ئالماتادا «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى» كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2013.11.18
quddus-ghojamyarof-jumhuriyetlik-uyghur-muzikiliq-tiyatiri-305.jpg قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق تىياتىرى. 2011-يىلى دېكابىر، قازاقىستان.
RFA/Oyghan

15-نويابىردا ئالماتادا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى» كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتتى.

مەزكۇر كىتاب ئۇيغۇر دىيارىدا يورۇق كۆرگەن ئون ئۈچ توملۇق «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ۋە ئالتە توملۇق «ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى» ناملىق كىتابلار ئاساسىدا تەييارلانغان بولۇپ، ئالماتادىكى «مىر» نەشرىيات ئۆيى تەرىپىدىن كىرىل يېزىقىدا نەشر قىلىندى. مۇراسىم ئالماتا شەھەرلىك ئۇيغۇر يىگىت باشلىرى بىرلەشمىسى يېنىدىكى «ئالماتا مەشرىپى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ھەم ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.

پېشقەدەم ژۇرنالىست يادىكار سابىتوف ئون ئىككى مۇقام تارىخى ھەققىدە دوكلات بەرگەندىن كېيىن، سۆزگە چىققان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف، مەزكۇر كىتابنى تەييارلىغۇچى، پېشقەدەم سەنئەتكار سادىقجان يۇنۇسوف، «ھۆرمەت » ئوردېنىنىڭ ساھىبى ئازاد بۇرھانوف، پېداگوگىكا پەنلىرىنىڭ دوكتورى مۇنەۋۋەر يۇنۇسوۋالار كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشىنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ھاياتىدىكى چوڭ بىر يېڭىلىق ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مۇقامچىلىقىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئاندىن كىتابنى نەشر قىلىشقا ھامىيلىق قىلغان «ئالماتا مەشرىپى» نىڭ بېگى بۇرھان تاجىدىنوف، س. يۇنۇسوفقا سوغىلار تاپشۇردى.

مۇراسىم داۋامىدا ئۇيغۇر تىياتىرى كوللېكتىپى، شۇنداقلا «دىيار » سەنئەت گۇرۇپپىسىنىڭ كونسېرت پروگراممىسى كۆرسىتىلدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يېزا ئىگىلىكى دوكتورى، ئاكادېمىك مۇھەممەتجان ئابدۇللايېف مۇراسىم ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.