ئەنقەرەدە ياشايدىغان تالانتلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈر، 9 ياشلىق مۇجاھىت قەشقەرلى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن 9-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ياۋرو-ئاسىيا شائىرلىرى ۋە سەنئەتچىلىرى ئۇچرىشىدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ، ئۇچرىشىش ئەھلىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي رايونىغا جايلاشقان داڭلىق ساياھەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر پائالىيەتكە 17 دۆلەتتىن 256 نەپەر شائىر، يازغۇچى ۋە سەنئەتچى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتكە ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى، تۈركىيەدە تونۇلغان سىياسەتچى گانىرا پاشايېۋا خانىم بىلەن تۈركىيەدە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ تونۇلغان 9 ياشلىق مۇجاھىت قەشقەرلى شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە قاتناشقان.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا گانىرا پاشايېۋا خانىم سۆز قىلغان، مۇجاھىت قەشقەرلى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يېزىلغان شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلغان.
مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ياۋرو-ئاسىيا شائىرلىرى ۋە سەنئەتچىلىرى بىرلىكى رەئىسى ساۋاش ئۈنال ئەپەندى ئانتاليا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان نۇتقىدا، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا قوشقان تۆھپىسى شۇنىڭدەك ئۆز تەشكىلاتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەت پىلانى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.
ئارقىدىن ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى سۆز قىلىپ، دۇنيادىكى ناھەقچىلىكلەر توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى:
«بىز ئادالەتسىز بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. بۇ ئادالەتسىز دۇنيانىڭ ھەممە جايىدا بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز بار. شەرقىي تۈركىستاندىن كەركۈككىچە، تۈركمەن تېغىدىن قىرىمغىچە، بالقانلاردىن سىپرۇسقىچە، قاراباغدىن تۈركىستانغىچە ھەممە جايدا ئېزىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بار. ئۇزۇن يىلدىن بېرى بۇ قېرىنداشلىرىمىز كۆز يېشىنى ئېقىتماقتا. ئەگەر بىز بۇ كۆز يېشىنى توختىتىمىز دەيدىكەنمىز، كۈچلۈك بۆلىشىمىز كېرەك. كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق بولۇشى كېرەك. ئىتتىپاقلىقىمىزنى كۈچەيتىشتە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ رولى ناھايىتى زور. بىز سىياسەتچىلەر ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىشلارنى بىر ناخشا ياكى بىر شېئىر بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا شائىر ۋە سەنئەتچىلەر ئۆتەشكە تېگىشلىك ئىشلار ناھايىتى كۆپ.»
9-نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا شائىرلىرى ۋە سەنئەتچىلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى، مەزكۇر ئۇچرىشىشقا شائىر ۋە سەنئەتچىلەردىن سىرت ئەزەربەيجانلىق ۋە تۈركىيەلىك پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەتتە مۇجاھىت قەشقەرلىنىڭ كۆپ قېتىم سەھنىگە چىقىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، پائالىيەتكە قاتناشقانلار مۇجاھىت ئوقۇغان شېئىرلار ئاڭلىغاندىن كېيىن تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ياۋرو-ئاسىيا شائىرلىرى ۋە سەنئەتچىلىرى ئۇچرىشى 9 يىلدىن بېرى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، كېيىنكى ئۈچ قېتىملىقىغا ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلغان.