قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئاتاقلىق رېژىسسور ۋە ئارتىس مۇھىت ھېزىموفتىن ئايرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018.10.29
Ataqliq-rejissor-we-artis-muhit-hezimof.jpg قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ رېژىسسورى، تونۇلغان ئارتىس مەرھۇم مۇھىت ھېزىموف ئەپەندى.
RFA/Oyghan

26-ئۆكتەبىردە ئالمۇتادا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ رېژىسسورى، تونۇلغان ئارتىس مۇھىت يولداش ئوغلى ھېزىموف 65 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

ئىگىلىشىمىزچە، مۇھىت ھېزىموف ئۇيغۇر تىياتىرىدا ئۇزۇن يىللار ئىشلىگەن ھەم بۇ جەرياندا كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى سەھنىلەشتۈرگەن ھەم ئۆزىمۇ روللارنى ئوينىغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇلۇغ ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ رولىنى ئويناپ چىقىشى تاماشىبىنلاردا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان.

ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ رېژىسسورى يالقۇن شەمىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، مۇھىت ھېزىموف تىياتىرنىڭ ئەڭ تالانتلىق ئارتىسلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «تىياتىردا ئارتىسلار كۆپ، بىراق مۇھىتتەك ئارتىسلار ئاز، چۈنكى باشقىلارغا قارىغاندا ئۇ ئۈستۈن تۇراتتى. مۇھىتنىڭ ئوينىغان روللىرى ناھايىتى ئۈنۈملۈك چىقتى. ‹كورىل لىر› درامىسىدا كورول لىرنىڭ رولىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ئىدىم. بۇ رولنى ئۇ ياخشى ئويناپ چىقتى. بۇنى تەنقىدچىلەرمۇ، تاماشىبىنلارمۇ كۆردى».

يالقۇن شەمىيېف ئارتىس سۈپىتىدە مۇھىت ھېزىموفنى ناھايىتى ھۆرمەتلىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ تالانتىنى باشقا ئارتىسلارغا، بولۇپمۇ ياشلارغا ئۈلگە قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇھىت ھېزىموف تالانتىنىڭ ھەرتەرەپلىمە ۋە خىلمۇ-خىل بولغانلىقىنى مۇنداق تەكىتلىدى: «زامانىۋى ئارتىس ناخشىنىمۇ ئېيتىشى، ئۇسسۇلمۇ ئوينىشى كېرەك، سازمۇ چېلىش كېرەك. بۇ جەھەتتىن مۇھىتنىڭ تالانتى بار ئىدى. مۇھىت ھەم تراگېدىيە ھەم كومېدىيەدىمۇ ياخشى رول ئالاتتى. ئۇنىڭ رول ئېلىش تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. كېيىنكى يىللاردا سالامەتلىكى ناچارلىشىپ قالدى. سەھنىدە چوڭ روللارنى ئانچە ئوينىيالماي قالدى».

مۇھىت ھېزىموف قىرىق يىللىق ئىجادىيىتى داۋامىدا كۆپلىگەن دراما-تىياتىرلاردا باش روللارنى ئوينىغان. شېكىسپىرنىڭ «كورول لىر» ناملىق ئەسىرىدىكى لىر، جالالدىن ئاسىموف ۋە ئابدۇلھەي سادىروفنىڭ «ئانارخان» درامىسىدىكى ھەمراھ، ، قازاق يازغۇچىسى غەبىت مۈسرېپوفنىڭ «قىز ژىبېك» درامىسىدىكى تۇلېگېن، ئەخمەتجان ھاشىرىينىڭ «مۇقامچىلار» درامىسىدىكى مۇقامچى، يۈسۈپبەك مۇخلىسىنىڭ «قوش يۇلتۇز» تارىخىي ئەسىرىدىكى مەھمۇد قەشقىرى ۋە باشقىلار شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

