ئوسمانلى ئارخىپلىرىدا شەرقىي تۈركىستان دېگەن كىتاب ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى

0:00 / 0:00

مەركىزى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇغا جايلاشقان تۈرك دۇنياسى شەھەرلەر بىرلىكى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇرۇلغان «ئوسمانلى ئارخىپلىرىدا شەرقىي تۈركىستان» دېگەن كىتاب ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى.

بۇ كىتاب نەشر قىلىنغاندىن كېيىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پىكىر بايان قىلىپ، كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان شەخسلەرگە ۋە نەشر قىلغان تۈرك دۇنياسى شەھەرلەر بىرلىكىگە خەت يېزىپ رەھمەت ئېيتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بۇ كىتاب نەشر قىلىنغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى، ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات تورى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلار تۈرك دۇنياسى شەھەرلەر بىرلىكىگە تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇلارغا خەت يېزىپ رەھمەت ئېيتتى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت تۈرك دۇنياسى شەھەرلەر بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى. تۈرك دۇنياسى بەلەدىيەلەر بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى دوكتور پەخرى سولاك ئەپەندى ئۇيغۇر ھەيئەتنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

تۈرك دۇنياسى بەلەدىيەلەر بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى دوكتور پەخرى سولاك ئەپەندى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا
تۈرك دۇنياسى بەلەدىيەلەر بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى دوكتور پەخرى سولاك ئەپەندى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا


پەخرى سولاك ئەپەندى، كىتاب نەشر قىلىنغاندىن كېيىن بىر ئىككى كۈن ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن نەچچە يۈز پارچە ئىل خەت تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تەشەككۈر ئېيتسا، بەزىلىرى كىتابنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە بۇنىڭدىن قاتتىق مەمنۇن بولغانلىقىنى، كىتابنى نەشر قىلىشتا توغرا بىر قارار ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار بۇ كىتاب نەشر قىلىنغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقى ئىپادىلىدى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ فېسبۇك سەھىپىسى ئارقىلىق بۇ كىتابنى نەشر قىلغان تۈرك دۇنياسى شەھەرلەر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئىبراھىم قارائوسمانئوغلىغا رەھمەت ئېيتىپ خەت يازدى.

582 بەتلىك چوڭ ھەجىملىك بۇ كىتاب ئۈستىدە توختالغان دوكتور پەخرى سولاك ئەپەندى بۇ كىتابنى نەشر قىلىشتىكى مەقسىتى ۋە كىتابنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تۈرك دۇنياسى شەھەرلەر بىرلىكى بۇ بىرلىككە ئەزا بولغان جۇغراپىيەلەردە يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە شەھەرلەر بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە خىزمەت قىلغانغا ئوخشاش، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت، قىممەت قاراشلىرىغا ئالاقىدار نەشرىيات ساھەسىدىمۇ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە، بالقانلار، كافكازىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە بىزنىڭ مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىمىز بولغان جۇغراپىيىلىرىمىزگە ئالاقىدار نەشرىيات ئىشلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ‹ئوسمانلى ئارخىپلىرىدا ئەزەربەيجان› نامىدا بىر كىتاب نەشر قىلغان ئىدۇق، شۇنىڭغا ئوخشاش يەنە ‹ئوسمانلى ئارخىپلىرىدا شەرقىي تۈركىستان› دېگەن نامدا بۇ كىتابنى نەشر قىلدۇق. بۇ كىتابقا 19 - ئەسىرگە ئائىت يەنى 1769 - يىلى بىلەن 1917 - يىللار ئارىسىدىكى ئوسمانلى ئارخىپىدا مەۋجۇت بولغان ھۆججەتلەرنى توپلىدۇق.»

دوكتور پەخرى سولاك ئەپەندى بۇ كىتابنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇ كىتاب ئىككى نۇقتىدىن ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قاراشقا بولىدۇ، بىرىنچىسى: ئوسمانلى ئارخىپىدىكى ھۆججەتلەر تۇنجى قېتىم بىر كىتاب ھالغا كەلتۈرۈلۈپ خەلق ئاممىسىغا سۇنۇلدى. بۇ كىتابقا ئۇ دەۋردىكى تارىخى ئىسمى بولغان شەرقىي تۈركىستان دېگەن نام بېرىلدى. چۈنكى ئۇ دەۋردە يەنى 19 - ئەسىردە ئۇ رايوننىڭ تارىخى نامى رەسمىي دۆلەتلەر ئارا خەت - چەكلەردە شەرقىي تۈركىستان دەپ يېزىلغان. بۇ كىتاب تارىختىكى شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى توپلاپ نەشر قىلىندى. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە، مۇقەددىمىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىغا ئالاقىدار بىر مۇقەددىمە يېزىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا شەرقىي تۈركىستاندا ئىز قالدۇرغان شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالى كىرگۈزۈلدى. بۇ كىتاب تارىخقا قىزىققۇچىلار ۋە ياكى تارىخ تەتقىقاتچىلار، ئاكادېمىكلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۈچۈن مۇھىم بىر مەنبە بولىدۇ. بۇ كىتابنىڭ ئىچىدە يۈزلەرچە ھۆججەتنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە تەرجىمىسى قويۇلدى. بۇ ھۆججەتلەر ئارقىلىق يېڭىدىن ماقالە يېزىشقا ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا ئىمكان يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ جەھەتتە تۈركىيەدە تۇنجى بىر خىزمەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ جەھەتتە ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قاراشقا بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان يېقىندىن بۇيان تۈركىيە جامائىتى ئارىسىدا ۋە رايوندىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەن مەسىلىلەردىن بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ، توغرا بىر مەلۇماتقا ئىگە بولۇش، تارىخى ھۆججەتلەرگە ئېرىشىش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمىز.»

دوكتور پەخرى سولاك ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەتتە
دوكتور پەخرى سولاك ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەتتە


دوكتور پەخرى سولاك ئەپەندى، «بۇ كىتابنى تەلەپ قىلغۇچىلار كىتابقا قانداق ئېرىشەلەيدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ كىتاب ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بىزمۇ مەمنۇن بولدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن كىتابنىڭ PDF نۇسخىسىنى بىزنىڭ رەسمىي ئىنتېرنېت تور سەھىپىمىزگە قويدۇق. كىتابنى ئوقۇشنى خالىغانلار ئۇ ئادرېستىن ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئوقۇيالايدۇ.»

كىتابنى توردىن چۈشۈرۈش ئادرېسى:

http://www.tdbb.org.tr/tdbb/wp-content/uploads/2016/02/DOGU_TURKISTAN_INTERNET.pdf