«تارىم ئانسامبىلى» تۈركىي مىللەتلەر خەلقئارا مۇزىكا فېستىۋالىغا قاتناشتى

0:00 / 0:00

خەلقئارا تۈركىي مىللەتلەر مۇزىكا فېستىۋالى رۇسىيەدىكى باشقۇردىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئۇفادا داۋام قىلماقتا. دۇنيا تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت تەشكىلاتى بولغان «تۈركسوي» نىڭ تەشكىللىشى ۋە باشقۇردىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر 18-نۆۋەتلىك «ئورال مۇڭى» نامىدىكى خەلقئارالىق تۈركىي مىللەت ياشلىرى مۇزىكا فېستىۋالىنىڭ 1995-يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىقىغىمۇ ئۇفا ساھىبخانىلىق قىلغان ئىدى.

2016-يىللىق فېستىۋالنىڭ تۈركىي مىللەت ياشلار مۇزىكا كۆرۈكىگە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولۇپ قازاقىستاندىكى «تارىم ئانسامبىلى» نىڭ ئارتىسلىرىدىن پولات ھېزىموف ۋە ئامىر ھېيتباقىيېفلار قاتناشماقتا.

باشقۇردىستان ئۇچۇر ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 26‏-ماي كۈنى باشلانغان فېستىۋالنىڭ 3 كۈنلۈك بۇ چوڭ تىپتىكى كۆرۈكىگە رۇسىيەنىڭ ئون رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 16 دۆلەت ۋە رايوندىن 70 نەپەر ياش تۈركىي مىللەت ئارتىسى قاتنىشىپ، ئۆز نومۇرلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇلار قاتارىدا ياش ناخشىچى ئامىر ھېيتباقىيېف قاتارلىقلار ئۇيغۇر ناخشا، مۇزىكىلىرىنى ئۇفا شەھىرى سەھنىسىدە ياڭرىتىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق، باشقۇردىستان پايتەختى ئۇفادىكى فېستىۋالغا قاتنىشىۋاتقان «تارىم ئانسامبىلى» ئارتىسلىرى پولات ھېزىموف ۋە ئامىر ھېيتباقىيېفلار بىلەن مۇخبىرىمىزنىڭ ئېلىپ بارغان سۆھبىتىگە دىققەت بەرگەيسىلەر.