14 - ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ۋە بىر قىسىم تۈركلەر مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ئەنقەرە جەبەجى مازارلىقىدىكى قەبرە بېشىغا بېرىپ قۇرئان تىلاۋەت ۋە دۇئا قىلدى.
بۇندىن 51 يىل بۇرۇن، يەنى 1965 - يىلى 14 - ئىيۇن ئۇيغۇرلارنىڭ 20 - ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر تارىخچىسى، يازغۇچىسى ۋە سىياسىي رەھبەرلىرىدىن بىرى مۇھەممەتئىمىن بۇغرا تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.
ئەنقەرەدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئايتېكىن چېتىن ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتتە، ئوقۇغۇچىلار ئالدى بىلەن مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ قەبرىسى بېشىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. باياناتنى ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن مەسۇت ئاتۇن ئوقۇدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز مۇھەممەتئىمىن بۇغرانى مىننەتدارلىق بىلەن خاتىرىلەيمىز. ھاياتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكىگە ئاتىغان بۈيۈك تۈرك مىللەتچىسى مۇھەممەتئىمىن بۇغرانى تۈركىيەدە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بۇندىن كېيىنمۇ پائالىيەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى قۇرۇلغان كۈندە چوڭ پائالىيەت بىلەن مۇھەممەتئىمىن بۇغرانى خاتىرىلەيمىز. مۇھەممەتئىمىن بۇغراغا ئوخشاش شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھاياتىنى ئاتىغان يولباشچىلارنى تونۇتۇش ھەممىمىزنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن.»
ئارقىدىن مەمەت مەمىش ناملىق ئوقۇغۇچى قۇرئانى كەرىمىدىن ياسىن سۈرىسىنى ئوقۇدى.
تۈرك ئوقۇغۇچىلاردىن كېيىن، 30 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ قەبرىسىگە بېرىپ ئۇنى ياد ئەتتى.
بۇ پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنى مۇھەممەتئىمىن بۇغرا مەرھۇمنىڭ قەبرىسىگە ئاپىرىپ، ئۇنى خاتىرىلەشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان كىشىلەرنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە ئۆگىتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ئەپەندى 1901 - يىلى خوتەن شەھىرىدە بىر دىنىي ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى ۋە 21 يېشىغىچە خوتەن مەدرىسىدە بىلىم تەھسىل قىلدى. 1922 - يىلىدىن 1933 - يىلىغىچە خوتەننىڭ قاراقاش يېزىسىدا مۇدەررىس بولدى. ھاياتىدا يۈكسەك ئىلمى ۋە ئېسىل خىسلەتلىرى بىلەن زور ھۆرمەتكە ئېرىشكەن مۇھەممەتئىمىن بۇغرا خەلقى تەرىپىدىن «ھەزرىتىم» نامى بىلەن ئاتىلىشقا باشلايدۇ.
مۇھەممەتئىمىن بۇغرا 1930 - يىلى خوتەندە تالىپلار ۋە ياشلارنى تەشكىللەپ خىتاي گومىنداڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى ئىنقىلاب قىلىدۇ ۋە شۇ يىلى خوتەننىڭ ھەممە ناھىيىلىرىنى ئازاد قىلىپ خوتەن ھۆكۈمىتىنى قۇرىدۇ. 1934 - يىلىڭ ئاخىرىدا خىتاي مىللەتچى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى تۇڭگان گېنېرال ماخۇسەن بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ھىندىستانغا ھىجرەت قىلىدۇ. مۇھەممەتئىمىن بۇغرا 1942 - يىلىغىچە سىياسىي مېھمان سۈپىتىدە كابۇلدا ياشايدۇ. ئۇ جەرياندا «شەرقى تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىنى يېزىپ چىقىدۇ.
ئۇ، 1945 - يىلى خىتايغا قايتىپ ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي مىللەتچىلەر ھۆكۈمىتىنىڭ پايتەختى چۇڭچىڭ شەھىرىدە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ۋە سىياسىي كۈرەشلەر ئېلىپ بارىدۇ ھەم شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ، 1949 - يىلى كوممۇنىست خىتاي بېسىپ كىرگەندىن كېيىن ئائىلىسى ۋە باشقا سەپداشلىرى بىلەن ھىندىستانغا ھىجرەت قىلىدۇ، 1952 - يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن ھىندىستاندىن تۈركىيەگە كېلىپ مۇساپىر بولۇپ يەرلىشىدۇ ۋە كېيىنكى ھاياتىنى «شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى» نى دۇنياغا ئاڭلىتىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەر ئوغلانى، دۆلەت ئەربابى ھەزرىتى مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ئەپەندى تۈركىيەنىڭ باشكەنتى ئەنقەرەدە 1965 - يىلى 14 - ئىيۇن ۋاپات بولىدۇ.
ژۇرنالىست تەتقىقاتچى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى مۇھەممەتئىمىن بۇغراغا ئوخشاش زاتلارنى خاتىرىلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى ياش ئەۋلادلارغا ئۆگىتىشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.