتتە مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى قىسقارتىلىپ، كېيىنچىرەك ئۇ تامامەن كۈچىدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.

بۇ ھەقتە توختالغان ئۇيغۇر پېشقەدەملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېڭى يەرلەرنى ئىگىلەش بىلەن «ئەكسىلئىنقىلابچىلار ۋە يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى كۈرەش» نىقابى ئاستىدا كۆپلىگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە مىللىي ئارمىيە كادىرلىرىغا نىسبەتەن تەقىبلەشلەرنى كۈچەيتكەن. پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارى ئىچىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» دېگەنگە ئوخشاش ساختا شوئارلار توۋلىنىپ، ئاھالىلەر ئارىسىدا كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنى مەدھىيىلەش ھەرىكەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ تۇرغۇنى 85 ياشلىق رەشىدىن ئاكا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، مۇنداق دېدى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقى دەيدۇ، ئەزگۈچى مىللەت بىلەن ئېزىلگۈچى مىللەت قانداق ئىتتىپاق بولىدۇ؟ بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تېڭىۋاتقان ئىتتىپاقلىقى. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى خىتاي ۋە خىتاي خەلقى ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. بۇ جاھانگىر پارتىيە، ئۇ. بۇ پارتىيە يوقالسا ئۇيغۇر خەلقى بەختلىك ھايات كەچۈرىدۇ.»

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئورنىتىلىشى بىلەن پۈتكۈل ئەلدە ھەر خىل سىياسەتلەر يۈرگۈزۈلۈپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ئىلغار ۋەكىللىرى ئۆلۈم جازاسىغا كېسىلدى، تۈرمىلەرگە تاشلاندى، سۈرگۈن قىلىندى.

شۇ ۋەقەلەرنىڭ يەنە بىر شاھىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ تۇرغۇنى 88 ياشلىق نۇرمۇھەممەت ئاكىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگەن بىرىنچى كۈندىن باشلاپلا ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بارغان.

نۇرمۇھەممەت ئاكا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىر قاتار سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

- نۇرمۇھەممەت ئاكا، 1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە بېسىپ كىرگەندە سىز نېمە تىرىكچىلىك قىلىۋاتاتتىڭىز؟

- دادىمىز موزدۇز ئىدى. مەن مال بازىرىغا كىرىپ، 1948 - ۋە 1949 - يىللىرى ئىشلىدىم. شۇ ۋاقىتتا تەشۋىق ئىشلىرى باشلاندى، خىتاي كوممۇنىستلىرى كەلدى. بۇلار گومىنداڭغا ئوخشىمايدۇ، دېدى. ئاقئۆستەڭ كولايدىغانغا چىققاندا بىرى ماۋزېدۈڭنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ ئالدىدا ماڭىدۇ. مەن ئەخمەتجاننىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ، ئالدىغا ئۆتۈۋالدىم. بۇ شۇلارغا بولغان ئۆچمەنلىك ئىدى.

- خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇ ۋاقىتلاردا بولۇپمۇ بايلارنى تەقىب قىلىش سىياسىتىنىمۇ يۈرگۈزگەن ئىدى. مۇشۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتسىڭىز؟

- كوممۇنىستلار كېلىپلا بىزنىڭ ئىچىمىزگە پىتنە سېلىپ، بىزنى بايلارغا قارشى كۈرەشكە سېلىپ قويدى. بايلارنىڭ يوقاتساق، ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى سىلەرگە تارقىتىپ بېرىمىز، دەپ تەشۋىق قىلدى. خەلق ئۇلارغا ئىشەندى. يەر ئىسلاھاتىدا قانچىلىك زىيالىيلىرىمىز قىرىلىپ كەتتى. ھەر خىل سىياسەتلەرنى كۆردۇق.

- يەنە شۇنداقلا مەدەنىيەت ئىنقىلابى سىياسىتىمۇ بولدى ئەمەسمۇ؟

- مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا قانچىلىك ئادەملەرنى قىرىۋەتتى. ئۇيغۇرنىڭ دۇتار - تەمبۈرلىرىنى چاقتى، ئاياللارنىڭ چېچىنى كەستى، مەسچىتلەرگە چوشقىلارنى سولاپ باقتى. بۇ دۇنيادا كۆرۈلمىگەن زۇلۇمنىڭ ھەممىسىنى كوممۇنىستلار كۆرسەتتى.

نۇرمۇھەممەت ئاكا شۇنداقلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ خەلقلەرنى كۆچۈرۈش بويىچە ئېلىپ بارغان تەشۋىقاتلىرى، ئېلىخان تۆرە ھەققىدە ئاڭلىغانلىرى، ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئەزالىرىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.