مۇھىت ھېزىموف رېژىسسور سۈپىتىدىمۇ كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغان. ئۇنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى باشقا مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ سەھنىلەشتۈرۈپ، بۇ جەھەتتە كۆپ ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئارتىسى گۈلباھار ناسىروۋا كۆپ يىللار داۋامىدا ئۆزىنىڭ مۇھىت ھېزىموف بىلەن ھەمكارلىقتا ئىشلىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ رېژىسسورلۇق تالانتىدىن ياخشى خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى - ئۇ ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى، تارىخىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرگەن رېژىسسور ئىدى. مەسىلەن، ‹لۇتپۇللا› ئەسىرى تاماشىبىننىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئالقىشىغا ئىگە بولدى. شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇ ‹مەھمۇد قەشقىرى›، ‹ئىپارخان›، ‹ئاماننىساخان› غا ئوخشاش تالاي ئەسەرلەرنى سەھنىلەشتۈرۈپ، ئۆزى ھايات ۋاقتىدا سەھنىدە ئۆزىگە ئۇپرىماس ھەيكەل ئورنىتىپ كەتتى».

مۇھىت ھېزىموف قازاق دراماتورگى سۇلتانەلى بالغابايېفنىڭ «قىز يىگىرمىگە تولغاندا. . .»، تاتار دراماتورگى ئىلگىز زەينىيېفنىڭ «بوۋاق»، ئۆزبېك دراماتورگى سېيىت ئەھمەدنىڭ «كېلىنلەر قوزغىلىڭى»، گىرۇزىن دراماتورگى ئاۋكسېنتىي ساگارېللىنىڭ «خانۇما» ۋە كۆپلىگەن ئۇيغۇر دراماتورگلىرىنىڭ 20دىن ئوشۇق ئەسەرلىرىنى سەھنىلەشتۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەر خىل دەرىجىدىكى مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

گۈلباھار ناسىروۋانىڭ ئېيتىشىچە، مۇھىت ھېزىموف پەقەت كەسپىي تالانتى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىي خىسلەتلىرى بىلەنمۇ ئۆز كەسىپداشلىرى ئارىسىدا چوڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئىكەن. ئۇ ھەر قانداق ئادەم بىلەن تىل تېپىپ كېتەلەيدىغان، توقۇنۇشلارغا چۈشۈشنى خالىمايدىغان، پەقەت سەھنە ئۈچۈن يارالغان مېھرىبان كىشى بولغان.

تونۇلغان يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرىينىڭ ئېيتىشىچە، ھەر قانداق بىر ئارتىس بىرىنچى نۆۋەتتە مىللەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇھىت ھېزىموفتا مۇشۇنداق بىر خىسلەتنى بايقىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ مىللىتىنى سۆيىدىغان ئىنسان بولغان. ئۇ تىياتىرنى كۆتۈرگەن كۆپلىگەن رېژىسسورلارنى ئەسلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ قەلبى ئوكياندەك ئىدى. دائىم تىياتىر مېنىڭ ئۆيۈم دەيدىغان. خەلق ئۈچۈن ئىشلەيمەن دەيتتى. ئۇ ئۆز سۆزىدە تۇردى. نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى سەھنىلەشتۈردى. مۇھىت ھېزىموف زاماننىڭ ئېقىمىغا قاراپ ياشىغان. ئۇ قەلبى بىلەن ھەر كۈنى ئادەم بولۇپ ياشىغان ئارتىس.»

ئەخمەتجان ھاشىرىي مۇھىت ھېزىموفنىڭ ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىنى، بىلىمىنى، كۈچ-غەيرىتىنى مىللىي سەنئەتكە بېغىشلىغانلىقىنى، ئاخىرقى نەپىسىگىچە سەھنىدە ئەمگەك قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇھىت ھېزىموف 1953-يىلى ھازىرقى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف ناھىيەسىگە قاراشلىق پەنجىم يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ، 1975-يىلى ئوستروۋسكىي نامىدىكى تاشكەنت تىياتىر ۋە تەسۋىرىي سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ «مۇزىكىلىق دراما ئارتىسلىق» فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. مەزكۇر ئوقۇش ئورنىنى تاماملاپ، ئۇيغۇر تىياتىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشقان. 1989-يىلى ئۇ ژۇرگېنوف نامىدىكى دۆلەت قازاق مىللىي سەنئەت ئاكادېمىيەسىنىڭ رېژىسسورلۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. مۇھىت ھېزىموف قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ «ھۆرمەت» ئوردېنى، سانائەتچىلەر، تىجارەتچىلەر ۋە يېزا ئىگىلىكى خادىملىرى تەسىس قىلغان «ئىلھام» مۇكاپاتى ھەم باشقىلار بىلەن تەقدىرلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.