خەلق سەنئەتكارى مۇساجان روزىنىڭ تېلېفونى قايتا ئېچىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014.12.22
musajan-rozi.jpg خەلق سەنئەتكارى مۇساجان روزى
RFA/Qutluq


سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەڭچىسى، خەلق سەنئەتكارى، ئۇستاز سازەندە مۇساجان روزى ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدىن كەلگەن تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى سەۋەبىدىن خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ تەكشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل توقسان ياشتىن ھالقىغان ئاتاغلىق سازەندە مۇساجان روزىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۆزى ھەققىدە مەخسۇس 13 قېتىم زىيارەت پروگراممىسى ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئىلى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئۇنىڭدىن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھەققىدە بەزىبىر سوئاللارنى سورىغان، شۇنداقلا پەنجىم يېزىلىق ساقچىخانا خادىملىرى نوپۇس تەكشۈرۈش باھانىسى بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىنى تەكشۈرگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى مۇساجان روزىغا بۇنىڭدىن كېيىن چەتئەلدىن كەلگەن ھەر قانداق تېلېفونلارنى قەتئىي قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.