غەربىي تۈركىستان زېمىنىدا يېڭى مائارىپ ۋە مىللىي ئىستىقلالىيەت ھەرىكەتلىرىنى باشلىغان مىللەتپەرۋەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان ئوسمان خوجا، 1920-1921-يىللىرىدا بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
ئۇ، سوۋېت رۇسىيىسىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن ئىدى. ئۇ تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن «ياش تۈركىستان» ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، ژۇرنالدا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىمۇ كۆپ ساندا ماقالە ۋە خەۋەرلەرگە ئورۇن بەرگەن. ئۇ، 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە ئۆز كىشىلىرىنى ئەۋەتكەن. ئۇنىڭ ئوغلى ئامېرىكا مىشىگېن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور تىمۇر قوجائوغلۇ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇخارا جۇمھۇر رەئىسى ئوسمان خوجائوغلۇ، مۇستافا چوقايغا ئوخشاش تۈركىستانلىق زىيالىيلار قاتارىدا چەتئەلدىكى ھاياتى بويىچە تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان.
ئوسمان خوجا 1878-يىلىدا فەرغانىدا دۇنياغا كەلگەن. بۇخارا مەدرىسىسىدە ئوقۇغاندىن كېيىن بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ھالدا ھىندىستان، قازان ۋە قىرىمدىكى باغچەسارايدا نەشر قىلىنغان كىتاب، گېزىت ۋە ژۇرناللارنى ئەكەلدۈرۈپ ئوقۇغان. ئۇ، تۈركىستان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ كۆپ ساندا ياشنى چەتئەلگە ئەۋەتىپ ئوقۇتقان، رۇسلارغا قارشى قوزغىلاڭلارغا قاتناشقان. 1921-يىلى، 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا بۇخارا جۇمھۇرىيىتى رەئىسى بولۇپ سايلانغان. ئۇ، بۇخارا جۇمھۇرىيىتى ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن 1923-يىلى ئىستانبۇلغا كەلگەن. ئۇ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بولۇپ، 1968-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتكەن.